مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئوقۇتقۇچىلارغا ئوقۇتۇشتىن باشقا ۋەزىپىلەرنى يۈكلەپ قويۇشقا بولمايدۇ

2023.03.01 21:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»دا، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتى «مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ»نى تاپشۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەگىشىشى تەلەپ قىلىنغان ئۈندىدار سالونى، تور سۇپىسى، شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن تاماملىنىدىغان قوللاش، تارقىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، تور باشقۇرۇش بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قاتنىشىش قېتىم سانىنى ئازايتىپ، تەكرار قاتنىشىشتىن ساقلىنىپ، جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش ۋە نازارەتنى قوبۇل قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، رەقەملىك جەمئىيەتنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھازىرقى زامان مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە نۇرغۇن رەقەملىك جەمئىيەت ئالاھىدىلىكى بارلىققا كەلدى. مەسىلەن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش شەكلىنى «كۆپ ۋاسىتىلىكلەشتۈرۈش»، ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاش ئۇسۇلىنى «سانلىق مەلۇماتلاشتۇرۇش»، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رولى ۋە ئورنى مۈجمەللىشىش... تەپسىلىي ئويلانغاندا، بۇ رەقەملەشتۈرۈش جەريانىنىڭ ئەمەلىيەتتە پايدىسىمۇ، زىيىنىمۇ بار، ھەممىسىنى تەشەببۇس قىلىشقا ئەرزىمەيدۇ.

  يېقىندا قىزغىن مۇنازىرە قوزغىغان «ئوقۇتقۇچىلاردىن يۈرەك بېرىش، تارقىتىشنى تەلەپ قىلىش» ئىشلىرىنى ئېلىپ ئېيتساق، قىسمەن مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلاردىن ھەر خىل سالون ۋە سۇپىلارغا ئەگىشىش، ھەر خىل ئۆگىنىش، يۈرەك بېرىش، تارقىتىش، كارتا سۈركەش قاتارلىقلارغا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلدى، بەزى مەكتەپلەر يەنە بۇ ئامىللارنى ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاش كۆرسەتكۈچىگە كىرگۈزدى. قارىماققا، بۇ مەكتەپنى رەقەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنىڭ بىر قىسمىدەك قىلىدۇ. كۆرۈنۈشتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا پايدىلىقتەك قىلسىمۇ، لېكىن ئەمەلىي ئەھۋال شۇكى، نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار بۇ سەۋەبلىك جاپاغا قالدى شۇنداقلا ئامالسىز قالدى!

  ئەمەلىيەتتە، مەيلى ھەر خىل «تارقىتىش، ئىنكاس يېزىش، يۈرەك بېرىش» مەشغۇلاتى بولسۇن ياكى ھەر خىل تەكشۈرۈش، سېلىشتۇرۇپ باھالاش، ھېسابات دەپتىرى يوللاش بولسۇن، كۆپىنچىسى ئوقۇتۇش تۈرىدىكى خىزمەت ئەمەس. ئوقۇتقۇچىلارنى «رەقەملىك ئەمگەكچى»لەر دەپ قاراپ، ئۇلارنى «تارقىتىش، ئىنكاس يېزىش، يۈرەك بېرىش»كە قاتنىشىشقا مەجبۇرلاپ، ئۇلارنى ئوقۇتۇشتىن باشقا خىزمەت پاتقىقىغا پاتۇرۇپ قويۇش ئەمەلىيەتتە رەقەملىك دەۋردىكى بىر خىل شەكىلۋازلىق بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى سەۋەبسىز ئاشۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي بەخت تۇيغۇسىنى يوقىتىدۇ، بۇ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشكە پايدىسىز. مەكتەپلەرنىڭ «تارقىتىش، ئىنكاس يېزىش، يۈرەك بېرىش» قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن ھەددىدىن زىيادە ھېسابلىشىپ، «باھالاشقا باغلاش» ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارنى ئەيۋەشكە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇشى ئەمەلىيەتتە بىر خىل باشقۇرۇش جەھەتتىكى «ھۇرۇنلۇق» بولۇپ، باشقۇرۇش ئىشلىرى ۋە بېسىمنى بىرىنچى سەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارغا ئارتىپ قويغانلىق، مەكتەپنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى، ھەرقايسى قاتلاملىرى ئارىسىدىكى خىزمەت ۋە ھوقۇق-مەسئۇلىيەتنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش بولۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ ھەرىكەت قائىدىسىگە خىلاپ.

  بۇنداق ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىلگەن ھادىسىنى ئۆزگەرتىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ئوقۇتقۇچىلاردا، مەكتەپلەر ئىجرا قىلغۇچى تەرەپ، ئالاقىدار مائارىپ تارماقلىرى نازارەت قىلغۇچىلاردۇر. ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇتۇشتىن باشقا خىزمەتلەرنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنى ئوقۇتۇش خىزمىتىگە قايتۇرۇش __ مەكتەپلەر ئالدى بىلەن ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن. مەسىلەن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش تىزىملىكىنىڭ مەزمۇنىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيەت دائىرىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇشتىن باشقا ئىشلارنىڭ كاشىلىسىنى رەت قىلىش ھوقۇقى ۋە كاپالەت تۈزۈمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا قاتلام-دەرىجىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ئالاقىدار مائارىپ مۇپەتتىش تارماقلىرى باشلامچى بولۇپ، مەخسۇس لىنىيە تەسىس قىلىپ، قەرەللىك نازارەت قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ