مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەكتەپ ئۆز قەرەلىدە ئوقۇش باشلىيالامدۇ؟ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش

2023.02.10 14:54 مەنبە: خەلق تورى

  2 -ئاينىڭ 9-كۈنى، گوۋۇيۈەن بىرلەشمە مۇداپىئە-بىرلەشمە تىزگىن مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپى، نۇقتىلىق ئاپپاراتلار، نۇقتىلىق سورۇنلارنىڭ يۇقۇم مۇداپىئە-تىزگىن ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ھەمدە تاراتقۇلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  ۋۇ زۈنيوۋ: دۆلىتىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئومۇمىي ئىممۇنىتېت كۈچى بىر قەدەر يۇقىرى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ

  جۇڭگو كېسەللىكلەرنى تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە باش مۇتەخەسسىسى ۋۇ زۈنيوۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىز ئەمدىلا بىر قېتىملىق مەملىكەت خاراكتېرلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ تارقىلىشىنى باشتىن كەچۈردى، كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلدى، يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا كىشىلەرنىڭ ئىممۇنىتېت ئارقىلىق قوغدىنىش كۈچى بىر قەدەر يۇقىرى مەزگىلدە تۇرىدۇ، شۇڭا يېقىنقى بىر نەچچە ئايدا يەنە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى ئانچە زور ئەمەس. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ قېتىمقىدەك كەڭ كۆلەملىك تارقىلىشنىڭ قايتا يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكىمۇ ئازىيىدۇ.

  دۆلىتىمىزنىڭ مۇداپىئە-تىزگىن تاكتىكا-تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇشىغا ئەگىشىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كەلگۈسىدە قىسمەن رايون، قىسمەن كىشىلەر توپىدا مەلۇم مەزگىل ئارىلاپ-ئارىلاپ يۈز بېرىشى مۇمكىن، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەركەزلىك، كەڭ كۆلەمدە تارقىلىش ئېھتىماللىقى ئانچە زور ئەمەس.

  ۋۇ زۈنيوۋ: تېخى مۇسبەت بولمىغان ياشانغانلار ۋە بالىلارنىڭ قايتا يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى زور ئەمەس

  ۋۇ زۈنيوۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تېخى مۇسبەت بولمىغان بالىلار ياكى ياشانغانلار ئۈنۈملۈك مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى ياكى ئۇلارنىڭ تۇغما ئىممۇنىتېت ئارقىلىق قوغدىنىش كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك. مەيلى قانداق سەۋەب ئۇلارنى يۇقۇملاندۇرمىغان بولسۇن، بىز مۇنداق تەھلىل قىلساق بولىدۇ: مەملىكەت خاراكتېرلىك كەڭ كۆلەمدە تارقىلىش مەزگىلىدە يۇقۇملىنىش خەۋپى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ، بۇ كىشىلەردە يۇقۇملىنىش يۈز بەرمىدى، ھازىر مەملىكەت بويىچە كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى ئۆتۈپ كەتتى، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا يۇقۇملىنىش خەۋپى بىر قەدەر تۆۋەن، ئۇلارنىڭ يەنە يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى زور ئەمەس.

  ئەگەر ئۇلارغا قانداق تەكلىپىڭىز بار دېسىڭىز، ئىككى جەھەتتە تەكلىپىمىز بار: بىرىنچى، شەخسىي مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ ئىككىنچى، ئەگەر تېخى ۋاكسىنا ئەملىمىگەن بولسا، تېزدىن ۋاكسىنا ئەملەش كېرەك. ئەگەر كۈچەيتىش ۋاكسىنىسى ئەملەش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلسە، تېزدىن كۈچەيتىش ۋاكسىنىسى ئەملەش كېرەك.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى: يۇقۇم خەۋپى بولمىسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە قايتىشى كېچىكتۈرۈلمەيدۇ

  مائارىپ مىنىستىرلىقى تەنتەربىيە-سەھىيە-سەنئەت مائارىپى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، 1-دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى ليۇ پېيجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جايلار يوللىغان ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ يىل ئەتىيازلىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇش باشلاشنى تەۋەلىك بويىچە مائارىپ تارماقلىرى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىدىكەن، ئاساسلىقى 2-ئاينىڭ بېشىدىكى يۈەنشياۋ بايرىمىنىڭ ئالدى-كەينىدىن 15-چېسلاغىچە ئوقۇش باشلايدىكەن. ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش باشلاش ۋاقتىنى ئالىي مەكتەپلەر ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدىكەن، ئاساسلىقى 2-ئاينىڭ باشلىرىدىكى يۈەنشياۋ بايرىمىنىڭ ئالدى-كەينىدە، 2-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئوقۇش باشلىنىدىكەن. ھازىر ھەر دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى ئوقۇش باشلاشنى تەكشۈرۈپ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش باشلاش تەييارلىقىنىڭ ۋاقتىدا ئەمەلىيلىشىشىگە، ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى مەكتەپ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىغا يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىۋاتىدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە يۇقۇم ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، مەكتەپلەرنىڭ يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە تىزگىنلەش سىياسىتى ئېنىق بولدى، جايلارنىڭ ئوقۇش باشلاش تەييارلىقى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلىيلەشتى، بۇ يىل ئەتىيازدا مەملىكەت بويىچە مەكتەپلەر ئۆز قەرەلىدە، نورمال، بىخەتەر ئوقۇش باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. ئەگەر ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا، مەكتەپ ئادەتتە مۇددەتتىن بۇرۇن ئوقۇش باشلىمايدۇ؛ ئەگەر يۇقۇم خەتىرى بولمىسا، ئوقۇغۇچىلار ئادەتتە مەكتەپكە قايتىشنى كېچىكتۈرمەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ