مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلەر يىغىنىنىڭ 2-يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2023.03.12 00:47 مەنبە: خەلق تورى

  سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 3-يىغىن ئۆتكۈزدى

  ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

  ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىدا سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، باش كاتىپى، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكى، سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى (لايىھەسى) قاتارلىقلار ماقۇللاندى


  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلەر يىغىنىنىڭ 2-يىغىنى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى شى تەيفېڭنىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، باش كاتىپى، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكى (لايىھەسى)نى مۇزاكىرە قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئىزاھاتى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ گۇرۇپپا يىغىنى ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئالاقىدار ھۆججەت لايىھەلىرى قاراپ چىقىلدى.

  سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن خۇ چۈنخۇا، شېن يۆيۆ، ۋاڭ يۇڭ، جوۋ چياڭ، پابالا گېلىلاڭجيې، خې خوۋخۇا، لياڭ جېنيىڭ، باتېر، سۇ خۇي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 3-يىغىنى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ئېچىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا بارلىق ئەزالار مۇزاكىرە قىلغان سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، باش كاتىپى، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى، بۇ نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكىنى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي يىغىندا بېلەت تاشلاپ سايلاشقا سۇنۇش قارار قىلىندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى شى تەيفېڭ نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكى (لايىھەسى)نى مۇزاكىرە قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

  يىغىندا ئالاقىدار ھۆججەت لايىھەلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە تۈزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ سايلام چارىسى ماقۇللاندى، باش بېلەت نازارەتچىسى، بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار (لايىھەسى) ماقۇللاندى، سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار (لايىھەسى)، سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسى توغرىسىدىكى قارار (لايىھەسى)، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى تەكلىپ تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ تەكلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى (لايىھە)، سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ سىياسىي قارار (لايىھەسى) ماقۇللاندى، يۇقىرىقى لايىھەنى سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ يېپىلىش يىغىنىدا ماقۇللاشقا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن خۇ چۈنخۇا، شېن يۆيۆ، ۋاڭ يۇڭ، جوۋ چياڭ، پابالا گېلىلاڭجيې، خې خوۋخۇا، لياڭ جېنيىڭ، باتېر، سۇ خۇي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ