مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لياۋنىڭ ئۆلكىلىك تەرەققىيات، ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ خۇڭمىڭ پارتىيەدىن قوغلاندى، خىزمەتتىن ھەيدەلدى

2023.02.01 14:19 مەنبە: خەلق تورى

  لياۋنىڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا: يېقىندا، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن لياۋنىڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى لياۋنىڭ ئۆلكىلىك تەرەققىيات، ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى ۋاڭ خۇڭمىڭنىڭ قانۇن- ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن.

  تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، ۋاڭ خۇڭمىڭ غايە-ئېتىقادىنى يوقىتىپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچتىن يۈز ئۆرۈپ، كۆپ سوممىلىق پۇل خەجلەپ ئەمىلىنى ئۆستۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ ئالدىنىپ كەتكەن، دەلىل ـ ئىسپاتلارنى يۆتكەپ، يوشۇرۇپ، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلاشقان؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى كۆزگە ئىلماي، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات قوبۇل قىلىپ، باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ ماشىنىسىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئارىيەت ئالغان؛تەشكىلىي پىرىنسىپقا خىلاپلىق قىلىپ، ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە دوكلات قىلماي، كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش-تەيىنلەش خىزمىتىدە باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن؛ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى قوبۇل قىلىش ۋە كارخانا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە نەپ يەتكۈزۈپ، ئۇلاردىن زور سوممىلىق پۇل-مالنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان.

  ۋاڭ خۇڭمىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان ھەمدە پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ بۇ ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتمىغان، قولىنى يىغمىغان، خاراكتېرى ئېغىر، تەسىرى يامان بولغان، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك.«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مەمۇرىي جازا بېرىش قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ھەمدە لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومغا يوللاپ تەستىقلىتىش ئارقىلىق ۋاڭ خۇڭمىڭغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىشنى قارار قىلدى؛لياۋنىڭ ئۆلكىلىك رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇنىڭغا خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بەردى؛ ئۇنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلدى؛ ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسىنى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى، چېتىشلىق مال-مۈلۈكنىمۇ بىرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ