مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئوغۇل بالىنىڭ ئاياللار ھاجەتخانىسىغا كىرىشى تىللىشىشقا سەۋەب بولدى؟ ئوڭايسىز ئەھۋالنىڭ ئارقىسىدىن قانداق ھەقىقىي مەسىلىلەر ئاشكارىلىنار؟

2023.02.02 15:29 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، مەلۇم بىر جايدىكى ئالتە ياشلىق بىر ئوغۇل بالا ئاپىسىغا ئەگىشىپ ئاياللار ھاجەتخانىسىغا كىرىپ، باشقىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان، شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا كەسكىن تالاش-تارتىش يۈز بەرگەن. بۇ ھەقتىكى سىن توردا تارقالغاندىن كېيىن، تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى. ھازىر ساقچىلار تەكشۈرۈشكە كىرىشتى. كىمنىڭ ھەق، كىمنىڭ ناھەق ئىكەنلىكىگە سىندىكى كۆرۈنۈشكە قاراپلا ھۆكۈم چىقىرىش تەس، ئەمما شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش زىددىيەتلەر ھەقىقەتەن كۆپىيىپ قالغان. ھاجەتخانىدىن مۇنچىغىچە، ئاندىن كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگىچە، بالىلار يات جىنىستىكى ئاتا-ئانىلار بىلەن بۇ ئالاھىدە سورۇنلارغا كىرىپ-چىققاندا، بىر مەيداندىكى كىشىلەر بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ. ئادەتتىكى قانۇنىيەتكە ئاساسلانغاندا، بالىلار ئۈچ ياشتىن كېيىن «ئەر-ئاياللارنىڭ پەرقى بار»لىقىنى ئاستا-ئاستا چۈشىنىپ يېتىدۇ ھەمدە يات جىنستىكىلەرنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسىغا نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بولىدۇ، بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاغزىدىكى «كىچىك بالا نېمىنى بىلەتتى» دېگەن گەپلەر ھەقىقەتەن كۆپچىلىكنى قايىل قىلالمايدۇ. بولۇپمۇ ھازىرقى زامان كىشىلىرى شەخسىي سىرغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھوقۇق-مەنپەئەتنى تېخىمۇ ئاكتىپ تەشەببۇس قىلىدۇ، بۇنداق ئىشلار كۆپەيگەنسېرى ئۇ ھەقتىكى تالاش-تارتىشلار ئاسانلا تاكاللىشىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ.

  شۇ مەيداندىكى كىشىلەرنىڭ نارازىلىقى كىچىك ئىشنى چوڭايتىش ئەمەس، لېكىن ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ئېيتقاندا، بالا ئېلىپ سەپەرگە چىققاندا تۈرلۈك ئوڭايسىز ئەھۋاللارغا يولۇقۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ھە دېگەندىلا تىللىشىۋېرىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق، بۇنىڭدا ھادىسىدىن ئۆتۈپ، ئۇنىڭدا قانداق مەسىلىلەرنىڭ ئاشكارىلىنىدىغانلىقى، قانداق قىلغاندا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سۈركىلىشتىن تېخىمۇ ياخشى ساقلانغىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە ئويلىنىش كېرەك.

  بىرىنچىدىن، بۇ يەردە ئاتا-ئانىلارغا شۇنى ئەسكەرتىش زۆرۈركى، بالا ئېلىپ سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن تەييارلىق قىلىۋېلىش كېرەك، ھېچ بولمىغاندا كاللىسىدا باشقىلارغا ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرىشتىن ساقلىنىدىغان ئوي بولۇشى كېرەك. ئەگەر سىرتتىكى پائالىيەت ۋاقتى سەل ئۇزۇنراق بولسا، بالىلارنى ئوخشاش جىنسلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەگەشتۈرۈۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەكمۇ-قانداق؟ ئەگەر بۇنداق ئىمكانىيەت بولمىسا، تاقابىللىق لايىھەسى تەييارلاش كېرەكمۇ-يوق؟ ئامالسىز ئەھۋالدا، ھېچ بولمىغاندا بىرمەيداندىكى كىشىلەرگە بولغان ھۆرمەتنى ئىپادىلەش كېرەك. مەسىلەن، ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر، خىزمەتچى خادىملاردىن ياردەم سوراش ياكى بالىنى كۆزىنى يۇمۇپ دەرھال ئايرىمخانىغا كىرگۈزۈش قاتارلىقلار. ئەمەلىيەتتە، كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇنداق جىددىي ئەھۋالنى چۈشىنىدۇ، ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭكىنىلا راست دېمەي، ئۆزىنىلا ئاساس قىلماي، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنىمۇ ئۆز كۆڭلىدەك چۈشىنىپ، ئورۇن ئالماشتۇرۇپ پىكىر يۈرگۈزسە، جېدەل-ماجىرا يۈز بەرمەيدۇ.

  ئىككىنچىدىن، بۇ، ھاجەتخانا، كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيى قاتارلىق نۇرغۇن قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ يەنىلا مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. 2016- يىلى، دۆلەت تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى تۈزىتىش كىرگۈزگەن «شەھەر ئاممىۋى ھاجەتخانىلىرىنى لايىھىلەش ئۆلچىمى»دە كۆپ ئۇچرايدىغان ئاممىۋى سورۇنلارغا «3-ھاجەتخانا» تەسىس قىلىش تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كۆپ يىللاردىن بۇيان، يېڭىدىن قۇرۇلغان سودا ساراي، ۋوگزال قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا، ئۆلچەملىك «3-ھاجەتخانا» سەپلەندى، لېكىن مېترو بېكىتى، ماي قاچىلاش پونكىتى قاتارلىق كۆلىمى نىسبەتەن كىچىكرەك جايلاردا، بۇ يەنىلا بىر بوشلۇق بولۇپ قالدى. شۇڭا، ئالاقىدار تارماقلار جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا توغرا قاراپ، تولۇقلاپ قۇرۇشنى چىڭ تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بولۇپمۇ «ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇش دەۋرى»نىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى بۇنداق جىددىيلىك بارغانسېرى گەۋدىلىنىدۇ، «3-ھاجەتخانا»نىڭ ئومۇملىشىشىنى بالىلارغا دوستانە مۇئامىلە قىلىدىغان جەمئىيەتنىڭ جانلىق ئىپادىسى، دېيىشكە بولىدۇ.

  بىز دائىم مەدەنىيەت ئىنچىكە ھالقىلاردا كۆرۈلىدۇ، دەيمىز. شەخسكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ بەلكىم باشقىلارغا دەخلى قىلماسلىقتىكى بىر خىل ئاڭلىقلىق بولۇشى مۇمكىن؛ شەھەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ بەلكىم ھەر قايسى توپلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغان بىر خىل ئاڭ بولۇشى مۇمكىن. بالىلارنىڭ ھاجەتخانىغا كىرىش مەسىلىسىنى تىللىشىپ، ئۇرۇشۇپ قىزىق نۇقتىغا ئايلاندۇرۇۋېلىشقا ئەرزىمەيدۇ. ئاتا-ئانىلار ۋە شەھەرنى تۈزىگۈچىلەرنىڭ شەھەر مۇھىتىنى تېخىمۇ مەدەنىي، دوستانىلەشتۈرۈشكە تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ