مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

 مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى شىنجاڭدا دۆلەت پەن-تېخنىكا تەتقىقات ئورنى قۇرۇش توغرىسىدا بىرلەشمە ئىمزالىق تەكلىپ بەردى

2023.03.09 09:37 مەنبە: خەلق تورى

  «‹گۇرۇپپا تەشكىللەش شەكلى› دىكى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر. ھازىرقى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ئاساسىدا، شىنجاڭدىكى بىر قىسىم پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنى قاتناشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايون، مىنىستىرلىق، ئاكادېمىيە، كارخانىلار بىرلىشىپ ‹شىنجاڭ دۆلەت پەن-تېخنىكا تەتقىقات ئورنى› قۇرساق». سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىدا ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى بىرلەشمە ئىمزالىق تەكلىپ تاپشۇرۇپ، شىنجاڭدا دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇپ، ‹گۇرۇپپا تەشكىللەش شەكلى› دە پەن-تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭغا ئەقلىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىنىپ، ‹گۇرۇپپا تەشكىللەش شەكلى›دە سەھىيە، مەدەنىيەت، مائارىپ بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە بەلگىلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنىپ، نۇرغۇن ياخشى تەجرىبىلەر بارلىققا كەلدى. پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى قاتارلىق مىنىستىرلىق، كومىتېتلار ۋە بەزى ئۆلكىلەر شىنجاڭغا پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، گەرچە شىنجاڭنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بەلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرغان بولسىمۇ، لېكىن خىزمەت نىسبەتەن تارقاق، شەكلى بىر قەدەر ئاددىي، قاتلىمى يۇقىرى بولمىغانلىقتىن كۆلەملىك ئۈنۈم شەكىللەنمىدى.

  «زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى تەرەققىياتىنىڭ پەن-تېخنىكا قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارغا بولغان ئېھتىياجى كۈچلۈك، يەرلىكنىڭ پەن-تېخنىكا بايلىقى كەمچىل بولۇش بىلەن بولغان زىددىيىتى گەۋدىلىك»، «پەن-تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلار بايلىقى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى قىيىن ھالەتنى شەكللەندۈردى، جىددىي قېزىش زۆرۈر»... بۇ ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ئەزالار مۇنداق دەپ قارىدى: شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا چوقۇم يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە تايىنىش كېرەك. پەن-تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە ئىلغار تېخنىكىلارنى يۆتكەپ ۋە كېڭەيتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، بولۇپمۇ ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىش كېرەك. خىزمەت مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ‹گۇرۇپپا تەشكىللەش شەكلى›دە دەل ۋاقتىدا پەن-تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سالمىقى زورايتىلسا چوڭ نەتىجىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ.

  ئەزالار شىنجاڭدا دۆلەت پەن-تەتقىقات ئورنى قۇرۇشتا، «جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبىسى» نىڭ ۋىۋىسكىسىنى ساقلاپ قېلىپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، پەن، كەسىپلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى تەڭشەپ ۋە كېڭەيتىپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش كۆلىمى ۋە سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇپ ، باش ئىشتابىنى ئۈرۈمچىدە تەسىس قىلىپ، شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە ئالاقىدار شەھەرلەردە شۆبە تەتقىقات ئورنى تەسىس قىلىپ، دۆلەت دەرىجىلىك ئېچىۋېتىلگەن، كۆپ مەنبەلىك زامانىۋى تەتقىقات-تەرەققىيات ئاممىۋى سۇپىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت يېتەكچىلىك قىلىپ، كۆپ مەنبەلىك ئاممىنى سەپەرۋەر قىلغان ھالدا گۇرۇپپا تەشكىللەش شەكلىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئالاقىدار تەتقىقات ئورنى، تەجرىبىخانا قۇرۇشىمىز كېرەك. ھازىرقى پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ بىرلا خىل تۈزۈلمە ئەندىزىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، دۆلەت پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقات ئاممىۋى چوڭ سۇپىسىغا تايىنىپ، مەملىكەتتە گۇرۇپپا تەشكىللەش شەكلىدە پەن-تېخنىكا كۈچلىرىنى تاللاپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆپ خىل تۈزۈلمە، باشقۇرۇش مېخانىزمى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ھەرىكەت ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

  ئەزالار يەنە ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، كۆپ مەنبەلىك ئامما سەپەرۋەر قىلىنغان، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرىدىغان پەن-تېخنىكا سېلىنمىسى ئەندىزىسىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بەردى. جەمئىيەتنىڭ مەبلەغ سېلىشى، ئىئانە قىلىشى بىلەن شىنجاڭنىڭ پەن-تېخنىكا فوندى تەسىس قىلىشىغا ئىلھام بېرىپ، خېيىمخەتەر سېلىنمىسى، ئاكسىيە سېلىنمىسىنى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە مايىللىشىشقا يېتەكلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ