مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھەر بىر ئادەم 1600 يۈەن ئالالايدۇ، بۇ يەردە يەنە پاراۋانلىق تارقىتىلدى

2023.03.12 13:32 مەنبە: خەلق تورى

  يېشىل ئېنېرگىيە تېجەش ئىستېمالىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشنى تېزلىتىپ، ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي ئىستېمال پەسلىدىكى مۇھىم تەدبىر سۈپىتىدە, 3-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى جىڭسەي يېشىل ئىستېمال بېلىتى تارقاتتى.

  مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك سودا ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى 3-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە، ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00 دىن باشلاپ بېيجىڭدىكى ئىستېمالچىلارغا يۈزلىنىپ، تۇنجى تۈركۈمدە قاتناشقان 13 كارخانا تور سۇپىسى ئارقىلىق جىڭسەي يېشىل ئىستېمال بېلىتى تارقىتىدىكەن، بۇ بېلەتنى توردا ۋە تور سىرتىدا ئىشلىتىشكە بولىدىكەن. بۇ مەزگىلدە بېيجىڭدىكى ئىستېمالچىلار كارخانىلارنىڭ تور سۇپىسىدا پائالىيەتكە قاتناشسا قىممىتى 100 يۈەندىن 600 يۈەنگىچە بولغان نۇرغۇن ئىستېمال بېلىتى ئالالايدۇ، ئوخشاش بىر ئىستېمالچى ئوخشاش بىر سۇپىدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 1600 يۈەنلىك بەش ئىستېمال بېلىتى ئالالايدۇ، ئىستېمال بېلىتىنى ئىشلىتىش مۇددىتى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن بولىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ئىستېمال بېلىتىگە ماس كېلىدىغان تاۋارلار شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يانفون، خاتىرە كومپيۇتېر، تىزگىنەكلىك ئادەمسىز ئايروپىلان، تاختىسىمان كومپيۇتېر قاتارلىق 55 خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاۋارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ