نەتىجە 1:1 بىلەن تەڭلەشتى!

شىنجاڭلىق تۆت ماھىر U20 دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنى ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە سەككىز كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىرگۈزدى

2023.03.12 00:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچتە، ئاسىيا لوڭقىسى U20 ئەرلەر پۇتبول D گۇرۇپپىسىنىڭ 3-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو 1:1 نەتىجە بىلەن قىرغىزىستان كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ، ئاخىرىدا بىر مەيدان ئۇتۇش، بىر مەيدان تەڭلىشىش، بىر مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجە بىلەن گۇرۇپپىدىن چىقتى. شىرزات نۇر، ئەفىردىن ئەسقەر، بەھرام ئابدۇۋەلى، مۇتەللىپ ئىمىندىن ئىبارەت شىنجاڭلىق تۆت توپچى دۆلەت ئۈچۈن جەڭگە چىقتى.

  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، جۇڭگو كوماندىسىدىكى ئەفىردىن، بەھرام، شىرزاتتىن ئىبارەت شىنجاڭدىن كەلگەن ئۈچ توپچى ئالدى مەيدان ھۇجۇم گۇرۇپپىسىنى شەكىللەندۈردى.

  6-مىنۇتتا، ئەفىردىن ئالدىنقى مەيداندا توپنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، چەكلەنگەن رايوننىڭ ئالدىنقى سېپىدە ۋارتاغا توپ تەپكەندە، قارشى تەرەپنىڭ ۋارتاسى توسۇۋالدى. 19-مىنۇتتا، ئەفىردىن قارشى تەرەپنىڭ چەكلەنگەن رايونىدا يەنە بىر قېتىم ۋارتاغا توپ تېپىش پۇرسىتىنى ياراتتى، ئۇ توپنى ئەپچىللىك بىلەن چىقىرىپ بۇلۇڭ ھاسىل قىلىپ، ئارقىدىن كۈچەپ بىرنى تەپتى، توپ توغرا لىم ئۈستىدىن چىقىپ كەتتى.

  26-مىنۇت بولغاندا، بەھرام مەيدان چېتىدىن توپنى ئېلىپ بۆسۈپ ئۆتۈپ بۇلۇڭ ھاسىل قىلىپ، كۈچەپ بىرنى تەپتى، توپ ئۇدۇل ۋاراتارنىڭ قولىغا چۈشتى.

  كېيىنكى يېرىم مەيداندا، مۇتەللىپ زاپاس ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ، يەنە بىر قېتىم پۇرسەت ياراتتى. مۇسابىقىنىڭ 58-مىنۇتىدا، ئەفىردىن سول تەرەپتىن توپ ئېلىپ تېز سۈرئەتتە بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئارقىدىن توپنى ئوتتۇرا يولغا پاس بەردى، چەكلەنگەن رايون سىرتىدىكى قىرغىزىستانلىق توپچى بېكبېردىنوف توپنى ئۆزىنىڭ ۋاراتاسىغا كىرگۈزدى.

  87-مىنۇت بولغاندا قىرغىزىستان كوماندىسى ئاخىرى توپ كىرگۈزدى، نەتىجە 1:1 بولدى.

  ئاخىرىدا، جۇڭگو كوماندىسى 1:1 نەتىجە بىلەن مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر مەيدان يېڭىپ، بىر مەيدان تەڭلىشىپ، بىر مەيدان يېڭىلىپ، تۆت نومۇرغا ئېرىشىشتەك نەتىجە بىلەن گۇرۇپپىدىن چىقتى. ياپونىيە كوماندىسى ئەڭ ئاخىرقى مەيداندا بىرگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسىنى يېڭىپ، ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدە ئۈچ مەيدان يېڭىپ، گۇرۇپپا بويىچە بىرىنچى بولۇپ گۇرۇپپىدىن چىقتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ