مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەرلەرنىڭ تۇغۇتقا ھەمراھ بولۇش دەم ئېلىشى ئۇلارنىڭ ھوقۇقى، شۇنداقلا مەسئۇلىيىتىدۇر

2023.03.16 00:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىلقى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»دا، بىر قانچە ۋەكىل، ئەزالارنىڭ تەۋسىيە-تەكلىپلىرى ئەرلەرنىڭ بالا تەربىيەلەش مەسئۇلىيەت مەسىلىسىگە مەركەزلەشتى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى دىڭ لېي ئەر-خوتۇنلارنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىشىنى ئورتاق ئىشلىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئەرلەرنىڭ ئورتاق بېقىش مەسئۇلىيىتىنى ئۆستۈرۈش تەكلىپىنى بەردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جەنۇبىي جۇڭگو پېداگوگىكا داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى لىن يۇڭ ئەرلەرنىڭ تۇغۇتقا ھەمراھ بولۇش دەم ئېلىشى 42 كۈندىن ئارتۇق بولۇش تەكلىپىنى بەردى.

  تۇغۇتقا ھەمراھ بولۇش دەم ئېلىشى __ قانۇن بويىچە تىزىملىتىپ توي قىلغان ئەر-خوتۇنلاردىن ئايال تەرەپ تۇغۇت دەم ئېلىشىدىن بەھرىمەن بولغان مەزگىلدە، ئەر تەرەپ بەھرىمەن بولىدىغان مەلۇم ۋاقىت قارشى تەرەپنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ھوقۇقى. ھەر قايسى جايلارنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، تۇغۇتقا ھەمراھ بولۇش ۋاقتى قىسقا بولغاندا يەتتە كۈن، ئۇزۇن بولغاندا بىر ئاي بولغان. بۇ، تۇغۇتقا ھەمراھ بولۇش دەم ئېلىشىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئەر ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بىر تۈرلۈك ھوقۇقىغا ئايلانغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. «ئۈچ بالىلىق بولۇش دەۋرى»دە تۇغۇتقا ھەمراھ بولۇش دەم ئېلىشىنى قانداق قىلىپ تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈش كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  2009-يىلى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاياللار تەتقىقات مەركىزى ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، «ئەرلەرنىڭمۇ تۇغۇت دەم ئېلىش ھوقۇقى بولۇش» ئاممىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. %80 زىيارەت قىلىنغۇچى «بالىلىق بولۇش ۋە تەربىيەلەش ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى» دەپ قارىغان؛ %70 زىيارەت قىلىنغۇچى «تۇغۇتلۇق ئايال ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق باشقىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغا ئالاھىدە مۇھتاج» دەپ قارىغان.

  ئەمەلىيەتتە، ئەرلەرنىڭ تۇغۇتقا ھەمراھ بولۇش دەم ئېلىشى تەسىس قىلىنىشى ئەرلەرنى تۇغۇت، بالا تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ كۆپ ئۈستىگە ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان بولۇپ، بۇ، ئاياللارنىڭ ئائىلە ۋە خىزمەت جەريانىدىكى بېسىمىنى يېنىكلىتىپ، جىنسىي باراۋەرلىكنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

  ھالبۇكى، رېئال تۇرمۇشتا بەزى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار، بولۇپمۇ كارخانىلار ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە ئادەم كۈچى تەننەرخىنى تېجەش ئۈچۈن، تۇغۇتقا ھەمراھ بولۇش دەم ئېلىشىنى قەستەن بىلمىگەنگە سېلىۋالماقتا. بەزى جايلاردا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچلۈك بولمىغاچقا، تۇغۇتقا ھەمراھ بولۇش دەم ئېلىشىنىڭ ئەمەلىيلەشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يەنە بەزى ئەرلەر تۇغۇتقا ھەمراھ بولۇش دەم ئېلىشىنى خالىمايدۇ ياكى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋاز كېچىدۇ. گەرچە، ئۇلارنىڭ ئايالىنىڭ تۇغۇتى ۋە بالا تەربىيەلىشىگە

  ھەمراھ بولۇشى ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى بولسىمۇ، لېكىن تۇغۇت دەم ئېلىشى خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزۈشى، ھەتتا بەلگىلىك خەتەرگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ، ھەتتا ئاز ساندىكى ئەرلەر «ئەرلەر سىرتتىكى ئىشلارغا، ئاياللار ئۆي ئىچىدىكى ئىشلارغا مەسئۇل» دەيدىغان ئەنئەنىۋى كۆز قاراشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئايالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەسئۇلىيىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.

  تۇغۇتقا ھەمراھ بولۇش دەم ئېلىشى ئەرلەرگە نىسبەتەن ھەم ھوقۇق، ھەم مەسئۇلىيەت. ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، خىزمەت ۋە ئائىلە ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇق نۇقتىسىنى تېپىش كېرەك، خىزمەتكە ئەھمىيەت بېرىمەن دەپلا ئائىلىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. تۇغۇتقا ھەمراھ بولۇش دەم ئېلىشى ئەرلەرنى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىغا تېخىمۇ ياخشى قاتناشتۇرىدۇ، شۇنداقلا بالىلارنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقىغا پايدىلىق، تۇغۇتلۇق ئاياللارغا نىسبەتەن پىسخىكا جەھەتتىن كۆپرەك تەسەللى بولىدۇ. تۇغۇت دەم ئېلىشىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىش، تەشۋىق قىلىش، ئىجرا قىلىش جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ