مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گۈزەل توي تۇرمۇشىنى تويلۇق ئارقىلىق ئۆلچەشكە بولمايدۇ

2023.03.13 00:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تويلۇق بەزى جايلاردا بەسلىشىدىغان ئادەتكە ئايلىنىپ، ئەسلىدە مۇھەببەتنى ئاساس قىلىشى كېرەك بولغان تويلىشىش تويلۇقنى ئالدىنقى شەرت قىلىشقا ئۆزگىرىپ، توي تۇرمۇشىنىڭ شېرىنلىكىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي، يەنە ئىقتىسادىي يۈكنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. توي تۇرمۇشىنىڭ بەخت-سائادىتىنى تويلۇقنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بىلەن ئۆلچەشكە بولمايدۇ، ھېسسىياتنى ۋاسىتە قىلغان توي تۇرمۇشى «بىر قولدا ئادەمنى تاپشۇرۇش، بىر قولدا پۇل تاپشۇرۇش»تەك سودىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك.

  بەزى يېزىلاردا «شارائىت قانچە ناچار بولسا تويلۇق شۇنچە يۇقىرى بولۇش، ئائىلىدە قىيىنچىلىق قانچە ئېغىر بولسا تويلۇق شۇنچە يۇقىرى بولۇش» ئەھۋالى مەۋجۇت، ئايرىم ئائىلىلەر ھەتتا «توي سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتتى». يەنە بەزى ئائىلىلەر ئوغۇللارنى ئەزىزلەپ، قىزلارنى كۆزگە ئىلماسلىقتەك قالاق قاراش بىلەن چەكلىنىپ قېلىپ، قىزنى ياتلىق قىلىپ ئېرىشكەن تويلۇقنى ئوغلىغا ئۆيلەشكە ئىشلىتىپ، رايون خاراكتېرلىك تويلۇقنىڭ سوممىسى بارغانسېرى ئېشىپ بارىدىغان يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنى شەكىللەندۈردى. ئەمەلىيەتتە، يۇقىرى باھالىق تويلۇق ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. توي قىلىش يېشىدىكى ياشلار توي قىلىشقا پېتىنالمايدۇ ياكى ئەسلىدە توي قىلىشقا تېگىشلىك بولغان يىگىت-قىزلارنىڭ ھېسسىياتى بۇزۇلىدۇ، ھەتتا ئۆچەكىشىپ، جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، «ئادەم ۋە مال-مۈلۈكتىن بىراقلا قۇرۇق قېلىش»تىن ئىبارەت تىراگېدىيەلەرنى پەيدا قىلىدۇ. توي قىلغان تەقدىردىمۇ، يۇقىرى باھالىق تويلۇق زىددىيەت يوشۇرۇن خەۋپىنى پەيدا قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ باراۋەرسىزلىكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئائىلە مۇناسىۋىتى ۋە ئەر-خوتۇنلۇق ھېسسىياتىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، تېخى مۇقىملاشمىغان توي مۇناسىۋىتىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ.

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تويلىشىش ئادىتى ئىسلاھاتىنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈپ، نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈردى، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىدىمۇ تويدىن پايدىلىنىپ مال-مۈلۈك ئۈندۈرۈۋېلىشنى مەنئى قىلىش ئېنىق بەلگىلەندى. كۆپ تارماق يۇقىرى باھالىق تويلۇق قاتارلىق ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىدىغان نۇقتىلىق ساھەلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتى لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى... بىر قاتار تۈزۈم لايىھەسى تويلۇقنىڭ «تېمپېراتۇرىسى»نى تۆۋەنلىتىپ، «مۇھەببەتنىڭ يۈكى»نى يېنىكلىتىۋاتىدۇ. لېكىن، كىشىلەرنى يۇقىرى سوممىلىق توي-تۆكۈن، ناچار ئادەتلەرنى ئىدىيە جەھەتتىن چۆرۈپ تاشلىتىش ئۈچۈن، ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى ۋە يولىدا يەنىمۇ يېڭىلىق يارىتىشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ يېتەكچى خاراكتېرلىك توي-تۆكۈن ئۆلچىمىنى بېكىتىش، توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرى كېڭىشى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ يۇقىرى سوممىلىق توي-تۆكۈننى توسۇش، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق، كىشىلەرنى توغرا توي-تۆكۈن، تۇغۇت قارىشى تۇرغۇزۇشقا يەنىمۇ يېتەكلەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ