مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپى

2023.03.05 22:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپى

  2023-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە

  (2023-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 1-يىغىنىدا قارار قىلىندى)

  3-ئاينىڭ 5-كۈنى (يەكشەنبە)

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا قۇرۇلتاينىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنى (ئېچىلىش يىغىنى) ئېچىلىدۇ

  1. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ

  2. گوۋۇيۈەننىڭ 2022-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2023-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتى، 2023-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسى تەكشۈرۈلىدۇ

  3. گوۋۇيۈەننىڭ 2022-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2023-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتى، 2023-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ لايىھەسى تەكشۈرۈلىدۇ

  4. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چېننىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قانۇن چىقىرىش قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ

  5. يىغىننىڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرىنى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلىدۇ

  6. يىغىنىنىڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئەزالىرى نامزاتىنى ئاۋازغا قويۇش چارىسى لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلىدۇ

  7. 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئەزالىرى نامزاتىنىڭ ئىسىملىكى لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلىدۇ

  8. 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئەزالىرى نامزاتىنىڭ ئىسىملىكى لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلىدۇ

  چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئومۇمىي يىغىندا بېرىلگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقىدۇ

  3-ئاينىڭ 6-كۈنى (دۈشەنبە)

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا ۋەكىللەر گۇرۇپپا يىغىنىدا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقىدۇ

  چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە ۋەكىللەر گۇرۇپپا يىغىنىدا پىلان دوكلاتى ۋە لايىھە، خامچوت دوكلاتى ۋە لايىھەنى تەكشۈرىدۇ

  3-ئاينىڭ 7-كۈنى (سەيشەنبە)

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا ۋەكىللەر گۇرۇپپا يىغىنىدا قانۇن چىقىرىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقىدۇ

  چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە قۇرۇلتاينىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىدۇ

  1. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ

  2. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جوۋ چياڭنىڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ

  3. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى جاڭ جۈننىڭ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ

  4. دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى شياۋ جيېنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ

  3-ئاينىڭ 8-كۈنى (چارشەنبە)

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا ۋەكىللەر گۇرۇپپا يىغىنىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىغا قاراپ چىقىدۇ

  چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە ۋەكىللەر گۇرۇپپا يىغىنىدا قانۇن چىقىرىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ سايلام ئۆتكۈزۈش ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى قارار قىلىش چارىسى لايىھەسىگە قاراپ چىقىپ، بېلەت نازارەتچىلىرىنى سايلاپ چىقىدۇ.

  3-ئاينىڭ 9-كۈنى (پەيشەنبە)

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا ۋەكىللەر گۇرۇپپا يىغىنىدا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىغا قاراپ چىقىدۇ

  چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە قاراپ چىقىدۇ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ نامزاتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى رەئىسىنىڭ نامزاتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، باش كاتىپىنىڭ نامزاتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىنىڭ نامزاتىنى غۇلغۇلا قىلىدۇ ۋە كېڭىشىدۇ

  3-ئاينىڭ 10-كۈنى (جۈمە)

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا قۇرۇلتاينىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىدۇ

  1. گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلىدۇ

  2. 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ سايلام ئۆتكۈزۈش ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى قارار قىلىش چارىسى لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلىدۇ

  3. باش بېلەت نازارەتچىسى، بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلىدۇ

  4. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى سايلاپ چىقىلىدۇ

  5. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سايلاپ چىقىلىدۇ

  6. 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، باش كاتىپى سايلاپ چىقىلىدۇ

  7. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سايلاپ چىقىلىدۇ

  چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىنىدا گوۋۇيۈەن زۇڭلىسىنىڭ نامزاتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئەزالىرىنىڭ نامزاتى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ؛ دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى نامزاتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ نامزاتى كېڭىشىلىدۇ.

  3-ئاينىڭ 11-كۈنى (شەنبە)

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا قۇرۇلتاينىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىدۇ

  1. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسىنىڭ نامزاتى قاراردىن ئۆتكۈزۈلىدۇ

  2. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ئەزالىرىنىڭ نامزاتى قاراردىن ئۆتكۈزۈلىدۇ

  3. دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سايلاپ چىقىلىدۇ

  4. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى سايلاپ چىقىلىدۇ

  5. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى سايلاپ چىقىلىدۇ

  6. 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى سايلاپ چىقىلىدۇ

  چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىنىدا گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، مىنىستىرلار، كومىتېت مۇدىرلىرى، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى، باش مۇپەتتىش، باش كاتىپ نامزاتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتى، رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە كومىتېتى، مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت-سەھىيە كومىتېتى، تاشقى ئىشلار كومىتېتى، جۇڭگو چياۋمىنلىرى كومىتېتى، مۇھىت ۋە بايلىق ئاسراش كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش كومىتېتى قاتارلىق مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئەزالىرىنىڭ نامزاتى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ

  3-ئاينىڭ 12-كۈنى (يەكشەنبە)

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا قۇرۇلتاينىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىدۇ

  1. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، مىنىستىرلار، كومىتېت مۇدىرلىرى، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى، باش مۇپەتتىش، باش كاتىپنىڭ نامزاتى قاراردىن ئۆتكۈزۈلىدۇ

  2. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتى، رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە كومىتېتى، مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت-سەھىيە كومىتېتى، تاشقى ئىشلار كومىتېتى، جۇڭگو چياۋمىنلىرى كومىتېتى، مۇھىت ۋە بايلىق ئاسراش كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش كومىتېتى قاتارلىق مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئەزالىرى نامزاتىنىڭ ئىسىملىكى لايىھەسى ئايرىم-ئايرىم ئاۋازغا قويۇلىدۇ

  چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە، ۋەكىللەر گۇرۇپپا يىغىنىدا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، يىللىق پىلان، يىللىق خامچوت، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى ئالتە قارار لايىھەسىگە قاراپ چىقىلىدۇ

  3-ئاينىڭ 13-كۈنى (دۈشەنبە)

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا، قۇرۇلتاينىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنى (يېپىلىش يىغىنى) ئۆتكۈزۈلىدۇ

  1. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلىدۇ

  2. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇن چىقىرىش قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلىدۇ

  3. 2022-يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2023-يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلىدۇ

  4. 2022-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2023-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوت توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلىدۇ

  5. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلىدۇ

  6. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلىدۇ

  7. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلىدۇ

  8. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى سۆز قىلىدۇ

  9. 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى سۆز قىلىدۇ

  يىغىن يېپىلىدۇ

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ