مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنى باھالاشتا يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىلدى

2023.02.03 14:45 مەنبە: خەلق تورى

  كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئەخلاق، قابىلىيەت جەھەتتىكى ئىپادىسى ۋە خىزمەت نەتىجىسىگە ئومۇميۈزلۈك توغرا باھا بېرىش، ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 1-چېسىلا «كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنى باھالاش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلىپ، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنى باھالاش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى، مەزمۇن ئۆلچىمى، شەكىل تەرتىپى، نەتىجىسىنى قوللىنىش قاتارلىقلار توغرىسىدا يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى.

  باھالاش بەلگىلىمىسىدە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنى باھالاش ئۇسۇلى ئاساسلىقى يىللىق باھالاش ۋە ئىشلىتىش مۇددىتى بويىچە باھالاش بولۇپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن ئادەتتىكى باھالاش، مەخسۇس باھالاش قانات يايدۇرۇلىدۇ. يىللىق باھالاش كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ بىر يىل ئىچىدىكى ئىپادىسىنى ئومۇمىي باھالاش بولۇپ، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق باھالاشتىكى مۇنەۋۋەر ئادەم سانى ئادەتتە شۇ ئورۇندىكى يىللىق باھالاشقا قاتنىشىشقا تېگىشلىك خىزمەتچىلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %20 ىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

  باھالاش بەلگىلىمىسىدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنى باھالاشتا، ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتى ۋە ئۈستىگە ئالغان خىزمەت ۋەزىپىسىنى تۈپ ئاساس قىلىپ، ئەخلاق، ئىقتىدار، تىرىشچانلىق، نەتىجە، پاكلىقنى ئومۇميۈزلۈك باھالاپ، ئەخلاق ۋە نەتىجىنى باھالاشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. باھالاش نەتىجىسىنى تاللاپ ئۆستۈرۈش-تەيىنلەش، تەربىيىلەش، باشقۇرۇش-نازارەت قىلىش، رىغبەتلەندۈرۈش-چەكلەش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ئورنى، ۋەزىپىسى، خىزمەتچىلەرنىڭ دەرىجىسى، مائاشى ۋە ئۇنۋان باھالاش، مۇكاپاتلاش، شۇنىڭدەك ئىشلىتىش (تەيىنلەش) توختامىنى ئۆزگەرتىش، داۋاملىق تۈزۈش، بىكار قىلىش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسى قىلىش كېرەك.

  باھالاش بەلگىلىمىسىدە دەرىجە ۋە تۈرگە ئايرىپ باھالاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىش ئورنىنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، تۈجۈپىلەش ۋە پەرقلەندۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان كەسىپ، ئوخشاش بولمىغان تۈر، ئوخشاش بولمىغان قاتلام، ئوخشاش بولمىغان ئىش ئورنىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە كونكرېت تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈش تەلەپ قىلىندى.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سابىق كادىرلار مىنىستىرلىقى تارقاتقان «كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنى باھالاش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»نىڭ يولغا قويۇلغىنىغا 20 نەچچە يىل بولغان. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى روھى، يېڭى تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنى باھالاش خىزمىتىدە دۇچ كەلگەن يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، يېڭى سىياسەتلەرنى جىپسىلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بۇ باھالاش بەلگىلىمىسى تۈزۈپ چىقىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ