مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

باشلانغۇچ مەكتەپ ئاتا-ئانىلارنىڭ ئوقۇش تارىخى، كەسپىگە قاراپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورنىنى تىزدىما؟

شۇ جايدىكى مائارىپ ئىدارىسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2023.03.13 00:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ليۇچېڭ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى ئورگان تەرەپ مىكرو بىلوگىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا گۇاڭشى ليۇجوۋدىكى ليۇچېڭ ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى توردا تارقالغان «ليۇجوۋدا بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئاتا-ئانىلارنىڭ ئوقۇش تارىخى، كەسپى بويىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورنىنى تىزدى» دېگەن ئۇچۇرغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  2023-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى، بىر تورداش «ليۇجوۋدا بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئاتا-ئانىلارنىڭ ئوقۇش تارىخى، كەسپى بويىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورنىنى تىزىش» ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلدى، ليۇچېڭ ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ۋەقەگە چېتىشلىق ليۇچېڭ ناھىيەلىك ۋېنچاڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنى دەرھال تەكشۈردى. ئەھۋال تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرۇش قىلىندى:

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 2-ئاينىڭ 27-كۈنى ليۇچېڭ ناھىيەلىك ۋېنچاڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئوقۇش تارىخى، كەسپىي ئۇچۇرلىرىنى توپلىغانلىقى، بۇنىڭ ئائىلە تەربىيەسى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن قانات يايدۇرۇلغان، ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش ئۈچۈن، «دومىلىما شەكىلدىكى ھەممەيلەن ئايلىنىش پىرىنسىپى» بويىچە، ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم ئورۇن ئالماشتۇرىدۇ، ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ سىنىپتا ئوخشاش بولمىغان ئورۇندا ئولتۇرۇش پۇرسىتى باراۋەر بولىدۇ، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئوقۇش تارىخى، كەسپى بويىچە ئورۇن ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالى مەۋجۇت ئەمەس، توردا تارقالغان ئاتالمىش «ئاتا-ئانىلارنىڭ ئوقۇش تارىخى، كەسپى بويىچە ئورۇن تىزىش» ئۇچۇرى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. مەكتەپ ئائىلە تەربىيەسى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش بويىچە ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، خىزمەت ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولماي، ئايرىم ئاتا-ئانىلارنىڭ خاتا چۈشىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنىڭ ئۈچۈن مەكتەپ كەچۈرۈم سورىدى، ئاتا-ئانىلارغا چۈشەندۈرۈش بەردى.

  ليۇچېڭ ناھىيەسى پاك مەكتەپ قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەكتەپ ئىستىلى پاك، ئوقۇتۇش ئىستىلى دۇرۇس، ئۆگىنىش ئىستىلى ساپ، ئائىلە-مەكتەپ ساپ بولغان «قۇياش نۇرى تەربىيەسى»نى پائال بەرپا قىلىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز پاك مەكتەپ قۇرۇش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىدىغان ھەرقانداق ناتوغرا ئىستىلغا قەتئىي زەربە بېرىمىز. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ۋە كەڭ تورداشلارنىڭ نازارەت قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ