خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا بېيجىڭ شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بىر قانچە تىپىك دېلو مىسالىنى ئېلان قىلدى.
چېڭ فامىلىلىك بىلەن جوۋ فامىلىلىك بېيجىڭ تۇڭجوۋدىكى مەلۇم ئولتۇراق رايوننىڭ ئوخشاش بىر بىناسىدىكى قوشنىلار بولۇپ، 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى جوۋ فامىلىلىك دوستى بىلەن ئۆزى تۇرۇۋاتقان بىنانىڭ كارىدورىدا تاماكا چەككەن ھەمدە تاماكا قالدۇقىنى كارىدورغا تاشلىغان، تاماكا چېكىش ئورنى چېڭ فامىلىلىكنىڭ ئۆيىگە يېقىن بولغاچقا، چېڭ فامىلىلىك مەھەللىنىڭ ئۆي ئىگىلىرى ئۈندىدار توپىغا ئۇچۇر يوللاپ، جوۋ فامىلىلىكتىن بۇ يەردە تاماكا چەكمەسلىكنى ۋە تاماكا قالدۇقىنى قالايمىقان تاشلىماسلىقنى تەلەپ قىلغان، ئىككى تەرەپ ئۈندىدار توپىدا تاكاللىشىپ قالغان، جوۋ فامىلىلىك ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈندىدار توپىدا دارىتما خاراكتېرلىك سۆزلەر بىلەن چېڭ فامىلىلىككە ھۇجۇم قىلغان ۋە ھاقارەتلىگەن.
بېيجىڭ شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ 1-سوت كوللېگىيەسىنىڭ سودىيەسى ۋاڭ تيەنشۈي مۇنداق دېدى: جوۋ فامىلىلىك ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن ئۈندىدار توپىدا پاراڭلىشىش جەريانىدا، چېڭ فامىلىلىككە يوللىغان مەزمۇنلار چېڭ فامىلىلىكنى جىنسىيەت خىزمەتچىسى دەپ دارىتمىلىغان بەزى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ مەزمۇنلاردا روشەن ھالدا چاكىنا، مەدەنىيەتسىز، ئاياللارنى ھۆرمەتلىمەيدىغان ھەمدە ھاقارەتلەش مەنىسى بولغان ئەھۋاللار مەۋجۇت.
چېڭ فامىلىلىك سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ، جوۋ فامىلىلىك ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەننىڭ ئۈندىدار توپىدىكى گەپ-سۆزلىرىنى ئۆزىنىڭ نام-شۆھرەت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى، ئادىمىيلىكىمگە ھاقارەت قىلدى دەپ قاراپ، ئىككىيلەندىن ئولتۇراق رايوندىكى ئۆي ئىگىلىرى ئۈندىدار توپىدا ئاشكارا ناماقۇل بولۇشنى ھەمدە روھىي زىيان تۆلەم پۇلى ئۈچۈن 5000 يۈەن بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
سوت مەھكىمىسى سوت قىلىش ئارقىلىق مۇنداق قارىدى: چېڭ فامىلىلىك ئولتۇراق رايوندىكى ئۆي ئىگىلىرى ئۈندىدار توپىدا جوۋ فامىلىلىكنىڭ كارىدوردىكى ئاممىۋى رايوندا تاماكا چېكىش ۋە تاماكا قالدۇقىنى قالايمىقان تاشلاش قىلمىشىنى توسۇش ۋە تەنقىدلەش ھەرىكىتى ئورۇنلۇق. ئادەتتىكى ئاممىنىڭ تونۇشىدىن قارىغاندا، جوۋ فامىلىلىك ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈندىدار توپىدا چېڭ فامىلىلىككە يوللىغان مەزمۇندا چاكىنا، مەدەنىيەتسىز، ئاياللارنى ھۆرمەتلىمەيدىغان ھەمدە ھاقارەت تۈسىنى ئالغان مەنە بولۇپ، روشەن ھالدا چېڭ فامىلىلىكنىڭ نام-شۆھرىتىگە ھاقارەت كەلتۈرگەن ۋە كىشىلىك قەدىر-قىممىتىنى كەمسىتكەن. ئولتۇراق رايوندىكى ئۆي ئىگىلىرى توپىنىڭ ئەزالىرى 139 غا يېتىدۇ، جوۋ فامىلىلىك ئاكا-ئۇكا ئىككىسىنىڭ سۆز-ھەرىكىتى، سۇبيېكتىپ يامان غەرىزى روشەن بولۇپ، چېڭ فامىلىلىكنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، چېڭ فامىلىلىكنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممەت ھوقۇقىغا ئورتاق چېقىلىشنى شەكىللەندۈرگەن، لېكىن چېڭ فامىلىلىككە ئېغىر روھىي زىيان سالغان دەپ بېكىتىشكە يەتمەيدۇ. ئاخىرىدا سوت مەھكىمىسى جوۋ فامىلىلىك ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەننى ئۇدا ئۈچ كۈن ئولتۇراق رايوندىكى ئۆي ئىگىلىرى ئۈندىدار توپىدا كەچۈرۈم سوراش باياناتى ئېلان قىلىپ، چېڭ فامىلىلىككە ئاشكارا ناماقۇل بولۇشقا ھۆكۈم قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ