مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۇغۇت تىزىملاشتا توي قىلغان بولۇش چەكلىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلامدۇ؟

ئورگان تەرەپ ئىنكاس قايتۇردى

2023.02.03 01:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، سىچۈەن ئۆلكىلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى چىقارغان ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى نۇسخىدىكى «سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ تۇغۇت تىزىملاش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى» (قىسقارتىلىپ يېڭى «چارە» دېيىلىدۇ) 2023-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن. بەلگىلىمىگە ئاساسەن، يېڭى «چارە» ئىككى تەرەپ ياكى بىر تەرەپ سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ نوپۇسى بولغانلارغا ھەمدە سىچۈەن ئۆلكىسىدە ئۇزاق مۇددەت ئولتۇراقلاشقان، ھەمدە سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ «ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى» بار سىچۈەن ئۆلكىسىدىن باشقا ئۆلكىنىڭ نوپۇسىغا تەتبىقلىنىدىكەن.

  تۇغۇت تىزىملاش دېگىنىمىز __ ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ (پۇقرا)نىڭ ئاساسىي ئۇچۇرى (نوپۇس ئۇچۇرى، ئولتۇراقلىشىش ئۇچۇرى، توي ئۇچۇرى قاتارلىقلار) ۋە پەرزەنت ئۇچۇرى (قايتا توي قىلغان ئەر-خوتۇننىڭ قايتا توي قىلىشتىن ئىلگىرى پەرزەنتلىك بولغان ھەم ھازىر بار بولغان پەرزەنتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قاتارلىق مەزمۇنلارنى كۆرسىتىدۇ.

  2019-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېلان قىلىنغان «سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ تۇغۇت تىزىملاش مۇلازىمىتى چارىسى» بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يېڭى «چارە»دە ئاساسلىقى تۆت جەھەتتىكى مەزمۇن تۈزىتىلدى:

  بىرىنچىدىن، توي قىلغان-قىلمىغان بولۇش چەكلىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. يېڭى «چارە»دە تىزىملاش ئوبيېكتىنىڭ توي قىلغان-قىلمىغانلىقىغا قارىتا چەكلەش شەرتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، تۇغۇت تىزىملاشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى تۇغۇت ئارزۇسى ۋە تۇغۇت نەتىجىسىگە يۆتكىلىپ، نوپۇسنى كۆزىتىش ۋە تۇغۇت مۇلازىمەت ئورنىغا قايتۇرۇپ كېلىندى.

  ئىككىنچى، تۇغۇت سانى چەكلىمىسى بىكار قىلىندى. يېڭى «چارە»دە، ئومۇمەن پەرزەنتلىك بولغان پۇقرالار پەرزەنتلىك بولۇشنى تىزىملىتىشى كېرەكلىكى بەلگىلەندى.

  ئۈچىنچى، تۇغۇت تىزىملاش تەلىپى ئاددىيلاشتۇرۇلدى. يېڭى «چارە»دە، توردا تۇغۇت تىزىملاش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندە، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر سىستېمىسى ئارقىلىق كىملىك ياكى ئىناۋەتلىك كىنىشكىنى ئالغىلى بولسا، كىملىك ئىسپات ماتېرىيالىنى قايتا يوللىمىسىمۇ بولىدىغانلىقى بەلگىلەندى.

  تۆتىنچى، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش تەلىپى كۆپەيتىلدى. يېڭى «چارە»دە «توي-تۇغۇت ئىشى»نى بىر قېتىمدىلا بېجىرىش، تۇغۇت تىزىملاش ئۇچۇرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق مەزمۇنلار قوشۇلدى.

  سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى «تۇغۇت تىزىملاش»نىڭ «نوپۇسقا ئېلىش» ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى

  1-ئاينىڭ 30-كۈنى، سىچۈەن ئۆلكىلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار باشقارما، ئىشخانىلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، «چارە»دە ئېيتىلغان «تۇغۇتنى تىزىملاش» ھەرگىزمۇ ئامما دەۋاتقان «نوپۇسقا ئالدۇرۇش» ئەمەس بولۇپ، تۇغۇتنى تىزىملاشتا توردا تىزىملاشقا بولىدۇ، ئاساسلىقى ئاممىغا ئۇلارنىڭ قانداق ھوقۇقى، مەجبۇرىيىتى بارلىقى تەشۋىق قىلىنىدۇ، شۇنداقلا تارماقلارنىڭ ئاممىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى چۈشىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  خىزمەتچى خادىملار مۇنداق دېدى: تۇغۇت تىزىملاش نوپۇسقا ئېلىش ئەمەس، تۇغۇت تىزىملاشنى بېجىرىش ئانا-بالىلار مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ شۇ جايدىكى نوپۇسنى ئۈنۈملۈك كۆزىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈندۇر. «چارە» ھەرگىزمۇ توي قىلماي پەرزەنتلىك بولۇشقا ئىلھام بېرىش ئەمەس، بەلكى «توي قىلماي ھامىلىدار بولغان»لارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارنى تۇغۇتقا تىزىملاتقاندىن كېيىن ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈندۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ