مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى تەييارلىق يىغىنى ئۆتكۈزدى

​يىغىننىڭ ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلدى يىغىننىڭ قارالمىسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2023.03.05 21:55 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا تەييارلىق يىغىنى ئۆتكۈزدى. 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلدى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ قارالمىسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھازىر بار ۋەكىلى 2977 كىشى. 3 - ئاينىڭ 3 - كۈنىگىچە، يىغىن كاتىبات باشقارمىسىغا تىزىمغا ئالدۇرغان ۋەكىل 2962 كىشى. 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىكى تەييارلىق يىغىنىغا 2951 كىشى قاتناشتى، 26 كىشى قاتنىشالمىدى، قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

لى جەنشۇ مۇنداق جاكارلىدى: 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى 2023 - يىلى 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئېچىلىدۇ، يىغىننىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى تولۇق پۈتتى.

لى جەنشۇ مۇنداق كۆرسەتتى: 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 -، 2 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، يىغىننىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى تولۇق ئورۇنداپ، يىغىننى دېموكراتىك، ئىتتىپاقلاشقان، ئەمەلىيەتچىل، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان يىغىن قىلىپ ئېچىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىلىي قانۇنى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىش قائىدىسىدە، ھەيئەت رىياسىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

تەييارلىق يىغىنىدا سايلاپ چىقىلغان يىغىن ھەيئەت رىياسىتى ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ۋەكىللىك زاتلاردىن بولۇپ جەمئىي 192 كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە: پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرى قاتارلىقلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، كارخانا، پەن - تېخنىكا، ئىجتىمائىي پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت - سەنئەت، سەھىيە، تەنتەربىيە، چياۋمىنلار ساھەسى، دىن ساھەسىدىكى ۋەكىللەر ھەمدە ئىشچىلار، دېھقانلار، ئازادلىق ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىم قاتارلىق ئاساسىي قاتلامدىكى ۋەكىللەر، نوپۇسى 1 مىليوندىن ئاشىدىغان ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بار. لى خۇڭجۇڭ يىغىننىڭ باش كاتىپى بولدى.

تەييارلىق يىغىنىدا ماقۇللانغان 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ قارالمىسى جەمئىي توققۇز تۈرلۈك.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىش قائىدىسىگە ئاساسەن، ھەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ تەييارلىق يىغىنىغا ئالدىنقى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۇنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، باش كاتىپ ياڭ جېنۋۇ يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ