مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو بۇ جازانى دەرھال بىكار قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

2023.03.12 00:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئافغانىستان مەسىلىسى توغرىسىدا يىغىن ئاچتى. جۇڭگو تەرەپ ۋەكىلى ئامېرىكا قاتارلىق ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئافغانىستان مەركىزىي بانكىسىنىڭ مۈلكىنى دەرھال ئافغانىستان خەلقىگە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى گېڭ شۇاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يەككە تەرەپلىك جازالاش ئافغانىستاننىڭ ئىقتىسادىي ئاساسىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، شۇ جاينىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ، شۇ جايدىكى ئاياللار، بالىلارنىڭ ياشىشى، تەرەققىي قىلىشىدىكى ئېغىر بويۇنتۇرۇق بولۇپ قالدى، ئۇنى دەرھال بىكار قىلىش كېرەك.

  جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى گېڭ شۇاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئافغانىستاننىڭ 7 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق چەت ئەل مۈلكى ئافغانىستان خەلقىگە مەنسۇپ، قائىدە بويىچە ئافغانىستان خەلقىگە ئىشلىتىلىشى كېرەك. ئالدىنقى ئايدا، ئامېرىكا نيۇيورك جەنۇبىي رايونى فېدېراتسىيە رايونلۇق سوت مەھكىمىسى ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئافغانىستاننىڭ چەت ئەلدىكى مۈلكىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش ھوقۇقى يوق، دەپ كېسىم چىقارغان. بۇ، ئافغانىستاننىڭ مۈلكىنى توڭلىتىش ئۇسۇلىنىڭ ئەقىلگە سىغمايدىغانلىقىنى، قانۇنىي ئاساسى يوقلۇقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. ئامېرىكا قاتارلىق ئالاقىدار دۆلەتلەر ئاففانىستان مەركىزىي بانكىسىنىڭ مال-مۈلكىنى ئافغانىستان خەلقىگە دەرھال قايتۇرۇپ بېرىپ، ئافغانىستاندىكى ئاياللار ۋە بالىلارنى بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەندۈرۈشى، تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن كەينىگە سۈرمەسلىكى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ