مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى كۆپ قېتىم جۇڭگوغا ئالاقىدار سۆزلەرنى ئېلان قىلدى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ئىنكاس قايتۇردى!

2023.02.03 14:47 مەنبە: خەلق تورى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى: ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى ۋە لاگېرلار قارشىلىشىشىنى قارشى ئالمايدۇ

  شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ستولتېنبېرگ يېقىندا كورىيە-ياپونىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە كۆپ قېتىم جۇڭگوغا چېتىشلىق سۆز قىلدى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋنىڭ 2-چېسلادىكى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئۇنىڭ مۇددىئاسى ئادەمنىڭ ھوشيارلىقىنى قوزغايدۇ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى ۋە لاگېرلار قارشىلىشىشىنى قارشى ئالمايدۇ.

  ماۋ نىڭ مۇنداق دېدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى كورىيە، ياپونىيەنى زىيارەت قىلغاندا، جۇڭگونى تىلغا ئېلىپ، ئاتالمىش «جۇڭگو تەھدىتى»نى قەستەن كۆپتۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە سىزىقى ئارقىلىق رايون دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سالدى، ئۇنىڭ مۇددىئاسى كىشىلەرنىڭ ھوشيارلىقىنى قوزغايدۇ.

  ماۋ نىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو دۇنيا تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىدۇ، رايونلار ئارا تالىشىش قوزغىمايدۇ، ھەرقانداق دۆلەتكە خىرىس قىلىپ تەھدىت سېلىش ئويى يوق. ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچ ھەمكارلىشىش، مۇقىم گۈللىنىش ۋەزىيىتى بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدىن كەلگەن. ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى ۋە لاگېرلار قارشىلىشىشىنى قارشى ئالمايدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ ياۋروپا بىخەتەرلىكىدە زادى قانداق رول ئوينىغانلىقى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىشى، ياۋروپانى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتمەسلىكى، يەنە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيانى قالايمىقانلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماسلىقى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ