مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېشىل تىپقا ئۆزگەرتىلگەن پورت تېخىمۇ تۆۋەن كاربونلۇق پورتقا ئايلاندى (چاغاندىكى ئاساسىي قاتلام زىيارىتى)

2023.02.01 10:03 مەنبە: خەلق تورى

  «تيەنجىن پورتىدىن خېبېي دىڭجوۋغا قاتنايدىغان ھىدروگېن ئېنېرگىيەلىك ئېغىر يۈك ئاپتوموبىلى ھازىر يولغا چىقىدۇ...» چاغاننىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 27 ھىدروگېن ئېنېرگىيەلىك ئېغىر يۈك ئاپتوموبىلى تيەنجىن پورتىدىكى پارچە مال مەيدانىدىن تەرتىپلىك يولغا چىقتى.

  تيەنجىن رۇڭچېڭ گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى گاۋ يۈكې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئاپتوموبىللار تيەنجىن پورتى بىلەن خېبېي ئۆلكىسىدىكى شۈياڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى ئارىلىقىدا كوكس توشۇيدۇ. ھەربىر ئاپتوموبىلنىڭ يەككە لىنىيەلىك توشۇش مىقدارى تەخمىنەن 30 توننا، بىر كۈندە بىر ئاپتوموبىل ئىككى قېتىم بېرىپ كېلەلەيدۇ. بۇ يىل تيەنجىن پورتىدىن رۇڭچېڭ پولات-تۆمۈر زاۋۇتىغىچە بولغان يېشىل يولدا ھىدروگېن ئېنېرگىيەلىك يۈك ئاپتوموبىلى تېز ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، پۈتۈن مۇساپىلىك پورتنى راۋانلاشتۇرۇش يولىدا بۇلغىما قويۇپ بەرمەسلىك تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ». ئەنئەنىۋى يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىلغا سېلىشتۇرغاندا، ھىدروگېن ئېنېرگىيەلىك يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ئۈنۈمى ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك.

  شوپۇر ليۇ دۇڭشەن ھىدروگېن ئېنېرگىيەلىك يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ يېرىم يىلدىن ئارتۇق قۇم-شېغىل توشۇدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ خىل يېڭى تىپتىكى مۇھىت ئاسرايدىغان ئاپتوموبىل بىخەتەر، راھەت، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى كۈچلۈك، كابىنكىنىڭ شاۋقۇنى تۆۋەن، ھىدروگېنلىق ئېنېرگىيە قاچىلانغاندىن كېيىن بىۋاسىتە دىڭجوۋغا ھەيدەپ بارغىلى بولىدۇ. بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشتىن ئىلگىرى، تيەنجىن پورتى كۆمۈر ۋە رۇدىنى ئاپتوموبىلدا توشۇشنى ئاساس قىلاتتى، قالدۇق گاز قويۇپ بېرىش مىقدارى كۆپ بولۇپ، پورت رايونىنىڭ ھاۋا مۇھىتىغا ئىنتايىن قاتتىق تەسىر كۆرسىتەتتى». ھىدروگېن يېقىلغۇلۇق باتارىيەنىڭ ئىشلىتىلىشى تيەنجىن پورتىنىڭ پاكىز، يېشىل تاش يولىنى راۋانلاشتۇرۇشنىڭ ئىقتىدار دەرىجىسىنى كېڭەيتىپ، بۇلغىمىنى ئازايتىش، كاربوننى تۆۋەنلىتىشنىڭ ماسلىشىش ئۈنۈمىنى داۋاملىق ئاشۇردى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ھازىر پورت رايونىنىڭ ھاۋاسى ياخشىلاندى، مۇھىتى تېخىمۇ گۈزەللەشتى».

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تيەنجىن پورتى گۇرۇھى مال كىرگۈزۈش-چىقىرىش مىقدارى دولقۇنسىمان سىزىقىنىڭ ئۆرلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كاربون قويۇپ بېرىش سىجىللىقىنىڭ دولقۇنسىمان سىزىقىنى مۇقىم تۆۋەنلەتتى. تيەنجىن پورتى گۇرۇھى پەن-تېخنىكا ئۇچۇر ئەسلىھەلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى چېن يەنپىڭ مۇنداق دېدى: «2012-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، تيەنجىن پورتىنىڭ مال كىرگۈزۈش-چىقىرىش مىقدارى %12 ئاشتى، يۈك ساندۇقى كىرگۈزۈش-چىقىرىش مىقدارى %64 ئاشتى، كاربون قويۇپ بېرىش سىجىللىقى % 16تۆۋەنلىدى».

  تيەنجىن پورتى گۇرۇھىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «قۇرۇقلۇق تەرەپتە، تيەنجىن پورتى گۇرۇھى ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پورت ماشىنىلىرىنى پاكىزلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇپ، پاكىز ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى». ھازىر بېيجياڭ پورت رايونىنىڭ C بۆلىكىدىكى ئەقلىيلەشتۈرۈلگەن يۈك ساندۇقى پىرىستانى %100 يېشىل توك ئىشلىتىدىغان، يېشىل توكنى %100 ئۆزى ئىشلەپچىقىرىپ ئۆزى ئىشلىتىدىغان نۆلكاربونلۇق پىرىستانغا ئايلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدىكى «كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش» نى ئىشقا ئاشۇردى.

  ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ھازىر تيەنجىن پورتىدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن شامال كۈچى، يورۇقلۇق ئارقىلىق توك چىقىرىش سىستېمىسىنىڭ گېنېراتور سىغىمچانلىقى 28 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، يىلىغا 60 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېقىن يېشىل توك تارقىتىپ، 18 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنى تېجەپ، يىلىغا 50 مىڭ توننىدىن ئارتۇق كاربون تۆت ئوكسىدنى ئاز قويۇپ بېرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ