مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ گۇاڭخۇي ۋاسكېتبول كۇلۇبى بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدىن ۋە CBA بىرلەشمىسىدىن چىكىندى

2023.03.01 21:43 مەنبە: خەلق تورى

  2-ئاينىڭ 17-كۈنى، ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى ئىنتىزام ۋە ئەخلاق كومىتېتى شىنجاڭ گۇاڭخۇي ۋاسكېتبول كۇلۇبىنى «تىزىمغا ئالدۇرۇش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلدى» دەپ قاراپ، ئېغىر خاتا، يولسىز، بىمەنە «جازا» بېرىپ، كۇلۇبىمىزنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت توپ مەستانىلىرىنىڭ ھېسسىياتىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، شىنجاڭنىڭ ۋاسكېتبول ھەرىكىتى ۋە تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى. بۇ «جازا» پاكىتقا، قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ، نورمال خىزمەت تەرتىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، كۇلۇبىمىز بۇنى ئېتىراپ قىلالمايدۇ، ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ.

  بىرىنچى، ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىنىڭ «جازا»سى ئەقىلگە سىغمايدۇ، ئىنتايىن بىمەنە

  (1) «جازالاش» پاكىتقا، تەرتىپكە خىلاپ، قىلچە ئاساسى يوق

  2-ئاينىڭ 8-كۈنى، كۇلۇبىمىز «ۋاسكېتبول جەمئىيىتى [2023] 58-نومۇرلۇق» ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالدى، ئۇنىڭدا كۇلۇبىمىزنى «تىزىمغا ئالدۇرۇشتا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان» دېيىلگەن بولۇپ، ۋاسكېتبول جەمئىيىتىنىڭ «جازالاش قارارى» چىقىرىدىغانلىقى ئېيتىلغان. لېكىن بۇ ئۇقتۇرۇشتا جازالاشقا تەتبىقلىنىدىغان قانۇن-نىزام ئاساسى ئېنىق يېزىلمىغان. شۇنىڭدىن كېيىن، كۇلۇبىمىز ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى، تېلېفون، ئادۋوكاتقا ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنىغا بېرىپ يۈزتۇرانە سۆھبەتلىشىشنى ھاۋالە قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قايتا-قايتا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش پاكىتى ۋە جازالاش ئاساسىنى چۈشەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرۇلمىدى. كۇلۇبىمىز ئادۋوكاتقا بۇ ئىش توغرىسىدا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىشنى ھاۋالە قىلغان، ئەمما «بىزدە بۇ تەرتىپ يوق» دەپ ئۇقتۇرۇلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى چىقارغان «جازالاش قارارى»دا يەنىلا جازالاش ئاساسى چۈشەندۈرۈلمىگەن.

  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ۋاسكېتبول كۇلۇبى CBA گە قاتناشقۇچى تەرەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇدا ئۈچ مۇسابىقە پەسلىدە رويخەتكە ئالدۇرۇش ماتېرىياللىرىنى ئەينەن ئەنگە ئالدۇردى. ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى نازارەت قىلغۇچى تەرەپ، CBA بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن كىرىش ئىجازىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن، كۇلۇبىمىزنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇدا ئۈچ مۇسابىقە پەسلىدە رويخەتكە ئالدۇرغان ۋە مۇسابىقىنى تاماملىغان ئەھۋال ئاستىدا، ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى «رويخەتكە ئالدۇرۇشقا خىلاپلىق قىلىش»نى باھانە قىلىپ كۇلۇبىمىزغا «جازا» بەردى، بۇنىڭغا كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ قېتىمقى «جازالاش»نىڭ قىلچە ئاساسى يوق، تەرتىپكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى ھازىرغىچە «جازالاش»تا ئاساس قىلىنغان كونكرېت قانۇن-نىزام ماددىلىرىنى چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز، «جازالاش»نى چۈشۈرۈشتىن بۇرۇن تەلەپ بويىچە «ئىسپات ئاڭلاش» تەرتىپىنى تەشكىللىمىگەن. «ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرۇشنى باشقۇرۇش چارىسى»دىمۇ كۇلۇبىمىزنىڭ «رويخەتكە ئالدۇرۇشتا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش»ىنى تەدبىقلايدىغان كونكرېت مەزمۇن يوق، پەقەت «ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىنىڭ ئىنتىزام مىزانى ۋە جازالاش بەلگىلىمىسى»نىڭ 69-ماددىسى، «ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرۇشنى باشقۇرۇش چارىسى»نىڭ 165-ماددىسى قاتارلىق «مەزكۇر چارىگە خىلاپ باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلار»، «ئالاقىدار بەلگىلىمىلەردە ئېنىق بەلگىلەنمىگەن» كاپالەتلىك ماددىلار، يانچۇق ماددىلىرىغا تايىنىپلا جازالاش كىشىنى قانداق قايىل قىلىدۇ؟ نوپۇزى نەدە؟

  (2) ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىنىڭ «قانۇنىي ئىگە بىلەن شىركەت مۈلكى ئارىلىشىپ كېتىش مەۋجۇد»نى بېكىتىش سالاھىيىتى يوق، قانۇن-نىزاملارنى تەتبىقلاش ئېغىر دەرىجىدە خاتا

  شىركەتنىڭ «قانۇنىي ئىگە بىلەن شىركەت مۈلكى ئارىلىشىپ كېتىش» قانۇندىكى ھەقدارلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇم. ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى ۋاسكېتبول ساھەسىدىكى پايدا ئالمايدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىركەتنىڭ «قانۇنىي ئىگە بىلەن شىركەت مۈلكى ئارىلىشىپ كېتىش»نى بېكىتىش ھوقۇقى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە شىركەتنىڭ «قانۇنىي ئىگە بىلەن شىركەت مۈلكى ئارىلىشىپ كېتىش» قانۇنغا خىلاپ ئەمەس، «ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرۇشنى باشقۇرۇش چارىسى»گىمۇ خىلاپ ئەمەس.

  2019-يىلى 7-ئايدا، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ئۈچۈن، ياردەم بەرگۈچى تەرەپ تۇرۇشلۇق كۆكدالا شەھىرىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، CBA بىرلەشمىسىگە مەلۇم قىلىپ ئۇقتۇرۇپ، ئۇلار باشقىچە پىكىردە بولمىغاندىن كېيىن، بىز شۇ جايدا رويخەتكە ئالدۇرۇپ يېڭى شىركەت قۇردۇق (2019-يىلىدىن ھازىرغىچە جەمئىي 96 مىليون 58 مىڭ 200 يۈەن باج تاپشۇردۇق) ھەمدە مائاش تارقىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا ھوقۇق بەردۇق. بۇ شىركەتنىڭ تىجارىتى ھېچقانداق ئالاقىدار تەرەپنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمىدى.

  شۇنىڭدىن كېيىن، CBA بىرلەشمىسى بۇ شىركەت بىلەن مۇسابىقىگە قاتنىشىش كېلىشىمى ئىمزالىدى ھەمدە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققىنى تۆلىدى. 2019-يىلى 8-ئايدا، كۇلۇبىمىز مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان سۇبيېكتنى ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلدى، كېيىن يۇقۇم سەۋەبىدىن تەرتىپ ئۈزۈلۈپ قېلىپ، ئەسلىدىكى سۇبيېكت بويىچە مۇسابىقىگە داۋاملىق قاتناشتى. باشتىن-ئاخىر، كۇلۇبىمىزنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سۇبيېكتى پەقەتلا شىنجاڭ گۇاڭخۇي ۋاسكىتبول كۇلۇبى بولۇپ، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ھېچقانداق قىلمىشى يوق.

  (3) كۇلۇبىمىزنىڭ مەبلەغ ئالاقىسى قانۇنلۇق ۋە بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن. CBA بىرلەشمىسى بىلەن كۇلۇبىمىز ۋە يېڭى شىركەت ئوتتۇرىسىدا نورمال مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققىدىن باشقا ھېچقانداق نامۇۋاپىق، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولمىغان مەبلەغ ئالاقىسى يوق. ئايرىم تاراتقۇلار «كۇلۇبىمىزغا مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەر بىلەن CBA بىرلەشمىسى ئوتتۇرىسىدا مەبلەغ ئالاقىسى بار» دەپ خەۋەر قىلدى، بۇ ئەمەلىيەتتە CBA بىرلەشمىسى قانۇن-نىزاملار بويىچە نورمال تۆلىگەن مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققى.

  (4) تىرېنېر، تەنھەرىكەتچى ۋە خىزمەتچى خادىملارنىڭ مائاشىنى ۋاقتىدا، تولۇق بېرىش ئەھۋالى. كۇلۇبىمىز 1999-يىلى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، ھېچقانداق تىرېنېر، تەنھەركەتچى ۋە خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئىش ھەققى، مۇكاپات پۇلى قاتارلىق تۈرلۈك كىرىملىرىنى نېسى قالدۇرۇپ باقمىدى. توپچى جوۋ چىنى مىسالغا ئالساق، 2019-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، 2020-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە بولغان ئىككى مۇسابىقە پەسلىدە (يەنى CBA بىرلەشمىسىنىڭ مائاش چەكلىمىسىدىن بۇرۇن) كۇلۇبىمىز جوۋ چىغا ھەر تۈرلۈك خىراجەتلەردىن جەمئىي 49 مىليون 516 مىڭ 31 يۈەن 5 مو 2 پۇڭ تۆلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە مۇقىم ئىش ھەققى 39 مىليون 888 مىڭ 888 يۈەن 3 مو؛ غەلىبە قىلىش ھەققى ۋە ئۇ بېكىتكەن ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنغان ئوزۇقلۇق بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىش قاتارلىق شەخسىي چىقىم خىراجىتى جەمئىي 9 مىليون 627 مىڭ 143 يۈەن 2 مو 2 پۇڭ. يۇقىرىقى خىراجەتلەر ۋاقتىدا تولۇق بېرىلدى. كېيىن، جوۋ چى CBA بىرلەشمىسىگە كېسىم ئىلتىماسى سۇنۇپ، نورمال يۆتكىلىش شەرتىنى ئۆزگەرتىپ، كۇلۇبلار ئارىسىدىكى يۆتكىلىش ھەققىنى ئۆزىنىڭ زور سوممىلىق ئىمزا قويۇش ھەققىگە ئايلاندۇرماقچى بولدى. كېسىم ئارقىلىق جوۋ چىنىڭ دەۋا تەلىپى رەت قىلىندى.

  ئىككىنچى، ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىنىڭ «باشقۇرۇش بىلەن ئۇيۇشتۇرۇشنى ئايرىماسلىق»ى جۇڭگو ۋاسكېتبول ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان رېئال توسالغۇ

  كۇلۇبىمىز باشتىن ئاخىر ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى، CBA بىرلەشمىسىنىڭ تۈرلۈك بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىپ كەلدى، ئەزەلدىن مۇسابىقە ئادىللىقى، كەسىپ مۇھىتى ۋە توپچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىدى، لېكىن ساھىبخان مەيدان ۋە مېھمان مەيدان مۇسابىقىلىرى پات ئارىدا ئەسلىگە كېلىدىغان، كوماندا ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان ياخشى ۋەزىيەتتە سەۋەبسىز «جازا»غا ئۇچرىدى. بۇ بىمەنە «جازا»نىڭ ئاپەت يىلتىزى ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىنىڭ «باشقۇرۇش بىلەن ئۇيۇشتۇرۇشنى ئايرىماسلىقى» بولۇپ، بۇ يەنە نۆۋەتتە جۇڭگو ۋاسكېتبولچىلىقىدىكى ھەر خىل قالايمىقانچىلىقلارنىڭ مەنبەسى. 2017-يىلىدىن ھازىرغىچە، ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ۋە CBA بىرلەشمىسىنىڭ باش مۇدىرلىقىنى ياۋ مىڭ بىر ئادەم ئۈستىگە ئالدى. ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىنىڭ باشقۇرۇش فۇنكىسىيەسى بىلەن CBA بىرلەشمىسىنىڭ مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇش كەسپى گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ۋاسكېتبول ساھەسىدە قالايمىقانچىلىق كۆپ يۈز بەردى. نۆۋەتتە، CBA بىرلەشمىسىنىڭ ئارىلىقتىكى كەسپى يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشكەن بولۇپ، ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىنىڭ تىرېنېرلىق سالاھىيىتىنى تەربىيەلەش، ۋاسىتىچىلىك سالاھىيىتىنى بېكىتىش، ياشلار-ئۆسمۈرلەر ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى قاتارلىق نۇرغۇن كەسىپلىرى، شۇنداقلا CBA بىرلەشمىسىنىڭ ۋاسىتىچىلىك كەسپى، ئاساسلىق ياردەم بەرگۈچى تەرەپ كەسپىنىڭ ھەممىسىنى مەلۇم تەنتەربىيە باشقۇرۇش شىركىتى كۆپلەپ ھۆددىگە ئالغان، ھەتتا ئۆز ئالدىغا ھۆددىگە ئالغان، بۇ نېمىشقا؟ نېمىشقا؟؟ نېمىشقا؟؟! يەنە بۇلاردىنمۇ كۆپرەك ئىشلار بار...

  ئۈچىنچى، توپچى جوۋ چىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار

  شەخسىي مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، توپچى جوۋ چى كۆپ قېتىم ئوخشىمىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، كۇلۇبىمىزغا قارا چاپلىدى. 2021-يىلى 6-ئايدا، جوۋ چى كۇلۇبىمىز بىلەن بولغان توختام ماجىراسى توغرىسىدا CBA بىرلەشمىسىگە كېسىم ئىلتىماسى سۇنغان، كېيىن رەت قىلىنغان. 2021-يىلى 8-ئايدا، جوۋ چى كۈچتىن قالغان توختامدىن پايدىلىنىپ، ئاتالمىش «ئاشكارا-يوشۇرۇن توختام» مەسىلىسىنى ئويدۇرۇپ چىقاردى ھەمدە دۆلەت باج باش ئىدارىسىغا پاش قىلدى. دۆلەت باج باش ئىدارىسى بېكىتكەن باج ئورگانلىرى تەكشۈرگەندىن كېيىن، كۇلۇبىمىزدا بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىش يوق، ئالاقىدار پاش قىلىش ئۇچۇرلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. بۇ كۈچتىن قالغان توختام كۇلۇبىمىز 2019-يىلى CBA بىرلەشمىسىگە مۇسابىقە سۇبيېكتىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلغاندا توپچىلار بىلەن ئىمزالىغان توختام. كېيىن، يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان سۇبيېكتنى ئۆزگەرتىش تەرتىپى ئۈزۈلۈپ قېلىپ، توختام كۈچتىن قالغان. كۇلۇبىمىز بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەسلىدىكى سۇبيېكت بويىچە جوۋ چى قاتارلىق توپچىلار بىلەن قايتىدىن توختام ئىمزالىدى ھەمدە CBA بىرلەشمىسىگە رويخەتكە ئالدۇرۇشنى تاماملىدى. بۇ كۈچكە ئىگە توختام بىلەن ئىلگىرىكى كۈچتىن قالغان توختامدىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان سۇبيېكتتىن باشقا، مەزمۇنى پۈتۈنلەي بىردەك بولۇپ، «ئاشكارا-يوشۇرۇن توختام» مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس. جوۋ چىنىڭ شۇنچە جاھىللىق بىلەن كۇلۇبدىن ئايرىلىشى، پۈتۈنلەي غايەت زور مەنپەئەتنىڭ تۈرتكىسى. ئەگەر ئۇ «ئەركىن توپچى» بولۇپ قالسا، ئىمزا قويۇش ھەققى قاتارلىق شەخسىي كىرىمى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەلۇم ۋاسىتىچىلار ئۆمىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولمىغان ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، مەلۇم كۇلۇبقا تەھدىت سېلىپ، داڭلىق ماھىرلارنىڭ يۆتكىلىش ئىشىنى بېجىرىپ، زور پايدىغا ئېرىشكەن. بۇ قېتىمقى ۋەقە بىلەن ئۇ ۋەقە ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ.

  تۆتىنچى، كۇلۇبىمىز قالغان مۇسابىقىلەردىن ۋە CBA بىرلەشمىسىدىن چېكىنىشنى قارار قىلدى

  يۇقۇمدىن ئۆتۈپ، CBA مۇسابىقىسىنىڭ ساھىبخان مەيدان ۋە مېھمان مەيدان مۇسابىقىلىرى ئەسلىگە كېلىش ئالدىدا تۇرغان، ۋاسكېتبول ھەرىكىتى قايتىدىن جانلىنىش ئالدىدا، كۇلۇبىمىز سەۋەبسىز «جازا»غا ئۇچراپ، يۈرىكىمىزدىن قان ئاققاندەك ھېس قىلدۇق، قاتتىق ئۇۋالچىلىق ھېس قىلىپ، قاتتىق غەزەپلەندۇق!

  24 يىلدىن بۇيان، كۇلۇبىمىز باشتىن-ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، جەمئىي 2 مىليارد 310 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، غەربىي شىمال رايونىدىكى بىردىنبىر CBA كۈچلۈك قوشۇنى بەرپا قىلدى. قۇرۇلغاندىن بۇيان، كۇلۇبىمىز پەقەت ئىككى يىللا پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىگە كىرەلمىدى، جەمئىي بىر قېتىم CBA ئومۇمىي چېمپىيونى، بەش قېتىم ئىككىنچى بولدى؛ بىر قېتىم مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى، بىر قېتىم مەملىكەتلىك كۇلۇبلار ياشلار بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولدى؛ شىنجاڭغا ۋاكالىتەن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە بىر قېتىم 2-لىككە ئېرىشىپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبولچىلىقى تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى ياراتتى؛ جۇڭگو كۇلۇبلىرىغا ۋاكالىتەن بىر قېتىم ئاسىيا ۋاسكېتبول كۇلۇبلىرى چېمپىيونلۇق لوڭقىسى چېمپىيونى، بىر قېتىم ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۇلۇبىمىزنىڭ ياش تەنھەرىكەتچىلەرنى تەربىيەلەش خىزمىتى CBA بىرلەشمىسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، ھەر قايسى ياشلار پەلەمپەيسىمان كوماندىلىرى ۋە چوڭلار كوماندىسى ھەر دەرىجىلىك «دۆلەت دەرىجىلىك» كوماندىلارغا جەمئىي 20 نەپەر مۇنەۋۋەر توپچى يېتىشتۈرۈپ بېرىپ، مەملىكەت بويىچە كەڭ مەستانىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، شىنجاڭ روھىنى نامايان قىلىدىغان يارقىن ئىسىم كارتىسىغا ئايلاندى.

  لېكىن، بۇ قېتىم ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىنىڭ ئىنتايىن بىمەنە «جازاسى» كۇلۇبىمىزنى قەتئىي ئىرادىگە كەلتۈردى، جۇڭگو ۋاسكېتبول ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ناچار كەيپىياتقا ھەرگىز مۇرەسسە قىلمايمىز! قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشتىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمىز! ھەرقانداق ئادەمنىڭ شىنجاڭنىڭ ۋاسكېتبول ئىشلىرىغا قارا سۈركىشىگە ھەرگىز يول قويمايمىز!

  بۇنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ۋاسكېتبول كۇلۇبى مۇنۇلارنى قارار قىلدى:

  بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدىن چېكىنىپ چىقىمىز!

  CBA بىرلەشمىسىدىن چىكىنىپ چىقىمىز!

  كۇلۇبىمىز كېسىم قىلىش ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىشقا پايدىلىق باشقا بارلىق يوللار ئارقىلىق، ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغدايمىز، مەيلى 10 يىل ياكى 20 يىل بولسۇن، ئادىللىقنى ياقلىمىغۇچە ھەرگىز بولدى قىلمايمىز! شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بورىنى توختاپ قالمايدۇ، ھەققانىيەت كېچىكىپ قېلىشى مۇمكىن، لېكىن مەڭگۈ كەم قالمايدۇ.

  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ۋاسكېتبول كۇلۇبى ئىگە بولغان بارلىق نەرسىلەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ۋاسكېتبول ھەۋەسكارلىرىغا مەنسۇپ. چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، كۇلۇبىمىز بارلىق مال-مۈلكىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئىئانە قىلىپ، كەڭ توپ مەستانىلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ بىزگە بولغان غەمخورلۇقى ۋە قوللىشىغا جاۋاب قايتۇرىدۇ.

  كۇلۇبىمىز شۇنداق ۋەدە بېرىدۇكى، بارلىق خىزمەتچىلەر ۋە چوڭلار كوماندىسى، ھەر قايسى ياشلار كوماندىلىرى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشتىن بۇرۇن مائاشنى ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىپ بېرىدۇ.

  ئاخىرىدا، گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس كوماندىسىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە قوللىغان پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق توپ مەستانىلىرىگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز. كۇلۇبىمىز بۇ قېتىم ئامالسىزلىقتىن چېكىنىپ چىقتى. كەچۈرۈڭلار، چوڭقۇر تەزىم قىلىپ، ئىنتايىن ئەپۇ سورايمىز!

  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ۋاسكىتبول كۇلۇبى چەكلىك شىركىتى

  2023-يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ