مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 1 - قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى

​جاۋ لېجى قاتارلىق 11 كىشى دائىمىي رەئىسلىككە سايلاندى

2023.03.05 21:56 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى جاۋ لېجى 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 1 - قېتىملىق يىغىنىدا، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىكىگە سايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىكىگە سايلانغانلاردىن يەنە لى گەنجيې، لى خۇڭجۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇالار بار.

14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ تەييارلىق يىغىنىدا سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن يىغىن ھەيئەت رىياسىتى 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 1 - قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىكى 192 كىشى، قاتناشقانلار 192 كىشى، قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىش قائىدىسىگە ئاساسەن، يىغىندا ئالدى بىلەن 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى سايلاپ چىقىلدى.

ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى: ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنى چاقىرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ؛ ھەيئەت رىياسىتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدىغان ئىشلار توغرىسىدا كاتىبات باشقارمىسى ۋە ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ، ھەيئەت رىياسىتىگە تەكلىپ بېرىدۇ؛ يىغىن كۈنتەرتىپىگە قارىتا زۆرۈر تەڭشەش قىلسا بولىدۇ؛ ۋەكىللەر ئۆمىكى باشلىقلىرى يىغىنىنى ئېچىپ، تەكلىپلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلاردىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەر توغرىسىدا ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىنى ئاڭلىسا، مۇزاكىرە قىلسا بولىدۇ ھەم مۇزاكىرە ئەھۋالى ۋە پىكىرلەرنى ھەيئەت رىياسىتىگە دوكلات قىلىدۇ؛ مۇھىم، زور مەخسۇس مەسىلىلەرنى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى سايلىغان مۇناسىۋەتلىك ۋەكىللەرنى چاقىرىپ مۇزاكىرە قىلسا بولىدۇ، يىغىننىڭ مۇزاكىرە ئەھۋالى ۋە پىكىرلەرنى ھەيئەت رىياسىتىگە دوكلات قىلىشى كېرەك.

ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرى سايلىنىپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، لى جەنشۇ ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ھەرقايسى دائىمىي رەئىسلىرىنى رەئىس سەھنىسىگە چىقىپ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى رەئىس سەھنىسىگە چىقتى، لى جەنشۇ ئۇلار بىلەن بىرمۇبىر سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئېھتىرام بىلدۈرگەندىن كېيىن يىغىن زالىدىن چىقتى. پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

ئارقىدىن، ھەيئەت رىياسىتى يىغىنى جاۋ لېجىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپىنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىدى. يىغىن كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلىپ، 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يېپىلىدىغانلىقى، يىغىن ۋاقتىنىڭ سەككىز يېرىم كۈن بولىدىغانلىقى بېكىتىلدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىش قائىدىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 1 - قېتىملىق يىغىنىدا سايلاپ چىقىلغان ھەيئەت رىياسىتىنىڭ بىرقانچە ئەزاسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھەر قېتىملىق يىغىن ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق يىغىندا يىغىن ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى سايلاپ چىقىلدى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق ليۇ جۈنچېن، مېڭ شياڭفېڭ، جياڭ شىنجى، ليۇ جيەنبو، ۋاڭ چاۋنى يىغىننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەش قارار قىلىندى. يىغىندا ۋاڭ چاۋ قوشۇمچە يىغىن باياناتچىسى قىلىپ بېكىتىلدى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق يىغىننىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، يىغىننىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرى نامزاتىنى ئاۋازغا قويۇش چارىسى لايىھەسىنى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنغاندىن كېيىن، يىغىن ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇش قارار قىلىندى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىش قائىدىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى يىغىن مەزگىلىدە قانۇن چىقىرىش قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسىنى قاراپ چىقىدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى يىغىن مەزگىلىدە خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى تەكشۈرىدۇ، مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ خامچوتىنى تەكشۈرىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كومىتېتلار 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى 1 - ئومۇمىي يىغىندا بارلىققا كېلىشى شەرت. يىغىندا 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى، مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، تەكلىپ نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى قاراپ چىقتى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، ئالاقىدار نامزاتلارنى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ كېڭىشىشىگە سۇنغاندىن كېيىن، يىغىن ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇش قارار قىلىندى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، ۋەكىللەرنىڭ يىغىن مەزگىلىدە تەكلىپ بېرىشىنى توختىتىش ۋاقتىنىڭ 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى سائەت 12گىچە بولىدىغانلىقى قارار قىلىندى. يىغىن مەزگىلىدە، يىغىن كاتىبات باشقارمىسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ۋە ۋەكىللەر يىغىن مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ، بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ قارار قىلىشىغا دوكلات قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ