مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

​پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشقا تايىنىپ تارىخىي دەۋرىيلىكتىن قۇتۇلۇشتىكى مۇۋەپپەقىيەت يولىنى تېپىپ چىقتى

2023.02.01 23:49 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 3 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشقا تايىنىپ تارىخىي دەۋرىيلىكتىن قۇتۇلۇشتىكى مۇۋەپپەقىيەت يولىنى تېپىپ چىقتى» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، مىسلىسىز جاسارەت ۋە ئىرادە بىلەن پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان چەكلەپ بولۇنمىغان بەزى ناتوغرا ئىستىل، ناچار كەيپىياتنى چەكلەپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىنمىغان نۇرغۇن جاھىل كېسەللىكنى تۈگىتىپ، پارتىيە، دۆلەت، ئارمىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدا ساقلانغان ئېغىر يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش - ئىدارە قىلىشتا كەڭ قول بولۇش، بوش بولۇش، يۇمشاق قول بولۇش ئەھۋالىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا تارىخىي، ئىجادىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر قاتلاملىق تەسىر پەيدا قىلدى، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەن تارىخىي دەۋرىيلىكتىن قۇتۇلۇش مەسىلىسىنى دائىم تىلغا ئېلىپ كەلدىم، بۇ، پارتىيەنىڭ 1000 يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور مەسىلە، پارتىيەنىڭ ھايات - ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك، دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك. تارىخىي دەۋرىيلىكتىن قانداق قۇتۇلۇپ چىقىش كېرەك؟ پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئىزچىل ئىزدىنىپ كەلدى. يولداش ماۋ زېدۇڭ يەنئەندىكى گەمىدە بىرىنچى جاۋابنى بەردى، ئۇ بولسىمۇ «خەلق ھۆكۈمەتنى نازارەت قىلىش»؛ 100 يىللىق كۈرەش، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى يېڭى ئەمەلىيەت ئارقىلىق، پارتىيەمىز يەنە ئىككىنچى جاۋابنى بەردى، ئۇ بولسىمۇ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش. ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش كالتسىي تولۇقلاپ ئۇستىخاننى چىڭىتىش، زەھەر تازىلاپ، ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش، كەسكىن تەدبىر قوللىنىش، چىرىگەن مۇسكۇلنى ئېلىۋېتىش، پارتىيەنىڭ ساغلام ئورگانىزمىنى چىرىتىدىغان ۋىرۇسلارنى ئۈزلۈكسىز تازىلاش، ئۆزىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، ئادەم خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلسا، سىياسەت - تەدبىرلىرىنىڭمۇ ئەمەلدىن قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر. دادىللىق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ۋە خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش ئىچكى بىردەكلىككە ئىگە بولۇپ، ھەممىسى پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچىنى مەنبە قىلغان. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيە سىرتقى جەھەتتە خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشقا تايىنىپ، ئىچكى جەھەتتە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشقا تايىنىپ، دادىللىق بىلەن ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقنى تۈزىتىپ، دادىللىق بىلەن پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ، سۆڭەكنى قىرىپ زەھەرنى تازىلاپ، پارتىيەنىڭ داۋاملىق گۈللەپ ياشنىشى، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى بولۇپ، 100 يىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى. بىرىنچى، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنىڭ تۈپ سىياسىي يۆنىلىشىدە چىڭ تۇردى. ئىككىنچى، ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشنى پارتىيەنىڭ ئۇل خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنىڭ ئۆتكۈر ئىدىيەۋى قورالىنى تاۋلىدى. ئۈچىنچى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق ئىستىلنى تەرتىپكە سېلىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولىنى بېيىتتى. تۆتىنچى، زور كۈچ بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، رەزىللىكنى جازالاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭنى ياخشى قىلدى. بەشىنچى، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارى، ئۇيۇشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، باتۇرلۇق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان، ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىدىغان كادىرلار قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقتى. ئالتىنچى، ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشتىن ئىبارەت تۈزۈم، قائىدە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ ۋە ئۇنى قوللىنىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتۇق، قانداق ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش، ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ماركسىزملىق پارتىيەنى قانداق قۇرۇشقا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىمىز يېڭى يۈكسەكلىككە يەتتى. (1) پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇردۇق. (2) پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلدۇق. (3) پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يول جەھەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق. (4) قاتتىق بولۇش باش رىتىمىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنىڭ سىياسىيۋىلىكى، دەۋرچانلىقى، قاراتمىلىقىنى ئۆستۈردۇق. (5) مىخ قېقىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېسىل پارتىيە ئىستىلى ئارقىلىق جەمئىيەت ئىستىلى، خەلق ئىستىلىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە، يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولدۇق. (6) قىلچە يول قويماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن چىرىكلىكنى جازالاشتا چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭدۇق. (7) ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق چىرىكلىك ۋە ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىغا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنىڭ يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردۇق. (8) «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى چىڭ تۇتۇپ يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتتۇق ۋە پۇختىلىدۇق. (9) پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان، دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈردۇق.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ