كەسىپلەر زەنجىرسىمان تەرەققىي قىلىپ يېڭىلاندى

شەندۇڭ تەيئەن يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ سىجىل ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈردى

2023.02.28 15:49 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: تەيئەن فېيچېڭ شەھىرىگە جايلاشقان شەندۇڭ رۈيفۇ لىتىيچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخى كونترولخانىسى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سۈن شياۋخۇي فوتوسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تولۇق زەنجىرلىك تەرەققىيات تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دىققەت يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق قايتا ياساش كەسىپ ئەۋزەللىكىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئامىل كاپالىتىدە يېڭىلىق يارىتىلىپ، تەرەققىيات مەنبەسى راۋانلاشتۇرۇلدى... شەندۇڭ ئۆلكىسى تەيئەن شەھىرى يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىقتىسادنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ رېئال يولى قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا تېز سۈرئەتتە ئېشىش ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى.

  زەنجىرسىمان تەرەققىيات سۈرئىتى تېزلىتىلىپ، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى

  تەيئەننىڭ شىنتەي شەھىرىدىكى جىلى يىراق مۇساپىلىق يېڭى ئېنېرگىيەلىك سودا ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرگىنىمىزدە، ئىشچىلار قۇراشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە تەرتىپلىك ئىشلەۋاتاتتى.

  شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ۋۇ جىنكې مۇنداق دېدى: «شىركىتىمىزدە ھازىر 1560 دانە زاكاز بار، ئىشلەپچىقىرىش 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە تىزىلدى. ئىشچىلار ئىش ئورنىغا قايتىپ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، زاكازنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىۋاتىدۇ.»

  شىنتەي شەھىرىدە 227 ئاپتوموبىل ۋە ئۇنىڭ زاپچاسلىرى كارخانىسى، شۇنداقلا 10 مىڭ خىلغا يېقىن ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى مەھسۇلاتى بار بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا، ئېغىر تىپتىكى ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولسىمۇ، ئۇزۇندىن بۇيان پۈتۈن ئاپتوموبىل ياساش كارخانىلىرى كەمچىل بولۇپ كەلدى. بۇلتۇر، شىنتەي شەھىرى كەسىپ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ زەنجىرسىمان سودىگەر چاقىرىشنى يولغا قويۇپ، تەيئەن شەھىرىدىكى تۇنجى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تۈرى بولغان جىلى يىراق مۇساپىلىق يېڭى ئېنېرگىيەلىك سودا ئاپتوموبىلى تۈرىنى كىرگۈزدى، يېقىندا تۇنجى ئاپتوموبىل ئىشلەپ چىقىرىلدى.

  «زەنجىرسىمان تەپەككۇر تەيئەن شەھىرىنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىشتىكى كۈچلۈك شەھەر قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يادرولۇق تۇتقا.» تەيئەن شەھەرلىك سانائەتنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى سۇڭ خۇڭيىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇلار يېڭىچە سانائەتلىشىشتىكى كۈچلۈك شەھەر قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى قۇرۇپ، كەسىپلەر توپىنىڭ تەرەققىياتىنى زەنجىرسىمان ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپلەر توپىنىڭ تېز شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ سۇبيېكتىپ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 160 تىن ئارتۇق كادىر شەھەرلىك سانائەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشخانىسى ۋە ھەر قايسى كەسىپ زەنجىرى مەخسۇس بەنلىرىگە تولۇقلىنىپ، بىرىنچى سەپتىكى مۇلازىمەت كارخانىلىرى ۋە تۈر قۇرۇلۇشىغا چۈشۈرۈلۈپتۇ.

  تەيئەن فېيچېڭ شەھىرىدە، شۇ جاي «زەنجىر بېشى» كارخانىسى شەندۇڭ رۈيفۇ لىتىيچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ پولىمېرلىنىشكە تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، زەنجىرنى ئۇزارتىپ زەنجىر تولۇقلاش تۈرىدىن 19 نى توپلاپ، «لىتىي رۇدىسىنى پىششىقلاپ ئىشلەش __ ئاساسى لىتىي تۇزى __ مۇسبەت-مەنپىي قۇتۇپلۇق ماتېرىيال __ باتارېيە زاپچاسلىرىنى قۇراشتۇرۇش __ كېرەكسىز، كونا باتارېيەنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش»نىڭ پۈتۈن دەۋرىيلىك كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى.

  فېيچېڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ لى مۇنداق دېدى: يۈرۈشلەشكەن، تولۇق بولۇش ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، فېيچېڭدىكى نۇرغۇن لىتىيلىق يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، پايدىسى كۆرۈنەرلىك بولدى، لىتىيلىق توكنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشتى.

  تەيئەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ياڭ خۇڭتاۋ مۇنداق دېدى: «تەيئەن بۇ يىل زەنجىر قۇرۇش، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.»

  يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يېڭىلاندى

  ھازىر تەيئەن شەھىرى دەييۆ رايونى داۋېنكوۋ بازىرىغا جايلاشقان تەيشەن گەجچىلىك چەكلىك شىركىتى بېيجىڭغا ئەۋەتىلىدىغان بىر تۈركۈم تېز ئورنىتىلىدىغان تاختاي زاكازلىرىنى تېز ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ، كارخانىلار يېڭى تېخنىكا، يېڭى ھۈنەر-سەنئەتنى يولغا قويغاندىن بۇيان، مەھسۇلات تەننەرخى تۆۋەنلەپلا قالماي، كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارىمۇ %20 تۆۋەنلىدى.

  تەيشەن گەجچىلىك چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جيەنچۈن مۇنداق دېدى: «بىز ئىسسىق شامالدا بىۋاسىتە قۇرۇتۇش ھۈنەر-سەنئىتىنى كەشىپ قىلىپ، ئىككى قېتىم ئىسسىقلىق ئالماشتۇرۇشنى بىر قېتىم ئىسسىقلىق ئالماشتۇرۇشقا ئۆزگەرتىپ، ئىسسىقلىق ئۈنۈمىنى %85 كە ئۆستۈرۈپ ھەم تەننەرخنى تېجىدۇق، ھەم بۇلغىنىشنى تۆۋەنلەتتۇق.»

  فېيچېڭ شەھىرى يەنشۆ پىرىسلانغان ھاۋا ئېنېرگىيەسىنى ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، پۈتۈن ساھە بويىچە مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە يەككە يۈرۈش 300 مېگاۋاتلىق پىرىسلانغان ھاۋا ئېنېرگىيەسىنى ساقلاش تۈرى جىددىي ئالغا سىلجىتىلماقتا. بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن بىر سائەتتە 300 مىڭ كىلوۋات سائەت توك چىقىرالايدۇ.

  تەيئەن شەھىرى مەدەنىيەت-ساياھەت شەھىرى بولۇش سۈپىتىدە يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشنى باشتىن-ئاخىر يادرولۇق مەزمۇن قىلدى.

  تەيئەن شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۈ جاۋبىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تەيئەن شەھىرى يۇقىرى ئۆلچەمدە كەسىپلەشكەن مەخسۇس تۈر پىلانىنى تۈزۈپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاشنى تېزلىتىش ئارقىلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىشتۈرگەن ۋە زورايتقان.

  تېخىمۇ كۆپ كارخانىلار ئەقلىيلەشتۈرۈش، رەقەملەشتۈرۈش، يېشىللاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش شارائىتىدا تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئىقتىسادتا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئۈزلۈكسىز قەدەم قويدى، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتمۇ سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر تەيئەننىڭ سۇ، ئاتموسفېرا، تۇپراق قاتارلىق مۇھىت سۈپىتىنىڭ كۆرسەتكۈچلىرى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زور دەرىجىدە ياخشىلانغان.

  ئامىل كاپالىتى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى

  يېقىندا تەيئەندىكى بىر ئېنتېرنېت تورى پەن-تېخنىكا شىركىتى خام ماتېرىيال سېتىۋېلىش سەۋەبىدىن تۇراقسىز مەبلەغدە قىينىلىپ قالدى. شۇ جايدىكى رەقەملىك ئىقتىساد كەسىپ زەنجىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە ھالقىسىنى يېتەكلەش ئەترىتى ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ ماتېرىيال توپلاپ، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، بىر ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 50 مىليون يۈەنلىك ئىناۋەتلىك قەرز بېرىشنى تەستىقلاشنى تاماملاپ، شىركەتنىڭ مەبلەغدە قىسىلىپ قېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، شىركەتنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  تەيئەن شەھەرلىك يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نى جيەنجۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، پۇل مۇئامىلە ھالقىسىنى يېتەكلەش ئەترىتى تەيئەن شەھىرى يەرلىكنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادى ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق قوللاشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تەشكىللىگەن قوشۇن بولۇپ، ئۇلار 29 پۇل مۇئامىلە ئورنىنىڭ 120 يېتەكچىسىنى تاللاپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش كەسىپ زەنجىرىنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن يېتەكلەش ئەترىتىدىن 13 نى تەشكىللەپ، پۇل مۇئامىلە يېتەكچىلىكىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرگەن.

  ئامىل كاپالىتى تۈر قۇرۇلۇشىدا مىقدار ئۆزگىرىشىنىڭ ئاچقۇچى. تەيئەن سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بايلىق ئامىللىرىنى توپلاپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجادكارلىق ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

  «كارخانا بىزگە قانداق ئامىل كاپالىتىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرسىلا، بىز تىزىملىك تۈزۈپ، ئالاقىدار تارماقلارغا بىۋاستە يۆتكەپ بېرىپ، سۈرۈك ئىچىدە بېجىرىمىز» دېدى سۇڭ خۇڭيىن.سۈرەتتە: تەيئەن شەھىرى بۇ يىل تۇنجى بولۇپ يولغا قويغان يەرگە بەش خىل رەڭدە بەلگە قويۇش ئۇسۇلى، تەيئەن شەھىرى يەرگە پىشىپ يېتىلىش دەرىجىسى بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە «قىزىل، كۆك، سۆسۈن، سېرىق، يېشىل» بەش خىل رەڭلىك بەلگە قويۇش ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ توغرا ئورۇن تاللىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سۈن شياۋخۇي فوتوسى

  مەسىلەن، يەر بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە، تەيئەن پايدىلانمىغان يەرلەرنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ، بەش خىل رەڭلىك ئورۇن تاللاش خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىپ، يەر ئىشلىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە كېتىدىغان ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئاساسەن رەڭ ئايرىپ، ئالدى بىلەن كارخانىلارغا بىۋاسىتە يەر بىلەن تەمىنلەش شەرتىگە يەتكەن «قىزىل» يەرلەرنى تەۋسىيە قىلدى؛ ئۆلكە بويىچە تۇنجى زور مەبلەغ سېلىش تۈرى «يېشىل كارتا» تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، چوڭ تۈرلەرنى تىزىملاش، تۈر تۇرغۇزۇشتىن قۇرۇلۇش ئىجازىتىگىچە بولغان ھەرقايسى ھالقىلار ئەلالاشتۇرۇلدى، فۇنكسىيەلىك تارماقلار ۋە مۇلازىمەت مەخسۇس خادىملىرى پۈتۈن جەرياننى ئىلگىرى سۈرۈپ، رەسمىيەت بېجىرىش سۈرئىتىنى %75 تېزلەتتى.

  «بىر قاتار كۈچلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرى تەيئەننىڭ 13 كەسىپ زەنجىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى بەس-بەستە ئۇرغۇتۇپ، يېڭىچە ياسىمىچىلىق ئىقتىسادىنى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندۇردى» دېدى ياڭ خۇڭتاۋ تونۇشتۇرۇپ.

  ​كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى



خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ