مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ گۇاڭخۇي ۋاسكېتبول كۇلۇبى جازالاندى!

2023.02.19 23:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ گۇاڭخۇي ۋاسكېتبول كۇلۇبى رويخەتكە ئالدۇرۇشتا قائىدىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، جۇڭگو ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن جازالاندى، جوۋ چى «ئەركىنلىك»ىنى قولغا كەلتۈردى.

  جۇڭگو ۋاسكېتبول جەمئىيىتى ئىنتىزام ۋە ئەخلاق كومىتېتى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى جازالاش قارارى چىقىرىپ، رويخەتكە ئالدۇرۇش قاتارلىق كۆپ جەھەتلەردە ئېغىر دەرىجىدە قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان شىنجاڭ گۇاڭخۇي ۋاسكېتبول كۇلۇبى چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە «شىنجاڭ گۇاڭخۇي» دەپ قىسقارتىلىدۇ)گە جازا بېرىشنى قارار قىلدى، بۇ، مەزكۇر كۇلۇب بىلەن توختام تالاش-تارتىشى قىلىۋاتقان جوۋ چىنىڭ «ئەركىنلىكى»نىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بۇ ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، جۇڭگو ۋاسكېتبول جەمئىيىتى ئىنتىزام ۋە ئەخلاق كومىتېتى جوۋ چى ئوتتۇرىغا قويغان شىنجاڭ گۇاڭخۇينىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى، تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ گۇاڭخۇينىڭ ئېرىشكەن رويخەتكە ئالدۇرۇش سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ رويخەتكە ئالدۇرۇش ئاپپاراتى جۇڭگو ۋاسكېتبول جەمئىيىتىنىڭ رۇخسىتىسىز، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي تىجارەت قىلىش، باشقۇرۇش قاتارلىق يادرولۇق كەسپىنى رويخەتكە ئالدۇرمىغان سۇبيېكتلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك شىركىتىنىڭ قانات يايدۇرۇشىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن؛ تەشكىلىي ئاپپارات، مالىيە باشقۇرۇش، كەسپىي تىجارەت، كۇلۇبنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ۋە ئىجازەت بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە، شىنجاڭ گۇاڭخۇي كۇلۇبى بىلەن ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەردە قانۇنىي ئىگە بىلەن شىركەت مۈلكى ئارىلىشىپ كېتىش مەۋجۇد؛ شىنجاڭ گۇاڭخۇي كۇلۇبى رويخەتكە ئېلىش، مۇسابىقە ئىجازىتى قاتارلىق بەلگىلىمىلەردىكى تەلەپكە ئەمەل قىلماي تىرېنېر، خىزمەتچى خادىملارنى تەكلىپ قىلغاندا، ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردىكى تەلەپ بويىچە تەنھەرىكەتچىلەرگە مائاش بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالمىغان، دەپ بېكىتتى. ئالاقىدار پاكىتلارغا ئاساسلەن، شىنجاڭ گۇاڭخۇي كۇلۇبى «جۇڭگو ۋاسكېتبول جەمئىيىتىنىڭ رويخەتكە ئېلىشنى باشقۇرۇش چارىسى»گە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ، رويخەتكە ئېلىشتا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان.

  «جۇڭگو ۋاسكېتبول جەمئىيىتىنىڭ ئىنتىزام مىزانى ۋە جازالاش بەلگىلىمىسى» ۋە «جۇڭگو ۋاسكېتبول جەمئىيىتىنىڭ رويخەتكە ئېلىشنى باشقۇرۇش چارىسى»نىڭ مۇناسىپ ماددىلىرىغا ئاساسەن، جۇڭگو ۋاسكېتبول جەمئىيىتى ئىنتىزام ۋە ئەخلاق كومىتېتى شىنجاڭ گۇاڭخۇي كۇلۇبىغا قارىتا تۆۋەندىكىدەك جازا بەردى:

  بىرىنچى، شىنجاڭ گۇاڭخۇي كۇلۇبىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەش. جازا قارارى چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە، يېڭى تەنھەرىكەتچىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشقا چەك قويۇلىدۇ. يەنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مۇددەت ئىچىدە 2022-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە بولغان مۇسابىقە پەسلىدە، ئۈنۈملۈك رويخەتكە ئېلىنغان دۆلەت ئىچىدىكى تەنھەرىكەتچىلەردىن باشقا يېڭىدىن كۆپەيگەن دۆلەت ئىچىدىكى تەنھەرىكەتچىلەرنى رويخەتكە ئېلىشقا بولمايدۇ (ئالدىن رويخەتكە ئېلىنغان تەنھەرىكەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، دۆلەت ئىچىدىكى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ كۇلۇب ئالمىشىشىغا قاتنىشىش ياكى ئالماشتۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ. ئىككىنچى، «جۇڭگو ۋاسكېتبول جەمئىيىتىنىڭ رويخەتكە ئېلىشنى باشقۇرۇش چارىسى» ۋە ئالاقىدار باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ گۇاڭخۇي شىركىتى ئوخشاش مەزگىلدە تۈزىتىش ئېلىپ بارىدۇ.

  جۇڭگو ۋاسكېتبول جەمئىيىتىدىكى ئالاقىدار زاتلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئىنتىزام ۋە ئەخلاق كومىتېتىنىڭ جازالاش قارارى شىنجاڭ گۇاڭخۇي كۇلۇبىنىڭ جازا مۇددىتى ئىچىدە جوۋ چى بىلەن مۇستەقىل توختام تۈزۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش سالاھىيىتىدىن مەھرۇم قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇڭا جوۋ چى «ئەركىن» ھالدا باشقا CBA كۇلۇبىغا قوشۇلالايدۇ.

  ئالاقىدار زاتلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ۋاسكېتبول جەمئىيىتى ئىنتىزام ۋە ئەخلاق كومىتېتى بۇ ئىشقا چېتىشلىق تەكشۈرۈش جەريانىدا، جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى (بېيجىڭ) تەنتەربىيە چەكلىك شىركىتىدە جۇڭگو ۋاسكېتبول جەمئىيىتىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرۇش، مۇسابىقە ئىجازىتى قاتارلىق باشقۇرۇش تۈزۈملىرىگە خىلاپ ئەھۋاللار بارلىقىنى بايقىدى، بۇنى جۇڭگو ۋاسكېتبول جەمئىيىتى ئايرىم تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ. جۇڭگو ۋاسكېتبول جەمئىيىتى ئادىل، ھەققانىي، ئاشكارا پوزىتسىيەدە چىڭ تۇرۇپ، قائىدىنىڭ كەسكىنلىكى ۋە نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، جۇڭگو ۋاسكېتبول ئىشلىرىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ