شى جىنپىڭ: خەلقنىڭ ئىشەنچىسى مېنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىمدىكى ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، شۇنداقلا زىممەمدىكى ئېغىر مەسئۇلىيەت

2023.03.13 14:17 مەنبە: خەلق تورى

  شى جىنپىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا مەن داۋاملىق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندىم، ۋەكىللەرنىڭ ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ماڭا ئىشەنگەنلىكىگە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!

  شى جىنپىڭ يەنە مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئالىي ۋەزىپىنى ئۈچىنچى قېتىم ئۈستۈمگە ئېلىشىم. خەلقنىڭ ئىشەنچىسى مېنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىمدىكى ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، شۇنداقلا زىممەمدىكى ئېغىر مەسئۇلىيەت. مەن ئاساسىي قانۇندا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى ساداقەتمەنلىك بىلەن ئادا قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىنى بۇرچ قىلىپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ئۆلچەم قىلىپ، مەسۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن تۆھپە قوشۇپ، ۋەكىللەرنىڭ ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ھەرگىز يەردە قويمايمەن!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ