مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قوشۇنلارنى خىل، مەمۇرىي ئورۇنلارنى ئىخچام قىلىش لازىم

بىكارچىلارنى بېقىشقا بولمايدۇ

2023.03.13 00:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «مەركەزنىڭ دۆلەت ئورگانلىرى تارماقلىرىدىكى خادىملار ئىشتاتى %5 لىك نىسبەت بويىچە بىر تۇتاش قىسقارتىلىدۇ، يىغىۋېلىنغان ئىشتات ئاساسلىقى نۇقتىلىق ساھە ۋە مۇھىم خىزمەتلەرنى كۈچەيتىشكە ئىشلىتىلىدۇ.» دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى لايىھەسىدە، مەركەزنىڭ دۆلەت ئورگانلىرى تارماقلىرىدىكى خادىملار ئىشتاتىنى قىسقارتىش سانى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىدىكى خادىملار ئىشتاتى قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە ياخشى ئەمەس. كونىلاردا «يامغۇر مۇئەككىلى كۆپ بولسا، قۇرغاقچىلىق بولىدۇ» دېگەن گەپ بار، ئەگەر ھۆكۈمەت تارماقلىرىدىكى خادىملار ئارتۇق بولسا، ئاپپاراتلار كېلەڭسىز بولۇپ كەتسە، كۆپ تەرەپ باشقۇرۇش ۋە ھېچكىم باشقۇرماسلىق تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، خادىملارنىڭ ھوقۇق-مەسئۇلىيىتى قاتمۇقات بولۇش، ئېنىق بولماسلىق، كەم بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

  ئاپپاراتلاردا ئىشتىن ئادەم كۆپ بولۇپ كەتسە، بەلگىلەنگەن نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش، بېجىرىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى ياخشى قىلىش تەس بولۇپلا قالماي، يەنە ئاممىنىڭ مەمۇرىي مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولۇش تەسىراتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، «ئىشىكتىن كىرىش تەس بولۇش، چىرايى توڭ بولۇش، ئىش بېجىرىش تەس بولۇش» قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن. شۇڭا ئاپپارات ئىشتاتىنى ئىخچاملاش ۋە ئىلمىي تەڭشەش ___ مەمۇرىي ئۈنۈمنى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئىچكى تەلىپى.

  بۇ قېتىم مەركەزنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملار ئىشتاتىنىڭ ئىخچاملىنىشى ھەر دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قوشۇنلارنى خىل، مەمۇرىي ئورۇنلارنى ئىخچاملىشىغا ئاز بولمىغان ئىلھام بولدى. جۇڭگو شۇنچە چوڭ، جايلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى خىلمۇخىل، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە خادىملار ئىشتاتى باشتىن-ئاخىر شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى، ئىسمى بار، جىسمى يوق ئورگانلار تەسىس قىلىنماسلىقى، چاي ئىچىپ، گېزىت كۆرۈدىغان بىكارچىلارنى باقماسلىقى كېرەك. ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرى «ۋىۋىسكا ھەممە يەرنى قاپلاش»نى توسۇپ، مالىيەدىن باقىدىغان خادىملار نىسبىتىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۈزۈل-كېسىل ياپىلاقلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشى كېرەك.

  ھۆكۈمەت يەڭگىل قوراللىنىپ جەڭگە ئاتلىنىشتا چىڭ تۇرغاندىلا، ئىسلاھاتنى تېز ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. ئورگانلار كىچىكلىگەندە، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ قاتمۇقات قىيىن سىناقلارنى قۇبۇل قىلىش جاسارىتى بار بولىدۇ، خەلق ئاممىسى بىلەن بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، نۇرغۇن ئۆتكەللەردىن ئۆتەلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ