مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خېبېي ئۆلكىسى توي-تۆكۈن ئادىتى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىدۇ

2023.02.03 14:46 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، خېبېي ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتى، خېبېي ئۆلكىلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسى قاتارلىق ئون تارماق بىرلىكتە «توي-تۆكۈن ئادىتى ئىسلاھاتى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقىتىپ، ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، توي-تۆكۈننى باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەش، تارماقلار ماسلىشىش، ئومۇمىي خەلق قاتنىشىش، قائىدە-يوسۇن ئۆزئارا ھەمتۈرتكە بولۇش ئارقىلىق 2025-يىلىغا بارغاندا پۈتۈن ئۆلكىنىڭ توي-تۆكۈن، ئائىلە ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى دائىملاشتۇرۇش، يۇقىرى باھالىق تويلۇق، ھەشەمەتچىلىك قىلىش، ئۆزئارا بەسلىشىش، چاكىنا توي قىلىش قاتارلىق ناچار ئادەتلەرنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش، ئادەمگەرچىلىك، زىياپەت، تويلۇق قاتارلىقلارنىڭ چىقىم يۈكىنى كۆرۈنەرلىك يېنىكلىتىش، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ساغلام، مەدەنىي، ئاددىي، مۇۋاپىق توي-تۆكۈن ئادىتى يېڭى ئىستىلى، يېڭى قىياپىتى يارىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  پىكىرگە ئاساسەن، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرى مەدەنىيتوي-تۆكۈن ئادىتى مەدەنىيىتىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، ئۆيلىنىش قانۇن-نىزاملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، توي-تۆكۈن ئادىتى مەدەنىيىتى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، توي خېتى تىزىملاش سورۇنلىرىنىڭ مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ، 2025-يىلىغا بارغاندا، %50تىن ئارتۇق توي خېتى تىزىملاش ئورگىنىدا توي-تۆكۈن ئادىتى مەدەنىيەت تېمى (كارىدورى) تەسىس قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، توي-تۆكۈن ئىشلىرىنى تېجەشلىك ئۆتكۈزۈش زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلۇپ، چەكلەش خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنى تۈزۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، توي-تۆكۈن مۇراسىمى مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، توي-تۆكۈن ئادىتىدىكى ناتوغرا ئىستىللارنى مەخسۇس تۈزەشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىلىدۇ. ئۆلكە بويىچە ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش مۇلازىمىتى بىلەن پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى بىرلەشتۈرۈش، مەخسۇس خىزمەتچى خادىملار بىلەن توي-تۆكۈن ۋاسىتىچىلىرى، مېھرىبان زاتلار بىرلىشىپ كۆپ ئۆلچەملىك توي قىلىش-مۇھەببەتلىشىش مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتېرلىكتوي قىلىش-مۇھەببەتلىشىش-دوستلىشىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ئاپپاراتى، ئەمگەك كۈچى چىقىرىش كېلىشىمى ئاپپاراتى ۋە ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسىغا تايىنىپ، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، ئەمگەك كۈچى چىقىرىش ئارزۇسى ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى، تەربىيەلەش ئېھتىياجى بار يېزىلاردىكى يېشى چوڭ توي قىلمىغان ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ياخشى ئائىلە ئىستىلى، ياخشى ئائىلە تەربىيىسى، ياخشى ئائىلە تەلىمىنى ئائىلىلەرگە، مەھەللىلەرگە، كەنتلەرگە، مەكتەپلەرگە، كارخانىلارغا كىرگۈزۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، نەمۇنىلەرنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ياخشى ئائىلە ئىستىلى، ئائىلە تەربىيىسىگە داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، خېبېي ئۆلكىسىدىكى ھەر قايسى جايلار توي-تۆكۈن ئادىتى ئىسلاھاتى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تارماقلارنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توي-تۆكۈن ئادىتى ئىسلاھاتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرىدىكەن. توي-تۆكۈن ئادىتى ئىسلاھاتى خىزمىتىگە سىياسەت جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تەشكىللەپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قىسمەن ناھىيە، يېزا، كەنتلەرنى ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش، دادىل يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكلەيدىكەن ۋە رىغبەتلەندۈرىدىكەن. جايلار ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ يېتەكچىلىك رولىدىن پايدىلىنىپ توي-تۆكۈن ئادىتى ئىسلاھاتىغا ئالاقىدار سىياسەت، جانلىق ئەمەلىيەت ۋە ئىلغار نەمۇنىلەرنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىدىكەن، توي-تۆكۈن ئادىتى ئىسلاھاتى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالىنى قەرەللىك ياكى قەرەلسىز تەكشۈرۈپ ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئۆيلىنىش ئادىتى ئىسلاھاتىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ