مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تۆھپە قوشۇش، شان-شەرەپ كەلتۈرۈش لازىم

__ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2023.03.16 00:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:


  «دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ كۈچ ئۇلاش تايىقى بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى.» 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، «بىز ھارماي-تالماي تىرىشىپ ئىشلەپ، تارىخىي ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىستىراتىگىيەلىك ئىرادىدە چىڭ تۇرۇپ، كۈرەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تۆھپە قوشۇش، شان-شەرەپ كەلتۈرۈش لازىم!» دەپ تەكىتلىدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، تارىخىي ئىشەنچ چىڭىتىلىپ، بۇرچ-مەسئۇلىيەت نامايان قىلىنىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلگەن بولۇپ، قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىگە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.


  يېقىنقى زاماندىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللىتى مىسلىسىز بالايىئاپەتكە ئۇچرىدى، دۆلەت ھاقارەتكە ئۇچرىدى، خەلق قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى، مەدەنىيەتكە چاڭ-توزان قوندى. جۇڭگودا كومپارتىيەنىڭ بارلىققا كېلىشى بۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن زور ۋەقە بولدى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو كومپارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۇلۇغ جاسارەت بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك تارىخىي داستاننى يېزىپ چىقتى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيەت ۋە 100 يىلدا كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئۇلۇغ تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى، غايەت زور سىياسىي جاسارەت، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىيلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىيلاشتۇرۇشنى مۇۋەپپپەقىيەتلىك ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى ھالىتىنى بەرپا قىلدى. جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويدى.


  رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ھازىردىن باشلاپ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى.» شەرەپلىك ۋە ئارزۇغا تولغان يېڭى مۇساپىدە، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك يېقىنلاشتۇق، تېخىمۇ ئىشەنچ ۋە ئىقتىدارغا ئىگە بولدۇق، بۇنىڭ بىلەن بىرگە، چوقۇم تېخىمۇ قىيىن، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بوران چاپقۇن، ھەتتا دەھشەتلىك دولقۇنلارنىڭ زور سىنىقىغا تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك.


  پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلىپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ دەۋر بۇرغىسى چېلىندى. بۇرچ قانچە شەرەپلىك، ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل بولغانسېرى تارىخ ئىشەنچىنى شۇنچە چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى شۇنچە كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە مەركىزىي ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىجادىي ئىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.


  قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار نىشانى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ: قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە «قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش»، «خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇش»، «تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش»، «<بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش> ئەمەلىيىتى ۋە ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش»، «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇش» كېرەك دەپ تەكىتلىدى. يېڭى مۇساپىدە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىش، ئىلگىرىلەش تەقدىرىنى ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدا تۈزۈپ چىقىلغان ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىشىمىز كېرەك؛ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك؛ ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى ئۈنۈملۈك قوغدايدىغان پولات سېپىل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك؛ «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش» يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك؛ يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق نەپ ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى خەلقئارا مۇھىت يارىتىشىمىز كېرەك.


  «قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشىمىز كېرەك.» شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى − ئىشلىرىمىزغا رەھبەرلىك قىلىدىغان يادرولۇق كۈچ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تۈپ كاپالەت، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى «كۈچلۈك مۇقىملاشتۇرغۇچ». پەقەت پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغدىغاندىلا، ئاندىن دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك سىياسىي ئۇيۇشۇش كۈچىگە، تەرەققىيات ئىشەنچىگە ئىگە بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەممە بىر نىيەتكە كېلىدىغان، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ. پارتىيەمىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشتىن-ئاخىر خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىش، ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش سەگەكلىكى ۋە قەتئىيلىكىنى ھەر ۋاقىت ساقلىشى شەرت. باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى بىر دەقىقىمۇ توختىتىپ قويماي، قەتئىي تەۋرەنمەي چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى ساقلىغاندىلا، پارتىيەنىڭ سۈپىتى، خىسلىتى، خاراكتېرىنىڭ مەڭگۈ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.


  تارىخ ئېقىمى ھەيۋەتلىك ئۆركەشلەپ ئاقماقتا، ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەر ئۇدا كۈرەش قىلىپ، بۈگۈنكى جۇڭگونى ياراتتى. يېڭى نىشانغا قاراپ جاسارەت بىلەن قايتا ئاتلاندۇق، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى مۇساپىدە دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان، تارىخقا يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشايلى!



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر



  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ