مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدا ئۈچ يىلدا يەنە سەككىز ئايرودروم قۇرۇش پىلانلاندى

2023.02.02 15:20 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئايرودروم گۇرۇھىنىڭ 2023-يىللىق خىزمەت يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ ئايرودروم گۇرۇھى «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋى ئايرودروم تور سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا كۈچەپ، 2025-يىلىغىچە يەنە سەككىز ئايرودروم قۇرۇپ، «14-بەش يىل»نىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭدىكى پۇقراۋى ئايرودروم سانىنى 33كە يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان.

  2022-يىلى، شىنجاڭدا موڭغۇلكۈرە تيەنما ئايرودرومى، ئارال تارىم ئايرودرومى، تاشقورغان قونجىراپ ئايرودرومى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ھازىر 25 پۇقراۋى تىرانسپورت ئايرودرومى ئىشقا كىرىشىپ، پۇقراۋى ئايرودروم سانى مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى. 2023-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە، شىنجاڭ ئايرودروم گۇرۇھى گۇچۇڭ، بايىنبۇلاق، باركۆل، بۈگۈر، شىخو، قوبۇقسار، گۇما، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2-شى 38-تۇەنى(چەرچەن)دە سەككىز ئايرودروم قۇرۇشنى پىلانلىدى.

  بۇ يىل، شىنجاڭ ئايرودروم گۇرۇھى يەرلىك ھۆكۈمەتكە ماسلىشىپ، شىخو، قوبۇقسار، گۇمىدا ئۈچ ئايرودرومنى يېڭىدىن قۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، گۇچۇڭ، بايىنبۇلاق ئايرودرومى تۈر قۇرۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىدۇ، بۈگۈر ئايرودرومىنى يېڭىدىن قۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يىل ئىچىدە ئىش باشلاش، نارات، قاراماي ئايرودرومىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يىل ئىچىدە ئىش باشلاش قاتارلىقلارنى پائال قولغا كەلتۈرىدۇ. نۆۋەتتە، گۇچۇڭ، بايىنبۇلاق ئايرودرومىنى يېڭىدىن قۇرۇش تۈرىدە قۇرۇلۇش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا %61 ى، %64 ى تاماملاندى، باركۆل ئايرودرومىنى يېڭىدىن قۇرۇش تۈرىدە ئومۇمىي پىلان ۋە دەسلەپكى لايىھە تەستىقىي جاۋابقا ئېرىشتى.

  «ھاۋا يىپەك يولى» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئايرودروم گۇرۇھى بازار ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ تۇتىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. بۇ يىل يېڭىدىن ئاچىدىغان، ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان خەلقئارا يولۇچى توشۇش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تۆتتىن ئاشىدۇ، يېڭىدىن كىرگۈزىدىغان قەرەللىك نۆۋەتچى ئايروپىلان تىجارىتى قىلىدىغان دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئىككىدىن ئاشىدۇ، يېڭىدىن ئاچىدىغان، كۆپەيتىدىغان شىنجاڭ سىرتىغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان تارماق ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئوندىن ئاشىدۇ، يېڭىدىن ئاچىدىغان، كۆپەيتىدىغان شىنجاڭ ئىچىدە ئۆزئارا ئۇچىدىغان تارماق ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى سەككىزدىن ئاشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئايرودروملارنىڭ ئەشيا ئوبوروت بايلىقىنى يەنىمۇ بىرىكتۈرۈپ، ئەلالاشتۇرۇپ، ئاۋىياتسىيە ئەشيا ئوبوروتى باغچە رايونى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىدۇ. دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا يۈك تىرانسپورتى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى سىجىل كۆپەيتىپ، ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورت ھۆددە ئايروپىلان كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەملىكەت سىرتى يۈك پونكىتى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مال مەنبەسى تۈرى ۋە قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، شەرقىي ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق رايونلارنىڭ خەلقئارا ئاۋىياتسىيە ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنى ئاچىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ