مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى 2-ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

2023.03.09 23:23 مەنبە: خەلق تورى

  ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسى لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

  13 ئەزا يىغىندا سۆز قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 2-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى، يىغىننىڭ ئاساسلىق قارالمىسى: جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسى لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتنى ئاڭلاش، يىغىندا سۆز قىلىش. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى شى تەيفېڭ، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ خې ھەمدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا ئالدى بىلەن سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى باتۇرنىڭ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسى (لايىھەسى) توغرىسىدىكى ئىزاھاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  باتۇر سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنىڭ ئەھۋالى، تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىرىنسىپى، تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما-تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىگە مۇۋاپىق تۈزىتىش كىرگۈزۈش __ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي مەسلىھەت ئېلىپ بېرىش تۈزۈمىدە تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى چوڭ ئىش. سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسى يېڭى ۋەزىيەتكە ئۈزلۈكسىز ماسلىشىپ، يېڭى قائىدىلەرنى چىقارغاندىلا، رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق سىياسىي كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، قۇرۇلمىسى ئۆزگەرمىدى، مۇھىم مەزمۇنلار تولۇقلاندى، ئالاقىدار بايانلار مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

  ئارقىدىن 13 نەپەر سىياسىي كېڭەش ئەزاسى يىغىندا سۆز قىلدى.

  ئەزا تيەن خۇڭچى گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ يېڭىچە پارتىيە تۈزۈمى ھەرقايسى پارتىيەلەر ۋە ھەرقايسى پارتىيە-گۇرۇھلاردىكى زاتلارنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ توپلاشقا پايدىلىق. يېڭى مۇساپىدە، بىز ئەقىل-پاراسەت زىچ بولۇش، ئالاقە كەڭ بولۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياخشى مەسلىھەتچىسى، ياخشى ياردەمچىسى، ياخشى خىزمەتدىشى بولۇش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىمىزگە ئېلىپ، يېڭىچە پارتىيە تۈزۈمىنىڭ ئۈنۈمىنى پائال ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى تەدبىر بەلگىلەشتە پايدىلانما بىلەن تەمىنلەيمىز.

  ئەزا لىن يىفۇ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى كېيىنكىلەر ئەۋزەللىكى، باشقا يولدا يانداپ ئۆتۈش ئەۋزەللىكى، يېڭىچە پۈتۈن مەملىكەت تۈزۈلمىسى ئەۋزەللىكى، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك ئىچكى بازار ئەۋزەللىكىگە ئىگە. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بازار كۆزلىمىسىنى پائال مۇقىملاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ، نوپۇسنىڭ سۈپەت پايدىسىنى زور كۈچ بىلەن ئېچىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈشى ۋە مىقدارنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ئەزا مياۋ ۋېي سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ چوڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكى ۋە يېڭىچە پۈتۈن مەملىكەت تۈزۈلمىسى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش كېرەك؛ باشلامچى كارخانىلارنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئۆزگىچە يېڭى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى سىجىل كۈچەيتىپ، كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى پۇختا ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئەزا چيەن جىمىن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ كەسىپلەرنى يېتەكلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە، كەسىپلەرنى يېتەكلەش رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئىجادچان دۆلەت كارخانىلىرى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇدىرىيەتنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنى ۋە ھەرىكەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  ئەزا ۋاڭ يۈ مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: كۆزلىمە مۇقىم، ئىشەنچ يېتەرلىك بولسا، كارخانىلار سېلىنمىنى كېڭەيتىشكە، بازار ئېچىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ، مۇنەۋۋەر كارخانىچىلار روھى ئۈنۈملۈك قوزغىتىلىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى تولۇق قويۇپ بېرىلىدۇ. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ھەمكارلىشىپ كۈچ چىقىرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مۇھىتنى ئەلالاشتۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنى زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم يۈرۈشۈشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئەزا جاڭ خېچېڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىشتە، دېھقانلار ئاشلىق تېرىسا زىيان تارتماسلىقنى نىشان قىلىپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى پۇختىلاش كېرەك؛ كەسىپلەرنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يۆنىلىشىنى پۇختىلاش كېرەك؛ پەن-تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتەكچى قىلىپ، يېتەكلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى پۇختىلاش كېرەك؛ تۆۋەن كاربونلۇق يېشىل ئېكولوگىيەنى ئاساس قىلىپ، بايلىق تەگلىكىنى پۇختىلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  ئەزا تيەن گاڭ جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە بىرتۇتاش تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي تەتقىقات ۋە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنى تۈرگە ئايرىپ باھالاش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، ئالىي مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  ئەزا جاڭ ئېندى ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئېنېرگىيە ئىنقىلابى، پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، كۆمۈر قالاپ توك تارقىتىشتىكى كاربوننى ئازايتىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى كەسىپ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  ئەزا لى مالىن جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: 2021-يىلىدىن باشلاپ، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشنى دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، قوغداش، تۈزەش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىي، سالمىقىنىڭ زور، ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋادى ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە مۇقىملىقىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، چاڭجياڭ، خۇاڭخېنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشتىكى جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى يېزىش كېرەك.

  ئەزا تيەن شياڭلى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا مەدەنىيىتى روشەن مىللىي ئالاھىدىلىككە ۋە مەڭگۈ ئۆڭمەس دەۋر قىممىتىگە، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆزگىچە مەنىۋى دۇنياسىغا، پۇقرالار كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان، ئەمما ھېس قىلمايدىغان قىممەت قارىشىغا ئىگە. ۋەتەنپەرۋەرلىك يادرو قىلىنغان مىللىي روھ ۋە ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش يادرو قىلىنغان دەۋر روھى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى يۈكسەلدۈرۈشنى تولۇق نامايان قىلدى. يېڭى دەۋر ۋە ئەمەلىيەتنىڭ تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، قەدىمكىنى بۈگۈنكى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، كونىلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ، يېڭىلىرىنى يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ھازىرقىلارغا تېخىمۇ ياخشى سىڭدۈرۈش، ھازىرقىلارغا مۇلازىمەت قىلدۇرۇش، كېيىنكىلەرگە ۋارىسلىق قىلدۇرۇش كېرەك.

  ئەزا سۈن داۋېي سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ھەمكارلىقى يېڭى پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى، ئىستىقبالى پارلاق. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مۇلازىمەت قۇرۇلۇشى تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىدە نى-نى ئىشلارنى قىلالايدۇ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ باراۋەر كېڭىشىشتەك دېموكراتىيە ئەۋزەللىكى، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق فۇنكسىيەسى ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ئەقىل-پاراسەتنى كەڭ دائىرىدە توپلاپ، ياخشى تەدبىرلەرنى كەڭ دائىرىدە پىلانلاپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەرقايسى ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلار بىلەن كەڭ ئالاقە باغلاپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەرقايسى ئەللەر خەلقى، سىياسىي تەشكىلاتى، تاراتقۇ ئاقىللار ئامبىرى قاتارلىقلار بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

  ئەزا گاۋ يۇڭۋېن مۇنداق دېدى: شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېنلىقلارنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى مەدەنىيىتىنى ئېتىراب قىلىش تۇيغۇسى ناھايىتى يۇقىرى، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ پەن تەتقىقاتى كۈچلۈك، سودىسى تەرەققىي قىلغان، خەلقئارا بازار ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىغا مۇلازىمەت قىلىپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنى خەلقئارالىق ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، خەلقئارا جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى سودا مەركىزى قۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  ئەزا دىلنار ئابلا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە ۋە تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتتى، «12 مۇقام» قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۈنۈملۈك قوغدالدى. جەزمەن توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ تارىخى بىلەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئىچكى باغلىنىشىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بەلگىسى ۋە ئوبرازىنى قېزىپ چىقىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى يۇرت–ماكانى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ھەر مىللەت خەلق قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك. يىغىنغا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14- نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى خۇ چۈنخۇا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14- نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن شېن يۆيۆ، ۋاڭ يۇڭ، جوۋ چياڭ، پابالا گېلېلاڭجيې، خې خۇۋخۇا، لياڭ جېنيىڭ، سۇ خۇي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ