مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى شى لىپىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى كەشتىلەپ چىقتى

2023.02.24 21:32 مەنبە: خەلق تورى

  ئەتىيازدا ۋۇلىڭشەنگە كەلگەندە، گۈيجوۋ ئۆلكىسى سۇڭتاۋ مياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ چاڭشىڭباۋ بازىرى بەيگو كەنتىدىكى ئېتىزدا ئالدىراش مەنزىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. كەنت ئاھالىلىرى يەر تۈزلەپ، ئوت ئوتاپ، رەخت بوياشقا ئىشلىتىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى تېرىشقا تەييارلىق قىلىدۇ.

  «مياۋزۇ كەشتىچىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆسۈملۈك بويىقى بىلەن بويالغان، ھازىر ئوسما يىلتىزى قاتارلىق تەخمىنەن 10 خىل سورت بار، بۇ يىل ئەسلىدىكى 500 مو يەردىكى تېرىلغۇ كۆلىمى ئاساسىدا 2000 موغا كۆپەيتىلىدۇ» دېدى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، دۆلەت دەرىجىلىك غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسى مياۋزۇ كەشتىسى (سۇڭتاۋ مايسا كەشتىسى) تۈرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى شى لىپىڭ مۇخبىرغا تونۇشتۇرۇپ. ئۇ قۇرغان «گېزىخۇا» مياۋزۇ كەشتىسى ماركىسى تەسىر كۈچىنىڭ داۋاملىق كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن زاكاز تالونلىرى ئۈزۈلمىدى، بوياققا بولغان ئېھتىياجمۇ تەدرىجىي ئاشتى.

  كەشتىچى قىز «گېزىخۇا» يۈرۈشلۈك مياۋزۇ كەشتىچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى نامايان قىلماقتا.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى لوڭ يۈەنبىن فوتوسى

  ئۇ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغاندىن بۇيان، غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش، «جۇڭگو مياۋزۇ كەشتىسى تەتقىقات مەركىزى» قۇرۇش قاتارلىق تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھازىر بۇ تەكلىپلەرنىڭ ھەممىسى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتى.

  «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغاندىن بۇيان، مەن ئىزچىل ئىككى ئىشنى تىرىشىپ قىلدىم، بىرى __ جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈش، يەنە بىرى __ مياۋزۇ يېزىسىدىكى ئاممىنى بېيىتىش. تېخىمۇ كۆپ خەلقئارا زاتلارنىڭ جۇڭگونىڭ مياۋزۇ كەشتىسىنى بىلىشىنى، تېخىمۇ كۆپ كىلاسسىك مەھسۇلاتلارنىڭ مياۋزۇ يېزىسىدىكى ئاممىنى بېيىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى، 57 ياشلىق شى لىپىڭ مياۋزۇ كەشتىچىلىك مەھسۇلاتلىرىدىكى ئالىيجاناب، نەپىس، ئېسىللىققا ۋەكىللىك قىلىدىغان گېزى گۈلىگە قاراپ ھاياجانلانغان ھالدا.

  «مەن يېتەكلىگەن كەشتىچى قىزلار بىرقەدەر كۆپ، كۈندۈزى شىركەتنىڭ ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، كەچتە ئۆيمۇ-ئۆي ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ ياشانغانلار، ياشلار بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ خېلى كەچكىچە پاراڭلىشىپ، ھەر خىل كەشتىلەرنى سېلىشتۇرۇمەن، بەزىدە كۆپچىلىك بىلەن كەشتىچىلىك ھۈنىرى توغرىسىدا قىزغىن مۇنازىرىلىشىمەن» دېدى، شى لىپىڭ. ئۇ كەشتىچىلەر بىلەن ھۈنەر جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرغاندىن باشقا، يەنە بۇنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، مياۋزۇ يېزىسىدىكى ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشتا دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلارنى ئىگىلىدى.

  مياۋزۇ يېزىسىدىكى سۇڭتاۋ ناھىيەسىنىڭ نۇرغۇن كەنتلىرىدە، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاياللارنىڭ زېھنى ئۆتكۈر، قولى چېۋەر ئىدى، ئۇلار كىچىكىدىن تارتىپلا كەشتىچىلىك ماھارىتىنى كۆرۈپ چوڭ بولغاچقا، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كۆزى پىشىپ، كەشتىچىلىك ماھارىتىنى پىششىق ئىگىلىگەنىدى. شى لىپىڭ ئۆيىدە قالغان ئاياللارغا يېرىم تەييار مياۋزۇ كەشتىچىلىك مەھسۇلاتلارنى پىششىقلاپ ئىشلەپ، ئۇلارنى يىغىپ ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەشنى ئېيتتى، شۇنىڭ بىلەن مياۋزۇلارنىڭ كىيىم-كېچەك، خۇشپۇراق خالتا، ئاسقۇچ، يوتقان كىرلىكى، زىننەت بۇيۇملىرى... قاتارلىق نەپىس مياۋزۇ كەشتىچىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىستېمالچىلارنىڭ ئالدىدا نامايان بولدى.

  «ياشلىرىڭلارنىڭ كۆپرەك يېڭىلىق يارىتىپ، كۆپ مەنبەلىك مودا ئېلېمېنتلارغا بىرلەشتۈرۈپ، ئېقىمغا يېتىشەلەيدىغان تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتلارنى لايىھەلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇنداق قىلغاندىلا تېخىمۇ كۆپ ياش ئىستېمالچىلارنىڭ قەلبىنى مايىل قىلغىلى بولىدۇ» دېدى، شى لىپىڭ 28 ياشلىق كەشتىچى قىز شى ۋېيشيەننىڭ ئۆيىدە سەمىمىيلىك بىلەن چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ.

  شى لىپىڭنىڭ تەربىيەلىشى بىلەن شى ۋېيشيەن نۇرغۇن كەشتىچى قىزلار ئارىسىدا يۇقىرى سەۋىيەلىك مياۋزۇ كەشتىچىلىك ھۈنىرىنى نامايان قىلدى. ھازىر ئۇ يۇرتىدىن ئايرىلماي ئۆيىدە ئىشلىسىمۇ، ھەر ئايدا تەخمىنەن 4000 يۈەن كىرىم قىلىدۇ ھەمدە ئائىلىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدۇ، ۋاقىت چىقىرىپ زىرائەت تېرىيدۇ، ئۆيدە بىكار ئولتۇرمايدۇ، كىرىمدىن غەم قىلمايدۇ، يېرىمۇ قۇرۇق قالمايدۇ. شى لىپىڭ شى ۋېيشيەنگە ئوخشاش تەخمىنەن 4000دەك كەشتىچى قىزنى يېتەكلىدى.

  شى لىپىڭ (ئوڭدا) كەشتىچى قىزغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لوڭ يۈەنبىن فوتوسى

  يېڭى يىل كىرىشى بىلەن بېيجىڭ، شاڭخەي، شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن زاكازلار ئۈزۈلمىدى. سۇڭتاۋ، تۇڭرېن، گۈيياڭ قاتارلىق جايلاردىكى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدا، ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىشچىلار ئالدىراش بولۇپ كەتتى، كىيىم-كېچەك، ئاسقۇچ، خۇشپۇراق خالتا قاتارلىق مياۋزۇ كەشتىچىلىك مەھسۇلاتلىرى جىددىي ئىشلىنىۋاتاتتى. مياۋزۇ كەشتىچىلىك مەھسۇلاتلىرى ھازىر كورېيە، ياپونىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى، مالايسىيا قاتارلىق 70كە يېقىن دۆلەتكە سېتىلىدۇ،يىللىق زاكازنىڭ %70ى چەت ئەلدىن كېلىدۇ.

  شى لىپىڭ مياۋزۇ كەشتىچىلىك ماھارىتىنى نامايەن قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياڭ ۋېنبىن فوتوسى

  ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغان بەش يىلدا، شى لىپىڭ يەنە مياۋزۇ يېزىسىدىكى ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەر ئۈچۈن قاتراپ، باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلىنىدىغان نامرات ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ يۈكىنى يېنىكلىتىش، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىش قاتارلىق تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. «خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش نۇقتىسى كۆپ قېتىم بېرىپ كەشتىچى قىزلار بىلەن ھۈنەر جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، يەنە نۇرغۇن ئەر ئەمگەك كۈچى ۋە مياۋزۇ كەشتىسىنى بىلىدىغان ياش ئاياللارنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشنى تاللىغانلىقىنى بايقىدىم. بۇ كۆچۈرۈلگەن ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، شۇڭا تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى يارىتىش ئارقىلىق كۆچۈرۈلگەن ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆچۈپ چىقىش، مۇقىم ئولتۇراقلىشىش، بېيىشنى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم» دېدى شى لىپىڭ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۆزۈمنىڭ پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىپ، بارماق ئۇچى ماھارىتىمنى بارماق ئۇچى ئىقتىسادىغا ئايلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.» شى لىپىڭنىڭ خاتىرىسىدە: ياشلارنى يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەشكە جەلپ قىلىش، ياشلارنى مىللىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قاتناشتۇرۇش، ئۇلارنى مياۋزۇ مەدەنىيىتىنى قىزغىن سۆيۈش، مىللىي مەدەنىيەتنى قىزغىن سۆيۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، «مياۋزۇ كەشتىسى+» تەرەققىيات ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مياۋزۇ كەشتىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت تەربىيەلەش پىلانى خاتىرىلەنگەن.

  سۈرەتتە: شى لىپىڭ (ئوڭدىن ئۈچىنچى) كەشتىچى ئاياللار بىلەن كەشتىچىلىك ماھارىتىدە بەسلەشمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (لۇڭ يۈەنبىن فوتوسى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ