شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش پائال ئىلگىرى سۈرۈلدى-- تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ تەۋسىيە-تەكلىپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرمەكتە

2023.02.28 00:34 مەنبە: خەلق تورى

  تېمىسى: شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرەيلى ___ تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ تەۋسىيە-تەكلىپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى.

  لىفىت ئورنىتىش، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى بەلگە سېلىپ ئايرىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ قۇرۇلۇشلارنى چېقىش، يول يۈزىنى ئۆزگەرتىپ ياساش، يېشىللىقكۆلىمىنى كېڭەيتىش ... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش جايلاردا ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كاشىلا بولىدىغان توسۇق نۇقتىلار ئۈزلۈكسىز راۋانلاشتۇرۇلۇپ، مېخانىزملىق توسالغۇلار تۈگىتىلىپ، ئەلرايى توسالغۇلىرى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئاشۇرۇلدى.

  2022-يىل 4-ئاينىڭ 29-كۈنى، يۈننەننىڭ يۈشى شەھىرىدە، تەكلىپكە بىنائەن كەلگەن«تام رەسىمى رەسساملىرى»شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش يولغا قويۇلغان ئولتۇراق رايونلارنىڭ تاملىرىغا رەسىم سىزماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ چاۋ فوتوسى.2020-يىلى مەملىكەتلىكسىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنى مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى جوۋ لەن بازار كۈچلىرىنى شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشكە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى تەكلىپنى تاپشۇرۇپ، شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلىرىنى ئۆزگەرتىشتە ئاھالىلەر قاتنىشىدىغان مەبلەغ سېلىنما مېخانىزىمىئورنىتىپ، «قۇرۇش-باشقۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش تەكلىپىنىئوتتۇرىغا قويدى.

  جوۋ لەن تەكلىپىدە مۇنداق يازغان: «جايلار كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش، ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا تەجرىبىلەرنى توپلىغان بولسىمۇ، لېكىن يەنە بازارغا قاتنىشىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى زور بولۇش، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن باشقۇرۇش قىيىن بولۇش قاتارلىق رېئال مەسىلىلەرگە يولۇقتى. بۇ مەسىلىلەر مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان تېمىسى، شۇنداقلا ئالاقىدار تارماقلار خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ».

  تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى تەكلىپنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، كۈچ تەشكىللەپ ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشكە قاتنىشىشقا پائال يېتەكلەپ، كۆلەملەشكەن تىجارەت سۇبيېكتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تىجارەت ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كۆپەيتكىلى، كېڭەيتكىلى بولىدىغان تەجرىبىلەرنى بالدۇرراق شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  2018-يىلىدىن باشلاپ، شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش خىزمىتى ئۇدا بەش يىل ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىغا كىرگۈزۈلدى. بەش يىلدىن بۇيان، تۇرالغۇ ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى 100 دىن ئارتۇق تەۋسىيە-تەكلىپتاپشۇرۇۋالدى، ۋەكىللەر ۋە ئەزالار تەۋسىيە-تەكلىپلىرىدە كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش سالمىقى، مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شارائىتى بار بىنالارغا لىفىت ئورنىتىپ، كونىرىغان بىنالارنى توسالغۇسىزلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۈرلىرىنى قانات يايدۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسى تەۋسىيە-تەكلىپلەرنى بېجىرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مىنىستىرلىق پارتگۇرۇپپىسى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىدىغان، مىنىستىرلىق رەھبەرلىرى ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ مەسئۇل بولىدىغان، بېجىرگۈچى مەھكىمە، ئىدارىلەر كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان، بەنگۇڭتىڭ ماسلاشتۇرۇپ ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مىنىستىرلىق رەھبەرلىرى ئۆزى مەسئۇل بولغان ساھەگە دائىر تەۋسىيە- تەكلىپلەرنى بېجىرىش سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، بېجىرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تۇرالغۇۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى ۋەكىللەر ۋە ئەزالاردىن پىكىر ئېلىپ، مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئالاقىدار تەۋسىيە-تەكلىپلەرنى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى سىياسەت-تەدبىرلەرگە ئايلاندۇرۇپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەۋسىيە-تەكلىپلەرنى بېجىرىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئۇچۇرلاشقان باشقۇرۇش سىستېمىسى ئارقىلىق بېجىرىش سۈرئىتىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، بېجىرىشنى سۈرۈك ئىچىدە بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بېجىرىش نەتىجىسىنى ۋاقتىدا ئاشكارىلاپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلغان.

  بۇ پىكىر-تەكلىپلەر ئالاقىدار سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى ياخشىلاشتا مۇھىم رول ئوينىدى. 2019-يىلىدىن بۇيان، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى ھەر يىلى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە مەخسۇس ھۆججەت تارقىتىپ، جايلارنىڭ «بىر تۈركۈمنى يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈمنى پىلانلاپ، بىر تۈركۈمنى زاپاس ساقلاش» پىرىنسىپى بويىچە، يىللىق ئۆزگەرتىشتىكى پىلان ۋەزىپىسىنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە مۇھاكىمە قىلىپ بېكىتىپ، ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، پۇختا يولغا قويۇشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  2022-يىل 12-ئاينىڭ 17-كۈنى، كىچىك دوستلار گۇاڭشى ئۆلكىسى نەننىڭ شەھىرى چىڭشيۇ رايونى نەنخۇ ئولتۇراق رايونى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى مەركىزىي گۈللۈكتە ئوينىماقتا.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى فوتوسى

  تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى جايلارنى ئاممىنىڭ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەپ، «ئۆزگەرتەمدىم» دېگەننى «ئۆزگەرتىمەن» دېگەنگە ئالماشتۇرۇپ، ھەر ساھە قوللايدىغان، ئامما ئاكتىپ قاتنىشىدىغان قويۇق كەيپىياتنى شەكىللەندۈردى. ھۆكۈمەت بىلەن ئاھالە، ئىجتىمائىي كۈچلەر ئۆزگەرتىش مەبلىغىنى مۇۋاپىق ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، تۈرنى يولغا قويۇش سۇبيېكتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، باجنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈردى. ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى ئېلىپ، لىفىت ئورنىتىش قاتارلىق ئۆزى ئولتۇرىدىغان ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشكە ئىشلىتىشىنى قوللىدى.

  بەش يىلدىن بۇيان، جايلار مەخسۇس تىجارەت ئورۇنلىرى، ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرى، خوجىلىق مۇلازىمەت شىركەتلىرى، كەسپىي ئاپپاراتلار قاتارلىق ئىجتىمائىي كۈچلەرنى شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىش، سۇ، توك، گاز، ئىسسىقلىق، ئۇچۇر قاتارلىق مەخسۇس تىجارەت ئەسلىھەلىرىنى يەككە تۈر بويىچە ئۆزگەرتىش ھەمدە ياشانغاندا كۈتۈنۈش، قولايلىق دۇكان قاتارلىق ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا پائال سەپەرۋەر قىلدى. ئىجتىمائىي كۈچلەرنى ئۆزگەرتىش تۈرىنى پىلانلاش، لايىھىلەش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، قۇرۇش، يۈرۈشتۈرۈش، باشقۇرۇشقا قاتنىشىشقا پائال جەلپ قىلدى.

  ئۈچ يىلدىن بۇيان، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى «شەھەر-بازارلاردىكى كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشتە ئىشلەتكىلى بولىدىغان سىياسەت مېخانىزىمى تىزىملىكى»نى ئالتە تۈركۈمدەتۈزۈپ بېسىپ، جايلارنىڭ ئاھالىلەرنى قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلىش، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تىپىك تەجرىبىسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرىدىن 59 نى ئومۇملاشتۇردى.

  2023-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى، جېجياڭ ئۆلكىسى يۈياۋ شەھىرى داچېڭ شياۋئەي ئاممىۋى پاراۋانلىق مۇلازىمەت مەركىزىدىكى پىدائىيلار كونا ئولتۇراق رايونغا يورۇقلۇق ۋولت توك تاختىسى ئورناتماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۈ يۈ فوتوسى

  شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىيات قۇرۇلۇشى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە، مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردىكى 167 مىڭ كونا ئولتۇراق رايوندا يېڭىدىن ئىش باشلانغان، بۇنىڭدىن 29 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالە مەنپەئەتلەنگەن، 660 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان.

  تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» ۋەكىللىرى، ئەزالىرىنىڭ كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ-تەكلىپىگە ئىلگىرىكىدەكلا ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئالدى بىلەن يولغا قويۇلغان بىر تۈركۈم شەھەر-بازار كونا ئولتۇراق رايونلىرىنى ئۆزگەرتىش داۋامىدا ئاممىنى قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىش، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلىش، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەقلىد قىلغىلى بولىدىغان تەجرىبە-ئۇسۇللار ۋە تىپىك دېلولارنى داۋاملىق يەكۈنلەپ ۋە كېڭەيتىپ، سىياسەت-مېخانىزمنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى ۋە تۇرمۇش مۇھىتىنى ھەقىقىي ياخشىلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ