خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى، بۇ يىل 51 ياشقا كىرگەن سېربىيەلىك ئالېكساندىر يانكوۋىچنىڭ جۇڭگو دۆلەتلىك ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى، ئۇنىڭ پۇتبول كوماندىسىنى باشلاپ 2023-يىللىق ئاسىيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ۋە 2026-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاسىيا رايونى تەييارلىق مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
يانكوۋىچ توپچى بولغان دەۋرىدە بېلگراد قىزىل يۇلتۇزى (سېربىيە)، ASC سىدنېي (ئاۋسترالىيە)، AS سېربورگ (فرانسىيە) قاتارلىق كوماندىلاردا توپ تەپكەن. تىرېنېر بولغاندىن كېيىن، سېربىيە 21 ياشتىن تۆۋەنلەر دۆلەت ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى، بېلگراد قىزىل يۇلتۇزى (سېربىيە)، ئۆلچەملىك ليېژ (بېلگىيە) قاتارلىق كوماندىلاردا تىرېنېرلىق قىلغان ھەمدە سېربىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى تارقاتقان 2011-يىللىق سېربىيە ئەڭ يىراقنى كۆرەر تىرېنېر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2018-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى، يانكوۋىچ جۇڭگونىڭ 19 ياشتىن تۆۋەنلەر (1999-يىللىق باسقۇچىدىكى) دۆلەت ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى سېرىق كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى بولغان. 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى، يانكوۋىچ توختامنى ئۇزارتىشنى تاماملاپ، جۇڭگونىڭ 21 ياشتىن تۆۋەنلەر (1999-يىللىق باسقۇچىدىكى) دۆلەتلىك ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنى باشلاپ، خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلغان. 2022-يىلى 7-ئايدا، يانكوۋىچ جۇڭگو دۆلەتلىك ئەرلەر پۇتبول تاللاش كوماندىسىنى باشلاپ 2022-يىللىق شەرقىي ئاسىيا پۇتبول بىرلەشمىسى E-1 لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ