مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئوقۇش باشلاش پەسلىدە بۇ ئالدامچىلىقلاردىن ئېھتىيات قىلىڭ

2023.02.13 00:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بالىلارنى ئەڭ ياخشى مۇھىتتا چوڭ قىلىش ئاتا-ئانىلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. ئوقۇش باشلاش پەسلى يېتىپ كەلدى، بۇ دەل ئالدامچىلارنىڭ جانلىنىدىغان ۋاقتى. ئۇلار ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغان روھىي ھالىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مائارىپ ئاپپاراتلىرى، ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ پۇل-مالنى ئالداپ ئېلىۋالىدۇ، ئاتا-ئانىلار بۇنىڭدىن ھوشيار بولۇشى كېرەك!

  بىرىنچى ئۇسۇل: «يول مېڭىپ مەكتەپكە كىرىشكە ياردەم بېرىش» نامى بىلەن ئالدامچىلىق قىلىش

  جىنايەتچىلەر يالغاندىن «يولۇم بار»، مۇناسىۋەت ئارقىلىق «يول مېڭىپ مەكتەپكە كىرگۈزەلەيمەن»، بالىنى كۆڭۈلدىكىدەك مەكتەپكە كىرگۈزەلەيمەن، دەپ يالغان ئېيتىپ، مۇناسىۋەت ھەققى، ھاۋالە پۇلى قاتارلىق ناملار بىلەن بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن پۇل-مال سورايدۇ. ئائىلە باشلىقى پۇل سالغاندىن كېيىن، ئالدامچى يوقاپ كېتىدۇ.

  ئىككىنچى ئۇسۇل: مۇئەللىمنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ھەق ئېلىپ ئالدامچىلىق قىلىش

  جىنايەتچىلەر ئاتا-ئانىلار توپىغا كىرىۋالغاندىن كېيىن، مۇئەللىمنىڭ باش سۈرىتى ۋە ئىسمىنى كۆچۈرۈپ، توپتا بىر مەزگىل يوشۇرۇنچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئاندىن مۇئەللىمنىڭ دەرس ۋاقتى ياكى دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ پۇل ئېلىش كودىنى يوللاپ، دەرسلىك سېتىۋېلىش، تەربىيەلەش ھەققى تاپشۇرۇش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن ئاتا-ئانىلارنىڭ پۇل-مېلىنى ئالداپ ئېلىۋالىدۇ.

  ئۈچىنچى ئۇسۇل: ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى بېجىرىشنى باھانە قىلىپ ئالدامچىلىق قىلىش

  جىنايەتچىلەر مەكتەپ ياكى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ خادىمى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى بېجىرىپ بېرەلەيمەن، دەپ يالغان ئېيتىپ، ئاندىن رەسمىيەت بېجىرىش ئۈچۈن پۇل-مالنى ئالداپ ئېلىۋالىدۇ.

  تۆتىنچى ئۇسۇل: بالا ۋەقەگە ئۇچرىدى، دەپ يالغان ئېيتىپ ئالدامچىلىق قىلىش

  جىنايەتچىلەر «بالا مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، بالىنى ۋەقەگە يولۇقتى، دورا پۇلىنى جىددىي تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ» دېگەننى باھانە قىلىپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئالاقزادە بولۇش كەيپىياتىدىن پايدىلىنىپ، ئاتا-ئانىلارنى پۇلنى مۇناسىۋەتلىك ھېساباتقا يۆتكەشكە يېتەكلەيدۇ.

  بەشىنچى ئۇسۇل: مۇسابىقىدە مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى باھانە قىلىپ، ئالدامچىلىق قىلىش

  جىنايەتچىلەر «مۇسابىقىدە مۇكاپاتقا ئېرىشسە، ئۆرلەپ ئوقۇشقا ياردىمى بولىدۇ» دېگەندەك پىتنە-ئىغۋالارنى تارقىتىپ، ئاتا-ئانىلارغا بالىلىرىنى پۇل خەجلەپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرغۇزۇپ، تەشۋىشنى كۆپەيتىپ، قانۇنسىز بايلىق توپلايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ