مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېزىلاردا ئەشيا ئوبوروتى تېخىمۇ راۋانلاشتى (چاغاندا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش)

2023.01.31 23:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەتىگەن سائەت 6 دىن ئاشقاندا، چىڭجياڭ دەرياسىنى نېپىز تۇمان قاپلاپ كەتتى، مەخسۇس لىنىيە شوپۇرى لى جىپېڭ خۇبېي ئۆلكىسى چاڭياڭ تۇجيا ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ «تاۋسەيسەي» سۇپىسىنىڭ ئايرىش ئامبىرىغا كىرىپ كەتتى.

  «ئىچى بۇرۇنلا قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ، بىر نەچچە شوپۇر ئۇستام ئىسكىلاتقا كىرىپ بولغان ئىدى.» لى جىپېڭ چاڭياڭ ناھىيەسى دۇجېنۋەن بازىرى يۆنىلىشىدىكى مەخسۇس لىنىيەنىڭ شوپۇرى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 201 مېتىردىن 2259 مېتىرغىچە بولغان تاغ ئارىسىغا دۇجېنۋەن بازىرىدىكى 26 مەمۇرىي كەنت جايلاشقان. توشۇش كۈچىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ئۈچۈن، دۇجېنۋەن بازىرىغا ئەۋەتىلىدىغان تېز يوللانمىلارنى ئاساسەن لى جىپېڭ توشۇيدۇ.

  تېز يەتكۈزۈش ماللىرى يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى دېگۈدەك قاپلىدى، ئىشلەپچىقىرىلغان جايمۇ مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى قاپلىدى. يۈننەن چۈجىڭنىڭ قىزىل پوستلۇق باش پىيىزى، خېنەن جۇماديەننىڭ قىشلىق موگۇسى، خەينەن چېڭمەينىڭ بارماق بانانى...

  كەنتلەر تارقاق بولغاچقا، تېز يوللانمىلارنىڭ ھەممىسىنى بىۋاسىتە ئۆيگە ئاپىرىپ بېرىش ئاسان ئەمەس. ئولتۇراقلىشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، لى جىپېڭ پۈتۈن بازارنى 41 توپلاش نۇقتىسىغا بۆلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «تېز يوللانمىلار توپلاش نۇقتىسىغا يەتكۈزۈلىدۇ، كەنت ئاھالىلىرى توپلاش نۇقتىسىغا كېلىپ ئۆزى ئېلىۋالغاچقا، يەتكۈزۈش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستى.»

  بۇ بىر تۈركۈم تېز يوللانمىنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى ئۈچ توننىغا يېقىن بولۇپ، بىر توپلاش نۇقتىسىغا ئاپىرىپ بولغاندىن كېيىن كابىنكىغا قايتىپ كىرگەندە، لى جىپېڭنىڭ يۈزىدە نۇرغۇن تەر تامچىلىرى پەيدا بولغان ئىدى. چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، لى جىپېڭ يەنىلا خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇردى. لى جىپېڭ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «يۇرتداشلار تېز يوللانمىنى بالدۇرراق ئېلىۋېلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، بىر كۈنمۇ توختاپ قېلىشقا بولمايدۇ.»

  يۈك ئاپتوموبىلى ئەگرى-بۈگرى تاغ يولىدا كېتىۋاتقاندا، پات-پات ئېتىزدىكى كەنت ئاھالىلىرىنى ئۇچرىتىپ قالىدۇ. لى جىپېڭ: «تېز يوللانمىڭىز كەلدى، توپلاش نۇقتىسىغا بېرىپ ئېلىۋېلىڭ» دەيدۇ. يولدا، بەزىدە كەنت ئاھالىلىرى ئۇنىڭ ناھىيە بازىرىغا نەرسە-كېرەك ئالغاچ كېتىشىنى ئېيتىدۇ. «بۇ يەردە ھەممە ئادەم دېگۈدەك مېنى تونۇيدۇ.» لى جىپېڭنىڭ چىرايىدىن قانائەت تۇيغۇسى ئۇرغۇپ تۇراتتى. ئۇ: «بۇ يىل دادام مىنىبۇس ئېلىپ، دۇجېنۋەن بازىرىدا ماڭا ياردەملىشىپ بىر قىسىم توپلاش نۇقتىلىرىنىڭ تېز يوللانمىلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرمەكچى» دېدى.

  كەچ سائەت سەككىزدىن ئاشقاندا، لى جىپېڭ ئاخىرى ئەشيا ئوبوروت باغچىسىغا قايتىپ كەلدى. مۇساپە كۆرسەتكۈچىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ بىر كۈندە ئۇ 250 كىلومېتىرغا يېقىن يول يۈرگەن ئىدى. لى جىپېڭ ئىككىنچى كۈنىدىكى بىر قىسىم تېز يوللانمىلارنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە كەچ سائەت 10 دىن ئاشقان ئىدى. تېز يەتكۈزۈش خادىملىرى توختىماي چېپىپ ۋە چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئەشيا ئوبوروتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر يولىنى ئېچىپ، يۇرتداشلارنىڭ ماددىي مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ