مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەن شىن ئويدۇرۇلمىغان! ئۇلار دەل بۈگۈنكى ئەڭ قوغلىشىشقا تېگىشلىك چولپانلاردۇر

2023.02.01 14:20 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا «شىددەتلىك بوران» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى قويۇلماقتا، فىلىمدىكى ئوت يۈرەك، دۇرۇس جىنايى ئىشلار ساقچىسى ئەن شىننىڭ رولى كىشىنى تەسىرلەندۈردى. باش ئىجادىيەت ئەترىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ پېرسۇناژ ئويدۇرما ئەمەس، بەلكى نۇرغۇن ھەقىقىي تىپلاردىن ئېلىنغان بولۇپ، تۈمەنلىگەن قەھرىمانلارنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى ئىكەن. ناھايىتى تېزلا ئەسلىي ئوبرازلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىمۇ قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

  ئۇلارنىڭ ھېكايىسىدىن شۇنى چۈشىنىش تەس ئەمەسكى، رېئاللىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىنمۇ بەكرەك كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. زەھەر چەكلەش ساقچىسى ياش تۇرۇپلا چاچلىرى ئاقىرىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ: «چاچلىرىم ئاقىرىپ كەتسىمۇ بەرداشلىق بەرگەن تۇرسام، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارغا بەرداشلىق بېرەلمەسلىكتىن قورقامدىم؟» دەيدۇ. ساقچىخانىدىكى خەلق ساقچىسى پىچاق كۆتۈرگەن قارا نىيەتلەر بىلەن باتۇرلارچە ئېلىشتى، ساقچى فورمىسى قان بىلەن بويالغان بولسىمۇ، ئۇ قىلچە پۇشايمان قىلماي: «ئەگەر يەنە بىر قېتىم كېلىشسە، مەنمۇ جېنىمنى تىكىپ قويىمەن!» دەيدۇ. پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى تازىلاش نەق مەيدانىغا تۇيۇقسىز ئوت كەتكەندە، ئالاھىدە ساقچى تارماق ئەترىتى پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى تازىلاش ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ باشلىقى خىزمەتدىشىنى خەتەردىن ساقلاش ئۈچۈن ئىتتىرىۋېتىپ، ئۆزىنىڭ پۈتۈن بەدىنىنىڭ %8 قىسىمى كۆيۈپ يارىلاندى، ئۇ خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كەلگەندە تەمكىن ھالدا: «بۇ ئىشنى ھامان بىر ئادەم قىلىشى كېرەك!» دېدى. جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا،2022-يىلى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىدا جەمئىي 308 نەپەر خەلق ساقچىسى، 179 نەپەر ياردەمچى ساقچى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان، 4334 نەپەر خەلق ساقچىسى، 3470 نەپەر ياردەمچى ساقچى خىزمەت ئۈستىدە يارىلانغان. ھېچكىم تۇغما قەھرىمان ئەمەس، لېكىن ساقچىلىق كەسپىنى تاللىغانلىق قەھرىمانلىق ۋە تۆھپە قوشۇشنى تاللىغانلىق، ھەر بىر ھېكايە، ھەر بىر سان-سىفىر ئەڭ رەھىمسىز ھەم ئەڭ بىۋاسىتە ئۇسۇل بىلەن بىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، سىزنىڭ كۆزىڭىز يورۇقلۇققا تولدى، چۈنكى ئۇلار قاراڭغۇلۇقنى كەينىدە توسۇپ تۇردى.

  «ۋەقەلىكنىڭ ئېھتىياجى دەپ ئويلاپ، بۇنىڭ ھەقىقىي رىئاللىق ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتىمەن.» بۇنداق كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنىڭ رېئاللىق بىلەن تەسىرلىك بىرلىشىپ كېتىشىدىكى مىساللار يەنە ناھايىتى كۆپ. يېقىندىن بۇيان ئوخشاشلا قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان «سەرگەردان يەرشارى 2» نى ئېلىپ ئېيتساق، كىنودىكى تاماشىبىنلارنىڭ كۆزىگە ياش ئالغان «50 ياشتىن ئاشقانلار ئالدىغا چىقىڭلار» دېگەن جۈملىگە «قىرغۇچى 16» ئۇچقۇچىمۇ ئوخشاش جاۋاب بېرىپ «ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا چوقۇم بىزدەك چوڭلارنى ئاۋۋال چىقىرىش كېرەك؛ بىز چوقۇم بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك، چۈنكى كەينىمىزدە تۇرغىنى خەلق» دەيدۇ... مەيلى ساقچى ياكى ھەربىي بولسۇن، ئۇلار ھۆرمەتكە سازاۋەر، ھايات-ماماتتىن قورقمايدۇ، بىر تەرەپنىڭ ئامانلىقىنى قوغدايدۇ؛ ئۇلار قەدىرلىك، ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرنىڭ بەختىنى قوغدايدۇ. بۇ بىزگە كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغىنى كىنو-تېلېۋىزىيە ۋەقەلىكى بولماستىن بەلكى رېئاللىقتىكى چىڭ تۇرۇش، تۆھپە قوشۇش ۋە كۈرەش قىلىشتىن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

  «نەدىمۇ يىللار تىنچ بولسۇن، پەقەت شۇ بەزىلەر سىز ئۈچۈن ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ»، قەھرىمانلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى چۈشىنىش، قەھرىمانلارنىڭ بايانىنى ئاڭلاش ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەر بۇ سۆزنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندى. بەزىلەر «ئۇلار بۈگۈنكى كۈندە ئەڭ قوغلىشىشقا تېگىشلىك چولپانلار» دەيدۇ؛ يەنە بەزىلەر «مانا بۇ قىزىق نۇقتىلىق خەۋەرلەردە بولۇشقا تېگىشلىك ھالەت» دەيدۇ. دەرۋەقە، بىر مەزگىلدىن بۇيان، جەمئىيەتنىڭ نۇرلۇق چىرىغى ئاستىدىكى «چوققىدا تۇرغانلار» نىڭ كۆپىنچىسى چولپانلار بولۇپ، ھەر خىل قىزىق خەۋەرلەر پىتنە-پاساتلار بىلەن تولۇپ كەتتى، بۈگۈنكى كۈندە، كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى ۋە ئۇزارتىلىپ داۋاملاشتۇرۇلغان خەۋەرلەر ئارقىلىق كىشىلەر ئەزەلدىن دىققەت قىلىپ باقمىغان «ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر»گە يېقىنلاشتى. تورداشلار بىر كۇنۇپكا-بىر كونۇپكىدىن بېسىپ چىقارغان «ئۆزگىچە قىزىق نۇقتا» دېگەن سۆزلەر ئاددىي قەھرىمانلارغا بولغان ئاددىي ھۆرمەت، شۇنداقلا ئىجتىمائىي قىممەتكە بولغان بىر قېتىملىق ئاكتىپ يۆنىلىشلىك تۈزىتىش.

  قەھرىمانلارغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز، قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىمىز. شۇنى كۆرۈش كېرەككى، تۈمەنلىگەن قەھرىمانلار ئەمەلىيەتتە جانلىق ئادەتتىكى ئادەملەر، پەقەت ئېتىقاد، ئارزۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆزىنى ئۇنتۇغان، قورقماس، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق كىشىلەردۇر. بۇمۇ ھەر بىر ئاددىي سىز ۋە مېنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزدە بولۇشقا تېگىشلىك روھ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ