مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خۇ شىنيۈ ۋەقەسىنى داۋاملىق تەكشۈرۈپ، ئاممىنىڭ گۇمانىنى توغرا، تەپسىلىي ھەل قىلىش كېرەك

2023.02.03 01:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان خۇ شىنيۈ ۋەقەسىدە ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى. ئالاقىدار تارماقلار ئېلان قىلغان ساقچى ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1-ئاينىڭ 28-كۈنى، خېكوۋ بازىرى جىنجىشەن تېغى رايونىدىكى ئورمانلىقتا بىر ئېسىلىپ قالغان جەسەت بايقالغان. 1-ئاينىڭ 29-كۈنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۆلگۈچىنىڭ بىيولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ، ئۆلگۈچىنىڭ خۇ XX ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنىڭ ھەجىمى چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇچۇر مىقدارى ئاز ئەمەس، ئەڭ ئاساسلىق ئىككى ئۇچۇر يەتكۈزۈلدى، بىرى، خۇ شىنيۈنىڭ جەسىتى تېپىلدى؛ يەنە بىرى، نەق مەيداننى تەكشۈرۈش جەريانىدا بىر ئۈنئالغۇ قەلىمى بايقالدى. بۇ ئىككى ئۇچۇر ئىنتايىن مۇھىم. مەسىلەن، ئىلگىرى ئېيتىلغان خۇ شىنيۈنىڭ يوقاپ كېتىشتىن بۇرۇن ئۈنئالغۇ قەلەم ئېلىۋالغانلىقى راست.

  بۇنىڭدىن باشقا، خۇ شىنيۈنىڭ جەسىتىنى تاپقاندىن كېيىن، ئىلگىرىكى بەزى پىتنە-ئىغۋالار ئۆزلۈكىدىن بەربات بولدى. ئاتالمىش «گەندە كۆلچىكىدە سۆڭەك پارچىسى بايقالدى»، «خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى ئۇنى دورا سۈيى بىلەن ئېرىتىۋەتتى»، «دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ ئەزالىرى كېسىۋېلىنغاندىن كېيىن، جەسىتى دەرياغا تاشلىۋېتىلدى» قاتارلىق پىتنە-پاساتلارنىڭ ئېنىق يالغان ئۇچۇر ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.

  شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، خۇ شىنيۈنىڭ جەسىتىنى تاپقانلىق بۇ ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ھازىر خۇ شىنيۈنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىلەر گاڭگىراپ قالدى، خۇ شىنيۈنىڭ جەسىتى بايقالغان جاي دېلو يۈز بەرگەن تۇنجى نەق مەيدانمۇ؟ خۇ شىنيۈ يوقاپ كەتكەن 100 نەچچە كۈندە، ئالاقىدار تارماقلار تەشكىللىگەن تەكشۈرۈش ھەرىكىتىدە نېمىشقا خۇ شىنيۈنىڭ جەسىتى بايقالمىدى؟

  ئاممىنىڭ گۇمانى دەل ئالاقىدار تارماقلار جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك مەسىلىدۇر. بۇنىڭغا قارىتا، كەڭ تورداشلار كۆپرەك سەۋرچان بولۇپ، ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى ساقلىشى كېرەك. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتىمۇ «تەكشۈرۈش خىزمىتى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ»، ئالاقىدار ئەھۋاللار جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىدۇ» دېيىلدى. بۇ بايانلاردا بېرىلگەن سىگنال ناھايىتى ئېنىق، يەنى ساقچىلار ھېلىھەم تەكشۈرۈۋاتىدۇ، زادى نېمىنى تەكشۈرۈپ چىقسۇن، ساقچىلار خۇ شىنيۈنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە خەۋەر قىلىدۇ، ئاممىغىمۇ جاۋاب بېرىدۇ.

  ھەقىقىي ئەھۋالنى ساقلاش جەريانىدا ھەممىمىز سەۋرچان بولۇشىمىز، ھېكايە توقۇماسلىقىمىز، يالغان ئۇچۇر تارقاتماسلىقىمىز كېرەك. ئىشەنچىلىك يىپ ئۇچى بولسا ساقچىلارغا يەتكۈزۈپ بېرىپ، خۇ شىنيۈ ۋەقەسىنىڭ ئاشكارىلىنىشىغا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك.

  بىز يەنە ئىشەنچنى ساقلىشىمىز كېرەك. خۇ شىنيۈ ۋەقەسىگە پۈتۈن مەملىكەت دىققەت قىلىۋاتىدۇ، ھېچكىم ساختىلىق قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، ھېچكىم ساختىلىق قىلالمايدۇ. ئەگەر سەللا خاتالىق بولسا، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، بۇ ئىش كىچىك ئىش ئەمەس، بۇ دېلو ناھايىتى مۇرەككەپ، دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، ھەربىر ئىنچىكە ھالقا مۇلاھىزە قىلىشقا، كۆزىتىشكە بەرداشلىق بېرەلىشى كېرەك. ھەقىقىي ئەھۋالنى بايقاش ئەلۋەتتە باش قاتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، لېكىن بۇ ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتى، ئۇنىڭغا ئاممىنىڭ ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن، بولۇپمۇ خۇ شىنيۈنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كۈتۈشى قوشۇلغان، قىلچە مەسىلە مەۋجۇت بولسا بولمايدۇ.

  ساقچىلارنىڭ بۇ ئىشقا تۇتقان پوزىتسىيەسى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، بىرمۇ گۇمانلىق نۇقتىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىققا، بىرمۇ گۇماندارنى بوش قويۇۋەتمەسلىككە، بىرمۇ بىگۇناھ كىشىگە ئۇۋال قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئەمدى تەكشۈرۈشنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، خۇ شىنيۈ ۋەقەسىنى چۆرىدىگەن تۈرلۈك گۇمانلارنىڭ بىر-بىرلەپ ئاشكارىلىنىشىدىن ئۈمىد بار.

  خۇ شىنيۈ ۋەقەسىنى داۋاملىق تەكشۈرۈپ، ئاممىنىڭ گۇمانىنى توغرا، تەپسىلىي ھەل قىلىش كېرەك. يەنە بىرئاز سەۋرچان بولساق، خۇ شىنيۈ دىلوسى ئاشكارىلىنىدۇ. دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، خۇ شىنيۈ ۋەقەسى مۇشۇنداقلا تاشلىنىپ قالمايدۇ، يېشىلىش ئالدىدا تۇرغان سىرلار ئۆلۈك تۈگۈن بولۇپ قالمايدۇ، بۇنىڭغا تولۇق ئىشەنچىمىز بولۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ