مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى ئامېرىكا بىر تەرەپتىن پىكىر ئالماشتۇرۇپ ھەمكارلىق توغرىسىدا سۆزلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، جۇڭگونىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزسە بولمايدۇ، دېدى

2023.02.01 23:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى باياناتچىسىنىڭ يېقىندا جۇڭگوغا ئالاقىدار ئىپادە بىلدۈرگەنلىكىگە قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 1-ئاينىڭ 30-كۈنى مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئامېرىكا تەرەپ بىلەن ئىككى تەرەپ، كۆپ تەرەپ ساھەلىرىدە ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ، لېكىن ئامېرىكا تەرەپ بىر تەرەپتىن پىكىر ئالماشتۇرۇپ ھەمكارلىق ئۈستىدە سۆزلىشىپ، يەنە بىر تەرەپتىن جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، جۇڭگونىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزسە بولمايدۇ.

  شۇ كۈندىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بەزى مۇخبىرلار مۇنداق سورىدى: يېقىندا، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ باياناتچىسى ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى بلىنكېننىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىپ، بۇ قېتىمقى سەپەردە جۇڭگو تەرەپ بىلەن قانداق قىلىپ رىقابەتنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشقۇرۇش، كونترول قىلىش ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلىپ، دۆلەت ھالقىغان خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ھەمدە تەيۋەن، فېنتانى، ئۇكرائىنا، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو ئىشلىرى قاتارلىق مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپكە كۆڭۈل بۆلۈدىغانلىقىنى بىلدۈردى، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  ماۋ نىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو باشتىن-ئاخىر رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت ئۈچ پىرىنسىپ بويىچە جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدايدۇ.

  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو رىقابەتتىن ئۆزىنى قاچۇرمايدۇ ھەم قورقمايدۇ، لېكىن رىقابەت ئارقىلىق پۈتكۈل جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ئېنىقلىما بېرىشكە قارشى تۇرىدۇ، رىقابەت نامى بىلەن چەكلەش، زەربە بېرىشكە قارشى تۇرىدۇ. جۇڭگو ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئامېرىكا بىلەن ئىككى تەرەپ، كۆپ تەرەپ ساھەلىرىدە ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ. لېكىن شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئامېرىكا تەرەپ بىر تەرەپتىن پىكىر ئالماشتۇرۇپ ھەمكارلىقنى سۆزلەپ، بىر تەرەپتىن جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، جۇڭگونىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزسە بولمايدۇ.

  ماۋ نىڭ مۇنداق دېدى: تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنىڭ يادروسى، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسى، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ھالقىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان بىرىنچى قىزىل سىزىقى، ئامېرىكا ھەر قانداق ۋاقىتتا بۇ قىزىل سىزىقتىن بۆسۈپ ئۆتۈشكە ئۇرۇنماسلىقى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ