مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

[سىن] مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن نېمە ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى شۇنچە تارتىدۇ؟

2023.03.03 12:36 مەنبە: خەلق تورى



  ئىككى يىغىن توغرىسىدا بىلىدىغانلىرىڭىز قانچىلىك؟ يىلنىڭ بېىشى باھاردىن، ئىشنىڭ بېشى سەھەردىن دېگەندەك بىر يىللىق خىزمەتلەر ئىككى يىغىندىن باشلىنىدۇ. مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن نېمە ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى شۇنچە تارتىدۇ؟

  ھەر يىلدىكى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، ھۆكۈمەت بۇلتۇرقى بىر يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەپ، بۇ يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. يىغىن مەزگىلىدە، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات، پىلان دوكلاتى، مالىيە خامچوت دوكلاتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ ۋە قاراپ چىقىدۇ؛ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى، تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ۋە باشقا دوكلاتلارنى ئاڭلايدۇ ۋە قاراپ چىقىدۇ.مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا يەنە بەزى تۈپ قانۇنلار تۈزىلىدۇ ۋە تۈزىتىلىدۇ. ھەر بەش يىلدا، يەنى ھەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا يەنە دۆلەت ئاپپاراتى تەركىبىدىكىلەر سايلىنىدۇ ۋە تەيىنلەش قارار قىلىنىدۇ.

  ۋەكىللەر، ئەزالارمۇ پۇقرالار كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا تېمىلىرى توغرىسىدا تەكلىپ ياكى تەۋسىيەلىرىنى سۇنۇپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئىپادىلەيدۇ، خەلقنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، داۋالىنىش، تۇرالغۇ، كۈتۈنۈش قاتارلىق خىزمەت ۋە تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

  مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا سىز قايسى مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلىسىز؟

  فىلىم ئىشلىگۈچى ئورۇن: خەلق تورى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئاخبارات تورى

  فىلىم نازارەتچىلىرى: چىن خۇا، دېڭ جىخۇي

  پىلانلىغۇچىلار: سۇڭ چېن، مەلىكەم

  ئوپېراتورلار: شۈ جېڭ

  مونتاژ: ماناپ

  رىياسەتچى: گۈلباھار ئەلى ( مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى )

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ