مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بايدىن ھۆكۈمىتى: تەستىقلاشنى توختىتىشنى ئويلىشىۋاتىمىز!

2023.02.01 14:23 مەنبە: خەلق تورى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز: بۇ سېپى ئۆزىدىن پەن-تېخنىكا زومىگەرلىكى!

  1-ئاينىڭ 31-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  بىر مۇخبىر «بەزى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، بايدىن ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدىكى تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەرنىڭ جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىدىغان كۆپ قىسىم مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىش ئىجازەتنامىسىنى تەستىقلاشنى توختىتىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ. باياناتچى بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟» دەپ سورىدى.

  ماۋنىڭ مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىز ئالاقىدار خەۋەرلەرگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئالاقىدار يۈزلىنىشكە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىدۇ». ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلىتىمىز ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۇقۇمىنى كېڭەيتىشىگە، دۆلەت كۈچىدىن قالايمىقان پايدىلىنىشىغا، دۆلىتىمىز كارخانىلىرىنى يولسىزلىق بىلەن بېسىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. بۇنداق ئۇسۇل بازار ئىگىلىكى پىرىنسىپى ۋە خەلقئارا سودا-ئىقتىساد قائىدىسىگە خىلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئامېرىكىنىڭ سودا مۇھىتىغا بولغان ئىشەنچىسىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، بۇ سېپى ئۆزىدىن پەن-تېخنىكا زومىگەرلىكى. دۆلىتىمىز دۆلىتىمىز كارخانىلىرىنىڭ يوللۇق، قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى داۋاملىق قەتئىي قوغدايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ