ئون يىلدىكى ئىككى يىغىن، ئىللىق ئەسلىمە丨جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى كۈيلەيمىز!

2023.03.04 09:04 مەنبە: خەلق تورى

  «ئۇسسۇرى دەرياسىيىراقتىن كېلەر، سۇلىرى كۆپكۆكتۇر دولقۇنلاپ كېتەر، خېجېلار كەڭ تاشلاپ بېلىق تورىنى، دەريادا بېلىققا تولدى كېمىلەر...»

  خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى تۇڭجياڭ شەھىرى باچا خېجېزۇ يېزىسى باچا كەنتىدىكى يىماكەن داستانى ئۆگىتىش-ئۆگىنىش ئورنىدا لەرزان ناخشا ساداسى ياڭرىدى. يىماكەن داستانىنى ئۆگىتىش-ئۆگىنىش ئورنىدىكى ئوقۇتۇش كۈنى، 38 ياشلىق ليۇلېي مىللىيچە ئەنەنىۋى كىيىملىرىنى كىيىپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە «ئۇسسۇرى كېمىچىلەر ناخشىسى»نى ئېيتتى.

  22-فېۋرال، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى تۇڭجياڭ شەھىرىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە سارىيىدا، ليۇ لېي (ئوڭدىن 3-كىشى) كۇرسانتلار بىلەن «ئۇسسۇرى كېمچىلەر ناخشىسى» نى ئېيتماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ جيەنۋېي فوتوسى.

  يەتتە يىل ئىلگىرى، ليۇ لېي خەلق سارىيىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرغان ئىدى. شۇ چاغدا ئۇ باش شۇجىغا«چېگرا رايونىنى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ ياردىمىدە، تۇرمۇشىمىز خۇددى <ئۇسسۇرى كېمىچىلەر ناخشىسى> دا ئېيتىلغاندەك بەخت يولىغا قەدەم قويدى» دېگەن ئىدى.

  بۇ 2016- يىل 3ـ ئاينىڭ 7ـ كۈنى، خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي زالى ئىدى. شۇ چاغدا باش شۇجى شى جىنپىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنىنىڭ خېيلۇڭجياڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقان ئىدى.

  «باششۇجى كىرگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن كۆپچىلىك بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. مەن ئەينى چاغدا خېجې مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىمىنى كىيىپ، باش شۇجىغا مېنىڭ خېجېلارنىڭ بىردىنبىر ۋەكىلى ئىكەنلىكىمنى ئېيتقان ئىدىم. باش شۇجى بۇنى ئاڭلاپ، ماڭا كۈلۈمسىرەپ بېشىنى لىڭشىتتى. شۇ دەقىقىدە، قەلبىمدىكى جىددىيلىك بىردىنلا پەسەيدى» دېدى ليۇ لېي ئەسلەپ تۇرۇپ. شۇ يىلى ئۇ 32 ياشتا بولۇپ، تۇنجى قېتىمدا ئۇ يۇرتداشلارنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ،باش شۇجى بىلەن يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرغان ئىدى.ليۇ لېي شۇ كۈنى سۆز قىلغان توققۇز ۋەكىل ئىچىدە 4-بولۇپ، بەش مىنۇتچە سۆزلىگەن ئىدى.

  باش شۇجى ئۇنىڭ «ئۇسسۇرى كېمىچىلەر ناخشىسى» نى ئېيتقىنىنى ئاڭلاپ، سەمىمىيلىك بىلەن«مەن بۇ ناخشىغا بۇرۇنلا تونۇش، يەنە تېخى غىڭشىپمۇ ئېيتىيالايمەن، ناخشىدا جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىناق-ئىتتىپاق گۈزەل مەنزىرىلىرى تەسۋىرلەنگەن» دېدى.2-ئاينىڭ 23-كۈنى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى تۇڭجياڭ شەھىرى باچا خېجېزۇ يېزىسى باچا كەنتىدىكى يىماكەن ئۆگىتىش-ۋارسلىق قىلىش ئورنىدا، ليۇ لېي (ئارقىدىكى ئوڭدىن 3-كىشى) كۇرسانتلار بىلەن بىرلىكتە خېجې مىللىتىنىڭ يىماكەن داستانى ۋارىسى ۋۇ گۇيفېڭ (ئارقىدىكى ئوڭدىن 1-كىشى) دىن يىماكەن داستانى ئۆگەنمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ جيەنۋېي فوتوسى.

  باش شۇجىنىڭ سۆزى ليۇ لېينى ئىلھاملاندۇردى، ئۇ باش شۇجىغا خېجې مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ، خېجې مىللىتىنىڭ ئىلگىرىكى نوقۇل بېلىقچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت مىللىي ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىكىگە ۋارىسلىق قىلىپ، باشقا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىپ بېيىش يولىغا ماڭغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە باش شۇجىنى يۇرتىغا بېرىپ كۆرۈپ كېلىشكە تەكلىپ قىلدى. باش شۇجى خۇشال ھالدا«چوقۇم بېرىپ كۆرۈپ كېلىمەن» دېدى، يەنە يۇرتداشلارغا سالىمىنى ئالغاچ كېتىشنى تاپشۇردى.

  «باش شۇجىنىڭ خېجې مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى بۇنچە چۈشىنىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىمەن !يىغىن تۈگىشىگىلا، مەن دەرھال باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە سالىمىنى ئۈندىدار ئارقىلىق يۇرتداشلارغا يەتكۈزدۈم. كۆپچىلىك قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمدى!»دېدى ليۇ لېي ھاياجانلانغان ھالدا.

  كۆپچىلىك ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ يەرگە كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى.ئۇ 2016ـ يىل 5ـ ئاينىڭ 24ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن بولۇپ، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ يامغۇرغا قارىماي باچا كەنتىگە يېتىپ كەلدى.

  بۇ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى تۇڭجياڭ شەھىرى باچا خېجېزۇ يېزىسى باچا كەنت ئاھالىسى (2020-يىل 7-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ جيەنۋېي فوتوسى.

  باش شۇجى خېجې مىللىتىنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەت كۆرگەزمىخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، خېجې مىللىتىنىڭ يىماكەن داستانىنى ئۆگىتىشى ۋە ئۆگىنىشىنى كۆرگەندە، خېجې مىللىتىنىڭ تارىخى ئۇزۇن، مەدەنىيىتى مول، بولۇپمۇ بېلىق تۇتۇش ماھارىتى يۇقىرى، نەقىش سەنئىتى نەپىس، يىماكەن داستانى ناھايىتى جەلپكار ئىكەن، دەپ مەدھىيلىدى.

  ليۇ لېينى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرگىنى شۇكى، پارتىيە 18ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجىشى جىنپىڭ مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا باشتىن-ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ، مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئاساسىي غول بولسا، مىللەتلەر مەدەنىيىتى ئۇنىڭ شاخ ۋە يوپۇرمىقى، يىلتىزى چوڭقۇر، غولى مۇستەھكەم بولغاندىلا، ئاندىن شاخ-يوپۇرماقلىرى باراقسان بولىدۇ، دەپ تەكىتلىدى.

  ليۇ لېي باش شۇجى مەدھىيەلىگەن «گېسار»، «ماناس»، «جاڭغىر»، جۇاڭزۇ مىللىتىنىڭ «گېشۈ بايرىمى»، زاڭزۇ گىلىمى، مياۋزۇ كەشتىسى، لىزۇ كىمخابى قاتارلىق مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى بىراقلا ئېيتىپ بەردى. خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى تۇڭجياڭ شەھىرى جيېجىنكوۋ خېجېزۇ يېزىسى بېلىقچىلىق كەنتى ئەتراپىدىكى خېيلۇڭجياڭ دەرياسى بويىدا، ليۇ لېي خېجې مىللىتىنىڭ بىر قىسىم ناخشا ـ ئۇسسۇلىنى ئورۇنلاپ بەردى. (2022ـ يىل 5-ئاينىڭ 21-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ جيەنۋېي فوتوسى.

  باش شۇجى مۇنداق دېدى: بۇنداق مەدەنىيەت مىراسلىرى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قىممەتلىك بايلىقى بولۇپلا قالماستىن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭمۇ قىممەتلىك بايلىقىدۇر، قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە رەتلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. بۇنىڭدىن تەسىرلەنگەن ليۇ لېي «بۇ نۇقتىغا نىسبەتەن بىزمۇ ھەم شۇنداق ھېسسىياتتا، ھازىر تېخىمۇ كۆپ ياشلار قوشۇلۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسى ئۈچۈن ناخشا ئېيتىۋاتىمىز!»دېدى.

  ھازىر تۇڭجياڭ شەھرىدە، يىماكەن داستانىنىڭ دۆلەت، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە قاتارلىق تۆت دەرىجىلىك «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» ۋارىسلىرى سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، خېجې قەھرىمانلىرىنىڭ ھېكايىسى داۋاملىق ئېيتىلىپلا قالماي، يېڭى دەۋردىكى ياخشى كۈنلەرمۇ كۈيلەنمەكتە. «<غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى> كەسپىنى زورايتىش، كۈچەيتىش كېرەك. كەسىپ كۈچەيسە، كۆپچىلىكنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى كۆپىيىدۇ، شۇنداقلا ئۆگىنىش ئارزۇسىمۇ بارغانسېرى كۈچىيىدۇ» دېدى ليۇ لېي مۇخبىرنىڭ سوئالىغا قارىتا بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئويلىرىنى سۆزلەپ.

  2-ئاينىڭ 22-كۈنى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى تۇڭجياڭ شەھىرىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە سارىيىدا، ليۇ لېي (ئوڭدىن سانىغاندا 1-كىشى) بېلىق تېرىسى ياساش ھۈنىرىنى ئۆگەنمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ جيەنۋېي فوتوسى.خېجېلىقلار دەريا سۈيى ئىچىپ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ھەم دەريا سۈيىنى قوغدىغانلىقتىن گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۆزلەش داۋامىدا تەڭپۇڭلۇقنى تېپىپ، ئەنئەنىۋى بېلىقچىلىق مەدەنىيىتىدىن بارلىققا كەلگەن بېلىق تېرىسىدىن تىكىلگەن خۇرۇم كىيىم، بېلىق تېرىسىدىن تىكىلگەن رەسىملەرمۇ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى.

  «ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا، بىز ئالاھىدە مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مىللىي مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇردۇق، ئاممىنى بېيىتتۇق. بۇ يىل مەن داۋاملىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىپ، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىمەن» دېدى ليۇ لېي.

  2-ئاينىڭ 23-كۈنى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى تۇڭجياڭ شەھىرى باچا خېجېزۇ يېزىسى باچا كەنتى يىماكەن داستانى ئۆگىتىش-ئۆگىنىش ئورنىدا، ليۇ لېي (سولدىن سانىغاندا 2-كىشى) ياشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ جيەنۋېي فوتوسى.

  مۇخبىرىمىز كېتىدىغان چاغدا، «ئۇسسۇرى كېمىچىلەر ناخشىسى» يىماكەن داستانىنى ئۆگىتىش-ئۆگىنىش ئورنىدا يەنە بىر قېتىم ياڭرىدى، سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرە رېئاللىقنى يورۇتۇپ تۇراتتى«قېيىن ئورمانلىقىدىكى كىشىلەر كۈلۈپ، تاغدا قىزىل كاككۇك گۈللىرى ئېچىلىپ كەتكەن ئىدى، خېجېلار بەخت يولىغا قەدەم باستى، خەلقنىڭ گۈزەل تاغ-دەريالىرى مەڭگۈ داۋاملاشقۇسى ...».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ