مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتە شەكىلۋازلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك

2023.03.13 00:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»دا، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتى «مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ»نى تاپشۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەگىشىشى تەلەپ قىلىنغان سالون، تور سۇپىسى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن تاماملىنىدىغان يۈرەك بېرىش، تارقىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، تور باشقۇرۇش بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قاتنىشىش قېتىم سانىنى ئازايتىش، تەكرار قاتنىشىشتىن ساقلىنىش، جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش ۋە نازارەتنى قوبۇل قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى.

  تۈگىمەيدىغان يۈرەك بېرىش، بېلەت تاشلاش، چۈشۈرۈپ تۈگىمەيدىغان ئەپ دېتال، ئەگىشىپ تۈگىمەيدىغان سالونلار...

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھەر خىل كۆچمە تېرمىنال يۇمشاق دېتاللىرى ۋە ئەپ دېتاللار كىشىلەرگە نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يان تېلېفوندىكى شەكىلۋازلىقمۇ ئاستا-ئاستا پەيدا بولدى. مائارىپتىن باشقا نۇرغۇن ۋەزىپىلەر ئوقۇتقۇچىلارغا سېلىق قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ۋاقتى ۋە زېھنىي كۈچىنى ئىگىلەپ، بىر خىل يېڭى يۈك بولۇپ قالدى، بۇنداق مەسىلىلەر ئەمەلىيەتتە يانفوندىكى شەكىلۋازلىقنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى ئىپادىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا چوقۇم ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  ئوقۇتقۇچىلار ئەگەر «يۈرەك بېرىش»، «تارقىتىش» قاتارلىق ھەر خىل سېلىقلارنى تاماملاش ئۈچۈن ئۈچۈن چارچىسا، ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە يەنە نەدىمۇ ۋاقىت ۋە زېھنى بولسۇن. ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆز خىزمىتى ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، ناۋادا مۇرەككەپ شەكىلۋازلىق پاتقىقىغا چۈشۈپ قالسا، ئەڭ ئاخىرىدا بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ زىيىنى ناھايىتى روشەن.

  ئەمەلىيەتتە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالاقىدار تارماقلار ئارقا-ئارقىدىن «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئوقۇش-ئوقۇتۇشتا يەنىمۇ ياخشى مۇھىت يارىتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»، «مەكتەپلەرگە ئوقۇش-ئوقۇتۇش بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغان <ئەگەشكۈچى كۆپەيتىش>، <باھالاش>، <تەۋسىيەلىك سېتىش> قاتارلىق بۇيرۇق خاراكتېرلىك ۋەزىپىلەرنى چېچىشنى مەنئى قىلىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، شەكىلۋازلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش-ئوقۇتۇشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنى قاتتىق ئېنىقلاپ قېلىپلاشتۇرۇشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ سىياسەتلەر يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوشۇقچە يۈكى سەل يېنىكلىدى، لېكىن بەزى جايلاردا بۇنداق مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت، نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار يەنىلا ئوشۇقچە يۈك قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلمەكتە. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتە شەكىلۋازلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش، ئوقۇتقۇچىلارغا شەكىلى ئۆزگەرگەن ۋەزىپىنى چېچىشتىن ساقلىنىش، تېخىمۇ مۇھىمى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ساداسى ئىچىدە يوققا چىقىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

  مەلۇم دەرىجىدە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش دەل بالىلارغا مەدەت بەرگەنلىك. يۈكنى يېنىكلەتكەندىلا، ئوقۇتقۇچىلارنى تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرگىلى، ئۇلارنىڭ تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى، مائارىپ خىزمىتىنى تېخىمۇ كۆپ ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلغىلى، بالىلارنى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن قىلغىلى بولىدۇ. ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىقنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا كاشىلا قىلىشىدىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك، مۇشۇنداق بولغاندىلا ئۇلار ۋاقىت چىقىرىپ، تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ۋە زېھنىنى قېتىرقىنىپ ئوقۇتۇش، تىنچ ئادەم تەربىيەلەش خىزمىتىگە سەرپ قىلالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ