مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كۈتۈنۈش پۇلى ئېلىش سالاھىيىتىنى دەلىللەشكە ئالاقىدار ئىشلار! ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇقتۇرۇشى

2023.02.01 14:18 مەنبە: خەلق تورى

  كۈتۈنۈش پۇلى ئېلىش سالاھىيىتىنى دەلىللەش ئالدىنقى قېتىم دەلىللەتكەندىن كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە خالىغان ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلسا بولىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، جايلار 2023-يىللىق كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتى ئېلىش سالاھىيىتىنى دەلىللەش خىزمىتىنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇۋېتىپتۇ. ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشاش، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار ئالدىنقى قېتىم دەلىللەتكەندىن كېيىنكى 12 تەبىئىي ئاي ئىچىدە ۋاقىتنى خالىغانچە تاللاپ دەلىللەتسە بولىدۇ.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چى تاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ياشانغانلار دۆلەت ئىجتىمائىي سۇغۇرتا جامائەت مۇلازىمەت سۇپىسى تور بېكىتى ياكى «ئالىقاندىكى 12333» قاتارلىق ھۆكۈمەت يانفون ئەپ دېتالى ئارقىلىق چىراي تونۇتۇپ دەلىللەتسە بولىدۇ؛ چېگرا سىرتىدا ئولتۇراقلاشقان بولسا، يەنە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ «جۇڭگو كونسۇلى» يانفون ئەپ دېتالى ئارقىلىق دەلىللەشنى تاماملىسا بولىدۇ؛ ياشانغانلار ۋە ھەرىكىتى قولايسىز ئالاھىدە كىشىلەر توپى ئىشىك ئالدىغا كېلىپ دەلىللەشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتلىرى ئىشىك ئالدىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتى ئېلىش سالاھىيىتىنى مەركەزلىك دەلىللەشنى ئەمەلدىن قالدۇردى ھەمدە ئۇچۇر سېلىشتۇرۇش ئاساس قىلىنغان، ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت ۋە يىراق مۇساپىلىك ئاپتوماتىك دەلىللەش بىرلەشتۈرۈلگەن دەلىللەش يېڭى مېخانىزمىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىپ، دەلىللەش مۇلازىمىتى قىلىش، دەلىللەشتە ئاز قاترىتىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياشانغانلارغا دەخلى قىلىشنى ئىمكانقەدەر ئازايتتى.

  چى تاۋ تونۇشتۇرۇپ «شەخسلەر چىراي تونۇتۇپ دەلىللىتىش ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئىشىك ئالدىغا بېرىپ دەلىللىگەندىن باشقا، بىز يەنە چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى سېلىشتۇرۇپ دەلىللەشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈۋاتىمىز. يەنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات جامائەت خەۋپسىزلىكى، خەلق ئىشلىرى، سەھىيە، ساغلاملىق، قاتناش-ترانسپورت قاتارلىق تارماقلار بىلەن سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆزى ھېچقانداق مەشغۇلات قىلمىسىمۇ، ئىسپات بېرىشنى تاماملىغىلى بولىدۇ. 2022-يىلى، مەملىكەت بويىچە تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسىم پېنسىيەگە چىققان خادىم سانلىق مەلۇماتلارنى سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق دەلىللەشنى تاماملىغان، كېيىن بۇ نىسبەت بارغانسېرى ئۆرلىدى» دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ