مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەكتەپلەردە تىرېنېرلىق ئورنى تەسىس قىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلار كەسپىي تەنھەرىكەت يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىنىدۇ

2023.02.14 00:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى، مەركەز ئاپپارات ئىشتاتى كومىتېتى ئىشخانىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق تۆت تارماق بىرلىشىپ، «مەكتەپلەردە تىرېنېرلىق ئىش ئورنى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەكتەپلەردە تىرېنېرلىق ئىش ئورنى تەسىس قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر، كەسپىي مەكتەپلەر ۋە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر خىزمەت ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، مەخسۇس (قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى) تىرېنېرلىق ئىش ئورنى تەسىس قىلسا بولىدۇ. شارائىتى بار رايونلار مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئالاقىدار كەسپىي ئاپپاراتلار قاتارلىق ئىجتىمائىي كۈچلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، مەكتەپلەرنى تەنتەربىيە مائارىپى بويىچە ئوقۇتۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلسا بولىدۇ. مەخسۇس تىرېنېرلىق ئىش ئورنى تەسىس قىلىش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولغان مەكتەپلەرنى بېكىتكەن ئىشتات ۋە كەسپىي تېخنىكا ئىش ئورنى ئومۇمىي مىقدارى ۋە قۇرۇلما نىسبىتى ئىچىدە تەسىس قىلىپ، مەخسۇس ئىش ئورنىنى مەخسۇس ئىشلىتىپ، كەسپىي تېخنىكا ئىش ئورنىغا كىرگۈزۈپ باشقۇرۇش كېرەك.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «پىكىر»دە جايلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەي»، ئاساسىي قاتلامغا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بېرىش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەكتەپلەرنىڭ مەسئۇل تارمىقى ئۆزى باشقۇرىدىغان مەكتەپنىڭ تىرېنېرلىق ئىش ئورنىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر تۇتاش باشقۇرۇپ ئىشلەتسە ھەمدە ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ كونكرېت ئىش ئورنىدا ۋەزىپە ئۆتەش شەرتىنى بېكىتسە بولىدۇ. مەكتەپلەر ئېھتىياجغا قاراپ ئىش ئورنى تەسىس قىلىش، ئاشكارا تەكلىپ قىلىش، ئەلالىرىنى تاللاپ تەكلىپ قىلىش پىرىنسىپى بويىچە ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ تىرېنېرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەكتەپ تىرېنېرلىرى كەسپىي ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەنتەربىيە ئوقۇتۇشى ۋە تەلىم-تەربىيە خىزمىتىگە قاتنىشىپ، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن تەنتەربىيە ئوقۇتۇشى تەلىم-تەربىيە خىزمىتىدە بىر-بىرىنى تولۇقلىشى كېرەك. مەكتەپ تىرېنېرلىرىنىڭ ئۇنۋان دەرىجىسى، ئىش ئورنى دەرىجىسى ۋە باھالاش ئۆلچىمى تەنتەربىيە كەسپىي خادىملىرىنىڭ ئۇنۋان تۈزۈمىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ. جايلار پائال ئىزدىنىپ، ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مەكتەپ تىرېنېرلىرىنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاش ئۆلچىمىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، مەكتەپ تىرېنېرلىرىنى ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ئەمەلىي نەتىجە يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرسا بولىدۇ. مەكتەپ تىرېنېرلىرى ۋە تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى مۇناسىپ ئۇنۋانغا ئېرىشكەندىن كېيىن، بەلگىلىمە بويىچە ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ تەيىنلىنىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، «پىكىر»دە سەپتىن چېكىنگەن تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مەكتەپتىكى تىرېنېرلىق ئىش ئورنىدا ئارتۇقچىلىقىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىپ، جايلار بەلگىلىك ساندا مەكتەپ تىرېنېرلىق ئىش ئورنى ئاجرىتىپ، 1-دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك تەنھەرىكەتچى تېخنىكا دەرىجىسىگە ئېرىشكەن سەپتىن چېكىنگەن تەنھەرىكەتچىلەرنى ئاشكارا تەكلىپ قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، تەنتەربىيە تارماقلىرى سەپتىن چېكىنگەن تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ تىپىنى مەكتەپ تىرېنېرلىرىغا ئۆزگەرتىپ تەربىيەلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە مەسئۇل بولىدۇ، مائارىپ تارماقلىرى ئىدىيەۋى-سىياسىي، كەسپىي ئەخلاق ۋە ئوقۇتۇش تەربىيەسىنى ياخشى ئىشلەشكە مەسئۇل بولۇپ، تەلىم-تەربىيە، ئوقۇتۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ