شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئىران زۇڭتۇڭى رەئىسى تېھراندا زىيارەتكە كەلگەن بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو بىلەن كۆرۈشتى.
رەئىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: لوكاشېنكونىڭ ئىراندىكى زىيارىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولالايدۇ، ئىككى دۆلەت بۇ قېتىمقى زىيارەتتە ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق يول خەرىتىسىنى ھاسىل قىلدى، بۇ يول خەرىتىسى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق يولىنى بەلگىلەيدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، ئىككى دۆلەت زۇڭتۇڭلىرىنىڭ گۇۋاھلىقىدا، ئىككى دۆلەت سانائەت، كان ئېچىش، سودا، يېزا ئىگىلىكى، قاتناش قاتارلىق ساھەلەردە سەككىز پارچە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ