مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قازاقىستان ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئاستانە-بېيجىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پىلانلىدى

2023.02.02 15:24 مەنبە: خەلق تورى

  قازاقىستان ئاگېنتلىقىنىڭ 30-چېسىلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاستانا ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئاستانىدىن بېيجىڭغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پىلانلىغان.

  خەۋەردە دېيىلىشىچە، خەلقئارا يولۇچىلار نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، قازاقىستان خەلق ئاۋىياتسىيە كومىتېتى جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى بىلەن ئاستانە-بېيجىڭ قەرەللىك نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى قايتىدىن ئېچىش مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك مۇزاكىرە قىلغان.

  خەۋەردە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مۇزاكىرە نەتىجىسىگە ئاساسەن، 3-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ ئاستانە ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئاستانىدىن بېيجىڭغا بىۋاسىتە بارىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پىلانلىدى. نۆۋەتچى ئايروپىلان ۋاقتى ھەر دۈشەنبە، چارشەنبە ۋە شەنبە.

  بۇنىڭدىن باشقا، 2-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ ئاستانە ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئالمۇتادىن بېيجىڭغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننى تەدرىجىي كۆپەيتىپ، ئەسلىدىكى ھەپتىدە بىر قېتىمدىن بەش قېتىمغا كۆپەيتىدىكەن.

  خەۋەردە دېيىلىشىچە، قازاقىستان-جۇڭگو نۆۋەتچى ئايروپىلان سانىنى كۆپەيتىش ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، ساياھەت، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ