مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ساۋ ساۋنىڭ گاۋلىڭدىكى قەبرىسىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم بايقاش!

2023.02.03 14:43 مەنبە: خەلق تورى

  ساۋ ساۋنىڭ گاۋلىڭدىكى قەبرىستانلىقىدىن سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قەبرە ساقلىغۇچى ئائىلىلەر بايقالدى

  مۇخبىرنىڭ خېنەن ئۆلكىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى-ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقات يۇرتىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت ئىجتىمائىي پەن فوندى تۈرى «ساۋ ساۋنىڭ گاۋلىڭدىكى قەبرىستانلىقى ئۈستىدە ئۇنىۋېرسال تەتقىقات» يېقىندا بىر يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، گاۋلىڭنىڭ غەربىدە بايقالغان سۇڭ، يۈەن سۇلالىلىرى دەۋرىگە ئائىت قۇرۇلۇش ئۇلى شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە گاۋلىڭدىكى ساۋ ساۋ قەبرىستانلىقى ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان قەبرە ساقلىغۇچى ئائىلىلەر بولۇشى مۇمكىن.

  خېنەن ئۆلكىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى- ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقات يۇرتىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى جوۋ لىگاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئارخېئولوگلار ساۋ ساۋنىڭ گاۋلىڭدىكى قەبرىستانلىقىنىڭ غەربىگە 200 مېتىر كېلىدىغان جايدىن سۇڭ، يۈەن سۇلالىلىرى دەۋرىگە ئائىت خىش بىلەن قوپۇرۇلغان يەر ئاستى سۇ چىقىرىش ئەسلىھەلىرى ۋە قۇرۇلۇش ئىزنالىرىنى بايقىغان، بۇ يەردىن نۇرغۇن فارفور بۇيۇملار، پۇل، شىشخال، قورشاۋ شاھمات ئۇرۇقى، ساپال شارچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆڭۈل ئېچىش بۇيۇملىرى ۋە قۇرۇلۇش بۇيۇملىرى قېزىۋېلىنغان.

  جوۋ لىگاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قېزىۋېلىنغان فارفور بۇيۇملارنىڭ دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، بۇ يەردىكى ئىمارەتلەرنىڭ شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە سېلىنىشقا باشلاپ تاكى يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگىچە ئىشلىتىلگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قەدەر نەپىس ئەسۋاب-جابدۇقلار ۋە كۆڭۈل ئېچىش بۇيۇملىرىنىڭ كۆپىنچىسى جىن سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە بولۇپ، بۇ مەزگىلدە بۇ يەردە ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنىڭ بىر قەدەر كۆپ بولغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بايقالغان سۇ چىقىرىش ئەسلىھەلىرى نەپىس ھۈنەر-سەنئەتنى نامايان قىلغان، رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۇزۇنلۇقى نەچچە ئون مېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، نۇرغۇن گىرەلەشمە سۇ چىقىرىش تورىنى شەكىللەندۈرگەن.

  قېزىش نەتىجىسىدىن ئىسپاتلىنىشىچە، سۇ چىقىرىش ئەسلىھەلىرى ۋە قۇرۇلۇش ئىزنالىرىنىڭ گاۋلىڭدىكى قەبرىستانلىقنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى يوق، لېكىن خارابە ۋە قېزىۋېلىنغان يادىكارلىقلارنىڭ ئالاھىدىلىكى شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا گاۋلىڭدىكى قەبرىستانلىققا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قەبرە ساقلىغۇچى ئائىلىلەرنى ئىزدەشنى مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن. بۇ ھەقتە توختالغاندا جوۋ لىگاڭ مۇنداق دېدى: قېزىۋېلىنغان قۇرۇلۇش يادىكارلىقلىرى ۋە سۇ چىقىرىش ئەسلىھەلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا سانى كۆپ، تۈرى مول بولغان فارفور بۇيۇملاردىن بۇ يەردىكى ئىمارەتلەرنىڭ ئادەتتىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇسى ئەمەسلىكىنى پەرەز قىلدۇق،بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يەردىن قېزىۋېلىنغان ساپال ئەجدىھا بېشى شەكىللىك قۇرۇلۇش بۇيۇملىرى شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى خەن چى جەمەتى قەبرىستانلىقى ۋە لەنتيەندىكى لۈ جەمەتى قەبرىستانلىقىدىكى نەزىر-چىراغ قۇرۇلۇشلىرىدىنمۇ بايقالغان، شۇڭا بۇ قۇرۇلۇش شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قەبرىستانلىقنىڭ نەزىر-چىراغ پائالىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

  جوۋ لىگاڭ مۇنداق دېدى: يەنە تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، بۇ يەر شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ساۋ ساۋنىڭ گاۋلىڭدىكى قەبرىستانلىقىغا تەسىس قىلغان قەبرە ساقلىغۇچى ئائىلىلەر بولۇشى مۇمكىن. تاڭ تەيزۇڭ لى شىمىن كوگۇرىيوغا جازا يۈرۈشى قىلىش سەپىرىدە گاۋلىڭغا كەلگەندە بۇ قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلغان، سۇڭ تەيزۇجاۋ كۇاڭيىن مىلادىيە 963-يىلى ئالدىنقى دەۋردىكى پادىشاھلىقتىكى داڭلىق شەخسلەرنىڭ قەبرىسىگە قەبرە ساقلىغۇچى ئائىلىلەرنى تەسىس قىلىش توغرىسىدا يارلىق چۈشۈرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە گاۋلىڭ قەبرىستانلىقىمۇ بار، قەبرە ساقلاشقا ئۈچ ئائىلىنى تەسىس قىلغان. شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىدىن كېيىن، ئوردا جەنۇبقا كۆچكەندە، قەبرە ساقلىغۇچى ئائىلىلەر تاشلىنىپ قالغان بولۇشى، ئەسلىدىكى ئىمارەتلەر باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىلگەن بولۇشى مۇمكىن.

  جۇ لىگاڭيەنە مۇنداق دېدى: ئارخېئولوگىيەلىك قېزىۋېلىنغان يادىكارلىقلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىمۇ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۇ يەردىكى قەبرە ساقلىغۇچى ئائىلىلەرنىڭ تۇرالغۇسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئىمارەتلەردە شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن جىن سۇلالىسى دەۋرىگىچە غايەت زور ئۆزگىرىش بولغان، جىن سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە بۇ ئىمارەتلەر ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى قىلىپ ئىشلىتىلگەن بولۇشى مۇمكىن.

  جوۋ لىگاڭ يەنە مۇنداق دېدى: ھازىر ئالدىنقى باسقۇچلۇق قېزىش ماتېرىياللىرىنى رەتلەش، تەتقىق قىلىش خىزمىتى تاماملاندى. كېيىنكى قەدەمدىكى دالا ئارخېئولوگىيە خىزمىتى بۇ پەرەزنى تېخىمۇ كۆپ يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇنداقلا ساۋ ساۋنىڭ گاۋلىڭدىكى قەبرىستانلىقى ئەتراپىدىكى تارىخىي مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەتقىق قىلىشنى يېڭى ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ