ماۋ نىڭ مۇنداق دېدى: دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشى. مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادى ۋە دىنىي ھېسسىياتىغا ھۆرمەت قىلىنىدۇ. جۇڭگو يېقىندىن بۇيان بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئايرىم غەرب سىياسەتۋازلىرىنىڭ دىنىي كىتابلارنى ئاشكارا كۆيدۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋىرىگە دىققەت قىلدى. بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشى بەزى غەرب سىياسەتۋازلىرىنىڭ ئۆزىنى كۆككە كۆتۈرگەن ئاتالمىش «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش»نىڭ نەقەدەر ساختا ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ماۋ نىڭ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو ئىلگىرىكىدەكلا ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن مەدەنىي سۆزلىشىشنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىدۇ، مۇسۇلمان خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى توپلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئورتاق قوغدايدۇ».
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ