تەكلىپ-تەۋسىيەلەرنى بېجىرىشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى

كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك مەدەت بېرىلدى

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ۋەكىللەر ۋە ئەزالارنىڭ تەكلىپ-تەۋسىيىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى

2023.02.23 22:31 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: ئارتىسلار سۈيچاڭ ناھىيەسى ۋاڭسۈنكوۋ بازىرىدىكى قىزىل ئارمىيە چوڭ سەھنىسىدە، ساياھەتچىلەرگە ئويۇن قويماقتا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان، چېڭ چاڭفۇ فوتوسى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قەرزى كۆپ، ئىجتىمائىي ئىشلار يەنىلا ئاجىز، مالىيە كاپالىتى ئىقتىدارى چەكلىك، ئىختىساسلىقلار بايلىقى كەمچىل... كونا ئىنقىلابىي رايونلارنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشتا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا قارىتا، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى گو شياۋيەن بۇلتۇر 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنى مەزگىلىدە، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپنى تاپشۇردى.

  گو شياۋيەن مۇنداق دېدى: «مەن تۇرۇشلۇق شەنشى ئۆلكىسى توڭچۈەن شەھىرى جاۋجىن بازىرى كونا ئىنقىلابىي رايون. دۆلەت ئەزەلدىن كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، لېكىن تارىخ، تەبىئەت قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى بىلەن تەرەققىي تاپقان رايونلارنىڭ پەرقى يەنىلا بىرقەدەر چوڭ بولۇپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنى ئېچىش قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئىلگىرى سۈرۈش قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا قالغان مۇھىم تېما بولۇپ قالدى.»

  گو شياۋيەن: قوغداش، ئېچىش، پايدىلىنىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادى، قىزىل ساياھىتى، ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە ئۇل ئەسلىھە تەرەققىياتىنى قوللاپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى ئاممىنىڭ بىر تۈركۈم جىددىي، قىيىن، غەم-ئەندىشە قىلىدىغان، ئارزۇ مەسىلىسىنى مەركەزلىك ھەل قىلىش كېرەك، دەپ تەكلىپ بەردى.

  بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، ئۇ دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ جاۋابىنى تاپشۇرۇۋالدى. ۋەكىللەر كۆڭۈل بۆلۈدىغان قىزىل بايلىقنى قوغداش، ئېچىش، پايدىلىنىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە قىزىل ساياھەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش يېتەكچى پىكرى ۋە «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، كونا ئىنقىلابىي رايونلار قىزىل ساياھىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى بېسىپ تارقاتتى، كېيىنكى قەدەمدە داۋاملىق تۈردە ھازىرقى مەبلەغ يوللىرى ئارقىلىق كونا ئىنقىلابىي رايونلارنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ.

  2018-يىلىدىن بۇيان، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كۆپلىگەن ۋەكىللىرى كونا ئىنقىلابىي رايونلارنى ئېچىش قۇرۇلۇشىنى قوللاش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، «كونا ئىنقىلابىي رايونلارنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللاش» ئۇدا ئۈچ يىل مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نۇقتىلىق ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىش تەكلىپى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. ئالاقىدار تارماقلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ قېتىم نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ مەزمۇنىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، ۋەكىللەرنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاڭلىدى. 2021-يىلىنىڭ بېشىدا، گوۋۇيۈەن «يېڭى دەۋردە كونا ئىنقىلابىي رايونلارنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللاش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، يېڭى دەۋردىكى كونا ئىنقىلابىي رايونلارنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ نىشان ئورنى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسى ۋە قوللاش تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كونا ئىنقىلابىي رايونلارنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلىدى.

  پىكىر تارقىتىلغاندىن كېيىن، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىنى قوللايدىغان «1+N+X» سىياسەت سىستېمىسىنى چىڭ تۇتۇپ ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «14-بەش يىل»دا كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، قىزىل ساياھەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردىكى يولغا قويۇش لايىھەسى ھەم نىشانلىق ياردەم بېرىش، نىشانلىق ھەمكارلىشىش قاتارلىق بىر قانچە نۇقتىلىق مەخسۇس سىياسەتنى بېسىپ تارقىتىپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىنى قوللاشنى كۈچلۈك سىياسەت تىرىكىگە ئىگە قىلدى.

  تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاش ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. «سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدە قىزىل بايلىقنى چوڭقۇر قېزىپ، يەرلىك خاس كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.» گو شياۋيەن كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا زور ئۈمىد باغلىدى.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى دەۋردە كونا ئىنقىلابىي رايونلارنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى تەجرىبە-ئۇسۇللارنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، يېڭى دەۋردە كونا ئىنقىلابىي رايونلارنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللايدىغان «1+N+X» سىياسەت سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم. يۇقىرى-تۆۋەن ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، 2023-يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا پىلانلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. دىققەتنى مۇھىم، زور قۇرۇلۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، قىزىل ساياھەت تەرەققىياتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق تۆت نۇقتىلىق ساھەنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ دىققەتنى دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، جايلارنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كونا ئىنقىلابىي رايونلارنى گۈللەندۈرۈش تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى پائال قوللاش كېرەك؛ دىققەتنى «ئاز پۇلنى كۆپ ئىشقا ئىشلىتىش»، «كۆپ پۇلنى بىر ئىشقا ئىشلىتىش»كە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىنى قوللايدىغان تۈرلۈك مەبلەغنى يەنىمۇ بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىتىش كېرەك؛ دىققەتنى باھالاش، رىغبەتلەندۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى نۇقتىلىق شەھەرلەرنىڭ نىشانلىق ھەمكارلىق خىزمىتىنى يەنىمۇ قوللاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ دىققەتنى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ 2023-يىللىق خىزمەت مۇھىم نۇقتىلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەدەت بېرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنىڭ شەكىللىنىشىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ