مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى

2023.03.08 21:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى يىغىننىڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارارىنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاپ، 10 مەخسۇس كومىتېت تەسىس قىلىشنى قارار قىلدى.

  بۇ 10 مەخسۇس كومىتېت: مىللەتلەر كومىتېتى، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى، رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە كومىتېتى، مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى، مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت-سەھىيە كومىتېتى، تاشقى ئىشلار كومىتېتى، جۇڭگو چياۋمىنلىرى كومىتېتى، مۇھىت ۋە بايلىق ئاسراش كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش كومىتېتىدىن ئىبارەت. مەخسۇس كومىتېتلاردا مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىر ۋە ئەزالار تەسىس قىلىنىدۇ.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېڭىشىش قائىدىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى قۇرۇلتاي مەزگىلىدە قانۇن چىقىرىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقىشى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى يىغىن مەزگىلىدە خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى، مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ خامچوتىنى تەكشۈرۈشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى، مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن، 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا يەنە ئايرىم-ئايرىم 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتى، رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە كومىتېتى، مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت-سەھىيە كومىتېتى، تاشقى ئىشلار كومىتېتى، جۇڭگو چياۋمىنلىرى كومىتېتى، مۇھىت ۋە بايلىق ئاسراش كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ